ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى ۋە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىنى بىزگە قانۇن قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بېقىندۇرۇپ بىزنى ھازىرقىدەك ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلمىگۈدەك ھالەتكە كەلتتۈرۈپ قويدى.
قېرىنداشلار چوڭلارنىڭ مۇنداق دېگەن ماۋۇ مويسىپىت كىشى مۇنداق دېگەن دەك گەپلەرگە ئىشەنمەڭلار! قولىمىزدا قانۇنى دەستۇر بولغاندىكىن شۇنى كۆرۈپ تەپەككۇر قىلىپ چۈشۈنۈپ كۆرەيلى. ئاتالمىش نوپوزلۇق بەزى تېرە تاراقلىتىدىغان ئۆلىمالارنىڭ يوللىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋەرمەيلى. ئۇلۇغ رەببىمىز بىزنى ھىدايەت قىلغاي، ئامىن!