ئەقىقە ئەھكاملىرى
(سۇئال-جاۋابلار) 1-قىسىم
جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك:
ئەقىقە ھەر بىر ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈزى كۆرگەندە ئاللاھ تائالاغا شۈكرانە يۈزىسىدىن قىلىشقا دۇچ كېلىدىغان سۈننەت پائالىيەتلەردىندۇر، بىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ماقالىمىزدا ئەقىقىنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە ئىخچامراق قىلىپ بىر-بىرلەپ توختىلىپ ئۆتىمىز. ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەكىگە ئاساسلىنىپ ماڭىمىز.
ئەقىقە دېگەن نېمە؟
ئەقىقە: ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بوغۇزلىنىدىغان قۇربانلىقتىن ئىبارەت.
ئەقىقەنىڭ شەرئى ھۆكمى نېمە؟
ئەقىقە ئىسلام يولغا قويغان پائالىيەتلەردىن بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا شۇنداقلا كۈچلۈك قاراشتا ئەقىقەنىڭ ھۆكمى سۈننەتتۇر. پەرز دەپ قارىغان، سۈننەتلىكى مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن، قىلسا ئىختىيارى دېگەن ئالىملارمۇ بولغان.
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشى بىلەن بىللە ئەقىقە قىلىپ قان قىلىش باردۇر، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىۋېتىڭلار، ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار».(سەھىھۇل بۇخارى 5472-ھەدىس)
بۇ ھەدىستە ئوغۇل بالا دېگەن بولسىمۇ باشقا ھەدىسلەردە ئوغۇل بالىغا ئىككى، قىز بالىغا بىر قوي كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئەقىقە قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن ھەممىگە قىلىنىدۇ.
ئەقىقە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغاننىڭ ئورنىغا پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەل بولۇپ مۇشۇ قاراش كۈچلۈكتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى نەۋرىسى ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان ھەم مۇسۇلمانلارنى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىغان. ناۋادا ئەقىقە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغاننىڭ ئورنىغا پۇلىنى سەدىقە قىلىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلۋەتتە ئەقىقىنىڭ ئورنىغا سەدىقە بەرگەن بولاتتى. مانا بۇ ئەقىقە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىشتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىقە ئۈچۈن قان قىلىشتا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئەھيا قىلىش، ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش باردۇر.
ئەقىقە قىلىشقا بۇيرۇلغان كىشى كىم؟
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەرزەنتكە قارىتا ئەقىقە قىلىش بۇيرۇلغان كىشى پەرزەنتنىڭ ئاتىسىدۇر. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمگە پەرزەنت تۇغۇلسا، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا قۇربانلىق قىلسۇن، ئوغۇل بالىغا تەڭ ياشتىكى ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي».(تىرمىزىي 1513-ھەدىس)
ئەگەر ئاتىسى يوق يىتىم بالا بولغان تەقدىردە ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: ئەقىقە چىقىمى يىتىم بالىنىڭ مال-مۈلكىدىن قىلىنىدۇ، ئاكىسى ياكى تاغىسى ئەقىقە قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇلمايدۇ، ئەگەر يىتىم بالىنىڭ مال-مۈلكى بولمىسا ئەقىقىنى ئانىسى قىلىپ بېرىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەسەن بىلەن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىشى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بولسا، يا رەسۇلۇللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىغان، يا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا مال بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ئەقىقە قىلىدىغان قۇربانلىقنى بەرگەن ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا قىلىپ قويغان دەپ ئىزاھلانغان.
ئاتىنىڭ ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا ئەقىقە قىلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشى كېرەكمۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئەقىقە سۈننەت ئىش بولغاچقا پەرزەنتنىڭ ئاتىسىنىڭ قول ئىلكىدە ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىساد بولمىسا ئۇنىڭغا ئەتەي قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قىلىشى كېرەك ئەمەس. بۇلارنىڭ قارىشىدا ئاتا يوقسۇل بولسا ئۇنىڭغا ئەقىقە قىلىش تەكلىپى بېرىلمەيدۇ.
پەقەتلا ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: ئاتىنىڭ ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا، قەرز ئېلىپ ئەقىقە قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قەرزىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغان بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، چۈنكى ئۇ بىر سۈننەتنى ئەھيا قىلغاندۇر.
دېمەك: قەرز ئېلىشى كېرەك ئەمەس، ئەھۋالىغا قاراپ قەرزنى قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ قىلسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.
ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتنىڭ ئەقىقىسى قىلىنامدۇ؟
ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا بولغان: كۈچلۈكرەك قاراش شۇكى: پەرزەنت تۇغۇلۇپ ئەقىقىسى قىلىنىپ بولغىچە ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ ئەقىقىسى قىلىنىدۇ. چۈنكى ھەدىسلەردە ئەقىقىنىڭ سەۋەبىنى تۇغۇلۇش دەپ كۆرسەتكەن. ھايات قېلىشىنى شەرت قىلمىغان.
يەنە بىر قاراش: پەرزەنت تۇغۇلۇپ ئەقىقىسى قىلىنىپ بولغىچە ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئەقىقىسى قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئەقىقە پەرزەنت تۇغۇلۇشتىن پەيدا بولغان خوشاللىق ئۈچۈن ھەم شۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن يولغا قويۇلغان پائالىيەتتۇر، شۇڭا پەرزەنت تۇغۇلۇپ ئەقىقىسى قىلىنىپ بولغىچە ئۆلۈپ كەتسە، يولغا قويۇلۇش سەۋەبى يوقالغان بولىدۇ.
كېچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنماي قالغانلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلامدۇ؟
ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا. چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىدۇ، دەپ قارىغانلار ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغان، دېگەن بەيھەقىي، ئىبنى ھەزم ۋە تابارانىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە تايىنىپ: كېچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنماي قالغانلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. باشقىلار بۇ ھەدىسنى ئاجىز ياكى سەھىھ ئەمەس دەپ قاراپ چوڭ بولغاندا قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.
بۇ ھەدىسنى دەلىل بولۇشقا يارىمايدۇ دەپ قارىغاندىمۇ باشقا دەلىللەر چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: پەرزەنت كىچىك چېغىدا ئەقىقىسىنى قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئاتىسى قىلىشقا بۇيرۇلغان، ئاتىسى قىلماي پەرزەنت چوڭ بولۇپ مال-مۈلكى بولسا ئەقىقىسىنى ئۆزى قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.
ئىبنى سىيرىين مۇنداق دېگەن: ناۋادا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىقىسى قىلىنمىغانلىقىنى بىلسەم، ئەلۋەتتە ئۆزۈم ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان بولاتتىم.(ئىبنى ئەبى شەيبە مۇساننەفتە رىۋايەت قىلغان) ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: سېنىڭ ئەقىقەڭ قىلىنمىغان بولسا، چوڭ ئادەم بولساڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىۋەتكىن،(ئىبنى ھەزم مۇھەللادا رىۋايەت قىلغان)
ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى ئاجىز دەپ قارىغان بولسىمۇ، كېچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنماي قالغانلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلسا ياخشى، دەپ قارىغان. يەنە ئاتىسى يوقسۇل بولغاچقا پەرزەنتىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلالماي كېيىن بالىسى چوڭ بولغاندا پۇل تاپقان بولسا، قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا: بىلمەيمەن، چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىش توغرىسىدا بىرەر ھەدىس ئاڭلىمىدىم، دېگەن. ئاندىن: ئۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ، بەزى ئالىملار ئەقىقە قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ، دېگەن.(تۇھفەتۇل مەۋدۇد)
بىر قورساقتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بالا تۇغۇلۇپ قالسا ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم ئەقىقە قىلامدۇ؟
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئىمام لەيستىن: بىر قورساقتا ئىككى بالا تۇغۇلۇپ قالسا ھەر بىرىگە ئايرى-ئايرىم ئەقىقە قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ، دېگەنلىكىنى نەقل قىلىپ: ئالىملاردىن بىرەرسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىچە قاراشتا بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، دېگەن.
ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مالنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مالدا مۇنداق شەرتلەر تېپىلىشى لازىم:
1- تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بولىشى شەرت. ئۆچكە، قوتاز ۋە گومۇشلارمۇ شۇنداق.
2- ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مال شەرىئەت بەلگىلىگەن ياشقا توشقان بولىشى شەرت. بۇ ماللارنىڭ شەرتى قۇربانلىق مال ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ياش بولۇپ، قۇربانلىققا يارىمايدىغان كىچىك مال ئەقىقىگە يارىمايدۇ.
3- ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مالنىڭ ئەيىب-نۇقساندىن خالىي بولىشى شەرت. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەقىقىگە قارغۇ، كېسەل، توكۇر، قولىقى، مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلگەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەيىپلىك ماللار يارىمايدۇ.
ئوغۇل بالا ئەقىقىسى ئۈچۈن قانچە قوي قان قىلىنىدۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملار ئوغۇل بالىغا ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي ئەقىقە قىلىش مۇستەھەب، ئوغۇلغا نىسبەتەن بىر قوي بىلەن سۈننەت ئادا بولىدۇ، ئىككى قوي بىلەن مۇكەممەل ئادا بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراش دەلىل جەھەتتىنمۇ كۈچلۈكرەك. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمگە پەرزەنت تۇغۇلسا، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا قۇربانلىق قىلسۇن، ئوغۇل بالىغا تەڭ ياشتىكى ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي».(تىرمىزىي 1513-ھەدىس)
ئەقىقە ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتا بىرقانچە كىشى شېرىكلەشسە بولامدۇ؟
كۈچلۈك قاراشتا بىرقانچە كىشى بىر قانچە ئەقىقە ئۈچۈن بىر كالىغا ياكى بىر تۆگىگە شېرىكلەشسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر قوي قان قىلىشىنىڭ ئورنىغا شۇ قۇربانلىقنىڭ يەتتىدىن بىرى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى ئەقىقە قۇربانلىق مال بىلەن ھەرەمگە ھەدىيە ئاتىۋەتكەن مالغا ئوخشاش بولۇپ، بۇلاردىن مەقسەت بىر، ئۇ بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەش. قۇربانلىق مال بىلەن ھەرەمگە ھەدىيە ئاتىۋەتكەن مال يەتتە كىشىگە يېتەرلىك بولغاندىكىن، ئەقىقىمۇ قىياس جەھەتتىن يەتتە قوي ئورنىدا تۇرىدۇ.
تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
24-8-2010