باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2330 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جاللات شىڭ شى سەي ئۆلتۈرۋەتكەن كىشىلەر
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-20 22:04

جاللات شىڭ شى سەي ئۆلتۈرۋەتكەن كىشىلەر

1. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر دېمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرىۋەر شائىر، ئازادلىق، تەڭلىك، دىمۇكىراتىيە ۋە ئىلىم مەرىپەتنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى- 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان يېڭى شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىدىن تارتىپ مەرىپەتچى، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولغاچقا ئابدۇخالىقنى كىچىكىدىنلا بىلىملىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە، قولىدىن كىلدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شەرىت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
ئابدۇخالىق دەسلەپتە دىنىي ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، مەخسۇت موھىتىلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان.
1914-يىلدىن 1916-يىلغىچە تۇرپان شەھرىدىكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدىن باشقا خەنزۇ ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئايلنىپ سودا قىلىش جەريانىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر بىلەن تونۇشقان، سۆھبەتلەردە بولغان.
ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىمۇكىراتىك ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. مەخسۇت موھىتى بۇ ياش شائىرنىڭ جەڭگىۋار، قورقماس روھىدىن تەسىرلىنىپ 1923-يىلىدىن 1926-يىلغىچە يەنە قايتىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ياردەمدە بولغان.
ئابدۇخالىق 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1927-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۇت موھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <ئاقارتىش جەمئىيتى> قۇرۇپ، 3000 سەر كۆمۈش تەنگە ئىئانە توپلاپ، تۇرپان شەھىردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ قۇرۇپ، ئوقۇغۇچى سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن ۋە تۇرپان يېڭى مائارىپىنىڭ دولقۇنىنى قوزغىغان.
ئۇ، بۇ جەريانىدا 1932-يىلى تۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت موھىتىلار باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ئاكىتىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.
1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى سەپداشلىرى بىلەن رەھمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <ئويغان>، <ئاچىل>، <مۇزلىدى>، <ياز تۈنى>، قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.



2. قۇتلۇق شەۋقى(1876-1937)
ئۇيغۇر دېمۇكىراتىڭ ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى، ۋەتەنپەرىۋەر ئالىم، داڭلىق تارىخشۇناس، ژورنالىست، نەشىرىياتچى، ئىلىم-مەرىپەتنى-خەلقنى ئويغىتىش ۋە قوزغىتىشنىڭ ياخشى قۇرالى دەپ ھېسابلىغان ئۇلۇغ زات. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1876-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.
ئۇ كىچىكدىن تارتىپلا تىرىشچان، ئەقىللىق بولغاچقا پەننىي ۋە دىنىي ئىلىملارنى تىزلا ئۆگىنىۋالغان. بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدىرىستە، چەتئەلەردىكى داڭلىق مەرىپەت بۆشۈكلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېىيىن، مەشھۇر ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللام، تەجەللىي، شەمشىدىن دامۇللام، موللا ئىسلام دامۇللام قاتارلىق مەسلەكداشلىرى، باۋۇدۇنباي، ھۆسەنباي قاتارلىق دوسىتلىرى بىلەن ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى بىللە ئېلىپ بىرىپ، ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ گۈللىنىشگە ئاساس سالغان، نەشىرياتچىلىقنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى قويغان.
ئۇ ئۆز ھاياتىدا خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ، <ئەركىن ھايات> نامىلىق گېزىتنى نەشىر قىلىپ، جەڭگىۋار شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. <قەشقەر تارىخى> ناملىق يىرىك ئەسىرىنى يېزىپ قالدۇرغان. ئالىمنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدىن ساراسىمگە چۈشكەن جاللات شىڭ شىسەي ئۇنى پاجىئەلىك ھالدا 1937-يىلى ئۆلتۈرگەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <ئانا تىل>، <بۇغراخان> قاتارلىقلار بار...



ئابدۇللا داموللام
(1898-1940)

مەشھۇر جامائەت ئەربابى ، غۇجانىياز ھاجى ۋە تۆمۈر سىجاڭنىڭ يېقىن سەپدېشى ، ئابدۇللا داموللام 1898-يىلى تۇغۇلغان . ئۇ ئائىلە تەربيىسىدىن كېيىن تەرەققىپەرۋەر، دادىسىنىڭ ھىمايسى ئاستىدا توقسۇن ۋە لۈكچۈندىكى مەدىرىسلەردە ئوقۇغان ، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ، ئۆتكۈر ، ئەقىللىق بولغاچقا بارلىق بىلملەرنى تېزلا ئۆزلەشتۈرۈپ يۇرت ئىچى ۋە جامائەت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ <داموللام > دېگەن شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان .
قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلغاندىن كېيىن ئۇ ئىنقىلابقا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ ، تۆمۈر سىجاڭ بىلەن بىللە قەشقەرنى ئىشغال قىلغان ، كېيىن قەشقەردە مەمۇرى مەھكىمنىڭ ۋالىسى بولغان ھەم غۇجانىياز ھاجىنىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان .
1934-يىلى تۇرپانغا قايتىپ ، جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1935-يىلى شىڭ شىسەي ئۈرۈمچىگە چاقىرىتپ كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىق خىزمىتنى بەرگەن . 1936-يىلى ئۆلكىلىك مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى بولغان ، شۇ كۈنلەردە شڭ شىسەي ساقچى باشقارمىسنىڭ باشلىقى سىيىت ھاجى بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرگە قاتناشقان .
1938-يىلى ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنڭ نازىرى بولغان ، 1940-يىلى 2-ئايدا قولغا ئېلىنىپ ، شىڭ شىسەي تۇرمىسىدە غۇجا نىياز ھاجى بىلەن بىللە تۈرمىدە ئۆلتۈرىلگەن .


غۇجا نىياز ھاجى
(1889-1938) .

قۇمۇل دېقانلار قوزغىلىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى . زۇلۇمغا ئېزىلىشكە قارىشى ئوت يۈرەك ئېنىقلابچى ، غۇجا نىياز ھاجى 1888 - يىلى قۇمۇلدا دۇنيا كەلگەن. ئۇ ئائىلە تەربىيەسدىن كېيىن قۇمۇلدىكى داڭلىق مەدىرىس خانلىق مەدىرسدە ئوقۇغان. ئۇ زىرەك ،كېچەن ئەقىلىق بولغانچقا دىنىي ۋە پەننىي ئىلمىلەرنى تېزىلا ئىگەللىۋالغان.
1912 -يىلى تۆمۈر خەلىپە قۇمۇل ۋاڭىي شاخ مەقسۇتقا قارىشى قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە غۇجا نىياز ھاجى بۇ قۇشۇنغا پىدايى بولۇپ قاتنىشىدۇ . ۋە نۇرغۇن غەلبىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ قوشۇن ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرنىدۇ. 1913 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قومۇل دېقانلار قوزغىلىڭنىڭ رەھبىرى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۇرگەندىن كېيىن غوجا نىياز ھاجى ئەسكەرلەرگە قوماندالىق قىلغان بولسىمۇ ئەمما قۇرال ياراقلارنىڭ ناچار بولۇش تۈپەيلىدىن، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالماي تۇرۇپ قالىدۇ. ھەم شاھ مەقسۇت ۋاڭ بارلىق چارە - تەدىبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ غۇجا نىياز ھاجىنى تۇتۇشقا كىرشىدۇ. غۇجا نىياز ھاجى ئەسكەرلەرنى تارقاقلاشتۇرۋېتىپ ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ چەتئەللەردە يۈرگەن كۈنلەردە داڭلىق ئوفېسىرلاردىن ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، دوستى مەقسۇت مۇھىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان <<مەدەنىيەت پەرىۋەرلەر >> ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولغان ئابدۇللا باقى روزىيوپ بىلەن كۆرۈشۇپ زور بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئېلىدا تۇرۇپ ئۈرۈمچى ئارقىلىق قۇمۇلغا قايتىدۇ.
1927 - يىلى مەقسۇت مۇھىتى ، مەخمۇت مۇھىتلار بىلەن بىرلىشىپ زۇلۇمغا قارىشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن غەلبىگە مۇيەسسەر بولغانلىقى ئۈچۈن غۇجا نىياز ھاجىدا تېخمۇ يۈكسىلىش بولىدۇ.
ئۇلار بىر نىيەت بىرې مەقسەتتە قۇمۇل ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلىدۇ.
1932 - يىلى 6 - ئايدا قوزغىلاڭچىلار غۇجا نىياز ھاجىنى باش قوماندان قىلىپ بەلگىلەيدۇ. غۇجا نىياز ھاجى ئۆزى يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ تېخمىۇ مۇرەككەپلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتپ بارلىقىنى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ تەرتىۋىگە ئۇلارنىڭ غەلبىسگە ئاتايدۇ. 1932 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئازاد قىلىشقا يۈرۈش قىلىدۇ. 1934 - يىلى غۇجا نىياز ھاجى شىڭ شىسەينىڭ تەكلىۋى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆلكىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. 1938 - يىلى كۈزدە قۇمۇل دېقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى
ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسم مەدەنىيەت ئەربابلىرى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۇرمىدا بوغۇپ ئۆلتۇرۈلىدۇ.


مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق(1901-1937)
20-ئەسىرنىڭ 20- 30-يىللىرى دىيارىمىزنى قاراڭغۇلۇق جاھالەت قاپلىغان ۋاقتىلار بولۇپ ، سىياسىي تۈزۈمدە مۇستەبتىلىك ، دىنى ئېتىقاددا خۇراپاتلىق ، بىددەت ئەۋج ئالىدى . خەلق خارار زەبۇنغا ، مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەندى. خەلق تۇرمۇشى كەمبغەللىككە ، مەنىۋى ھايات قەھەتچىلىككە ئۇچرىدى. مىللىي ھايات قۇرقۇنۇشلۇق تەقدىرگە دۇچ كەلدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئوت يۇرەك شائىر، مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندىم كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ، جاھەلەتكە جەڭ ئېلان قىلىدى.
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇش شەھەرىگە قاراشلىق ئازاق يېزىسسنىڭ بۇيامەت كەنىتىدە بىر تېۋىپ ئائىلىسدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئائىلە تەربيىەسىدىن كېيىن ئېكساق ھۈسەيىنىيە مەكتىۋى ۋە ئاتۇش تېجەن مەكتەپتە ئوقۇدى. 1920-يىلى دادىسى بىلەن بىللە سودا قىلىش ئۈچۈن چۆچەككە بېرىپ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ يەردە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتتى.
1926-يىلى چىگردىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەمەي، تاشكەنت ، بىشكەك شەھىرىللىرىدە بىر تەرەپتىن سودا قىلسا، بىر تەرەپتىن ئىلىم تەھسىل قىلىدى.
1928-يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىندىشىنىڭ يارىدىمى بىلەن قېرىم يېرىم ئارىلى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىستامبول شەھرىگە باردى.
1929-يىلىدىن 1932-يىلغىچە تۈركىيە ئىستامبولدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى. ئۇ شۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ تۈركىيە مەتبۇئادلىرىدا ئېلان قىلدى.
1933-يىلنىڭ ئاخرىلىرى ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىلغار پىكرىلىك دىمكۇراتىك زاتلار بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، 34-يىلىنىڭ ئاخرىغىچە ئاتۇشنىڭ ھەممىلا كەنىتىدە پەننى مەكتەپ ئېچىپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىر بالداق پەللىگە كۆتۈردى ۋە ئىزچىلار ئەتىرتىنى تەشكىل قىلىپ ، ھەر قايسى يۇرتلارغا بېرىپ ، باشقىلارنى پەننىي مەكتەپ ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى.
1937-يىلى 30-ماي كۈنى شىڭ شىسەي ھاكىمىيتىنىڭ قەشقەردىكى ژاندارمىللىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.
مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <سايرام كۆلى > ، <ئىزچىلار مارىشى > ، < مەرىپەت مارىشى > قاتارلىقلار بار . ئۇنىڭ 2000-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن مەمتىلى ئەپەندى شېئرلىرى ناملىق ئەسرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى .




ئابدۇراھمان شائىر
(1912-1937)ئۇيغۇر خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تەرغىباتچىللىرىدىن بىرى، مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ ياراملىق شاگىرىتى ئابدۇراھمان شائىر 1912-يىلى ئاتۇشنىڭ ئىشتاچى كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۆسمۈرلۈك دەۋىرگە قەدەم قويغان يىللىرى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە قارا شەھەرگە كۆچۈپ بىرىپ، شۇ يەردىكى ئىپتىدائى دىنىي مەكتەپلەردە دەسلەپكى ساۋادىنى چىقىرىدۇ. شۇ جەرياندا ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، شائىرلىق تالانتىنى يېتىلدۈرىدۇ.
مەمتىلى ئەپەندىم ئاتۇشتا يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان يىللىرى ئۇ ئاتۇشقا قايتىپ كىلىپ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكىتىپ قاتنىشىدۇ.
ئۇ ئويغىتىش خاراكتېرلىك ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلق ئاممىسى ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە بولىدۇ. 1935-يىلى ئاتۇش مېىي باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ. كېيىن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنى قوزغاش توغرسىدىكى تاپشۇرۇقى بويىچە، ئاقسۇغا بىرىپ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار بىلەن بىرلىكتە <سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان> مەكتىۋى، <ئابباسىيە مەكتىۋى>، <غازى ئاتا مەكتىۋى>، <نىيازىيە مەكتىۋى>، <ئىسمائىلىيە مەكتىۋى>، <ئىقبال مەكتىۋى>، <سابا مەكتىۋى>، <گۈلشەن مەكتىۋى>، <ھامۇدىيە مەكتىۋى>، <سادىقىيە مەكتىۋى> ، < يۇنۇسىيە مەكتۋى>، < تۆمۈر غازى ئاتا مەكتىۋى> قاتارلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاقسۇ دىياردىكى قېرىنداشلارنىڭ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىگە ئاتلىنىشىغا ياخشى ئاساس سالغان.
بۇ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىغان ئابدۇراھمان شائىر ھەمراھلىرى بىلەن ئاتۇشقا كىلىپ، مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ ئاتۇشتىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ياردەملەشكەن.
مەمتىلى ئەپەندى شۇ يىللاردا ئۆزىگە كىلىۋاتقان ھەرخىل تەھدىتلەردىن، دۈشمەنلىكلەردىن ھاياتىنىڭ خەۋىپ ئىچىدە قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جامائەت ئالدىدا < ناۋادا مەن بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ قالسام، مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ، خىزمەتلىرىمنى شاگىرىتىم ئابدۇرھمان شائىر داۋاملاشتۇرسۇن > دەپ ۋەسىيەت قىلىدۇ.
ئەپسۇسىكى، بۇ قىران شائىر ئۇستازى قولغا ئېلىنىپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىنلا جاللات شىڭ شىسەي ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۇستازى مەمتىلى ئەپەندى بىلەن بىرگە قەشقەر ياۋاغ تۇرمىسىدە 1937-يىلى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرىلىدۇ.



رۇستەم پالۋان
(1900-1936)
رۇستەم پالۋان 1900 - يىلى ئاتۇشنىڭ قايراق يېزىسىدا مەرىپەتپەرىۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلە تەربىيەسىدىن كېيىن، دەسلەپكى ساۋادىنى يۇرتىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغان.
1908-يىلدىن 1915- يىلغىچە ئىكساق ھۆسەينىيە مەكتىۋىدە ئوقۇپ، ئۆز دەۋىرىنىڭ مەلۇماتلىق ياشلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن.
1916- يىلى دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا سودا-سېتىق تىجارەتىگە چىققان. ئۇ كىچىكىدىنلا مەرىپەتكە ھېرىسمەن بولغاچقا بۇ ياش يىگىت دادىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن سودا-سېتىقنى تەرىك ئىتىپ، تاشكەنتتىكى يېزا - ئىگىلىك تېخنىكوم مەكتىۋىدە ئوقۇغان. تاشكەنىتتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قىزىقىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى بولۇپمۇ چىلىشىش تەنھەرىكەت تۈرىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ۋاقىتتا ياشلار ئىچىدە رۇستەم پالۋان دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. ئۇ ئەينى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىللىرى ۋە چىلىشىش مۇسابقىللىرىدا ئالاھىدە ماھارەت كۆرسۈتۈپ، ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن.
1920- يىلى دادىسى بىلەن تۈركىيەگە چىقىپ، 1926- يىلغىچە شۇ يەردە سودا-سېتىق ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ، ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزىدا دۇككان ئاچقان.
30- يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندا ئۇ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كەلدى دەپ سودا-سېتىق ئىشلىرىدىن ۋاز كىچىپ، قەشقەرگە كەلگەن.
ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇنغا ھەربىي ماھارەت ئۆگىتىدىغان كوماندىر بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇستا مەرگەنلىكى بىلەن ئامما ئارىسىدا ئىناۋەت ۋە شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولغان.
قوشۇن رەھبەرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن.
رۇستەم پالۋان 1936- يىلى دىكابىردا خائىنلارنىڭ سۈيقەستى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر تۈرمىسىدە مىڭلىغان ئەزىمەتلەر قاتارىدا جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

شەرىپقان تۆرە (1900-1942)

شىنجاڭ يېقنقى زامان تارىخدىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بىرى شەرىپقان تۆرە، 1900-يىلى ئالتاي شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىللىرى ئەينى يىللىرى مەنچىك خاندالىقغا خىزمەت قىلىپ، جىڭ، گۇڭ دېگەن مەنسەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان. كېينچە بۇ مەنسەپ ئۇنىڭ ئاتىسغا مىراس قالغان.
شەرىپقان تۆرە ئائىلە تەربىيەسىدىن كېيىن، دېنى مەكتەپلەردە دىنى بىلملەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1920-يىللارغا كەلگەندە روسىيەگە ئوقۇشقا بارغان. ئەمما ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان، ئۇ روسىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1922-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ياڭ زېڭشىن ئاچقان مۇڭغۇل، قازاق مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. شەرىپقان بۇ مەكتەپنى پۈتتۇرۈپ 1927-يىلى بۇرۇلتۇقايغا ھاكىم بولىدۇ. 1928-يىلدىن باشلاپ ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىگە قارىشى ھەرىكەت باشلايدۇ. 1930-يىلى جىن شۈرېن شەرىپقاننى ئۈرۈمچىگە چاقرىپ ئۆلىكىلىك ھۈكۈمەت ئەزاسى قىلىپ بىكتىدۇ.
شەرىپقان شۇ كۈنلەردە جىمىنىيەدە سوۋېت سودا باشقارمىسى بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ. 1933-يىلدىن باشلاپ ئالتايدا مەدەنىي مائارىپنى يولغا قۇيۇپ مەكتەپ سالىدۇ. مەكتەپكە كېلىپ 12نەپەر تېخنىك يېتىشتۈرۈپ گىزىت-ژورنال چىقىرىدۇ. كىنو ئاپراتى ئېلىپ كېلىدۇ. ماجۇڭيىڭ قسملىرىدىن ماجى، ماخەييىڭلار ئالتائايغا بېسىپ كىرگەندە، قوشۇن تەشكىل قىلىپ ئۇلارنى قوغلاپ، ئالتاينىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدۇ. كېيىن شىڭ سىسەي شەرىپقاننى ئالتاي ۋالىيسى، قوشۇمچە گارنىزون قوماندانى قىلىپ ئۆستۈرىدۇ.
1939-يىلى 10-ئايدا شىڭ شىسەي ئۇنى ئۈچ مىللەت قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىپ ئۈرۈمچىگە چاقىرتىدۇ ۋە يىغىندىن كېيىن ئۇنى ئالتايغا قايتۇرماي 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى قولغا ئېلىپ، 1942-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
مەنبە: ئاشىق مۇنبىرى
http://axik.biz/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=116
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.