باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 464 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەتىۋا، مۇپتى ۋە پەتىۋا سورىغۇچىلارنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى توغرىسدا
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 15:40

پەتىۋا، مۇپتى ۋە پەتىۋا سورىغۇچىلارنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى توغرىسدا

پەتىۋا، مۇپتى ۋە پەتىۋا سورىغۇچىلارنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى توغرىسدا

شەيخۇل ئىسلام مۇھيىددىن ئەبى زەكەرىييا يەھيا ئىبىن شەرەف ئەننەۋەۋىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)نىڭ

شەرھۇل مۇھەززەب ناملىق كىتاۋىنىڭ مۇقەددىمىسىدىن قىسمەن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى

(
ھىجرىيە 631- 676 )

پەتىۋا، مۇپتى ۋە پەتىۋا سورىغۇچىنىڭ ئەدەب- ئەخلاقىي توغرىسىدىكى باب

بىلگىنكى، بۇ ناھايىتى مۇھىم باب، ئونى ئومۇمنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ يازدىم.

بۇ خۇسۇستا ئەلھاۋىي كىتابىنىڭ مۇئەللىپىنىڭ ئۇستازى ئەبۇلقاسىم ئەسسەيمەرى، ئەلخەتىب ئەبۇ بەكر ئەلھافىز ئەلباغدادى، ئۇنىڭدىن كېيىن شەيخ ئەمرۇ ئىبىن سىلاھ قاتارلىق بىر بۆلۈك بۇرادەرلىرىمىز كىتاپلارنى يازغان. بۇلار ھەر بىرى باشقا ئىككىسى بايان قىلىپ باقمىغان ئەڭ نەفىس مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەن بۇ ئۈچ كىشىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ، ئونىڭدىن مۇھىم دەپ بايان قىلغانلىرىنى ھەممىگە چۈشىنىشلىك ۋە قىسقا جۈملىلەرگە يىغىنچاقلىدىم ۋە ئۇلارنىڭ نەفىس مەزمۇنلىرىغا ھەمشىرىك بولىۋالدىم. ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇۋەپپىقىيەتكە مۇشەررەپ قىلسۇن!

بىلگىنكى، پەتىۋا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئورنى يۈكسەك، پەزىلىتى كاتتا ئىشتۇر. چۈنكى، مۇپتى پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ ۋارىسىلىرىدىندۇر. ئۇ خاتالىققا دۈچ كىلىش ئىھتىمالى بولغان،پەتىۋادىن ئىبارەت پەرز كۇپايە ئەمەلنىڭ شۇغۇللانغۇچىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇپتىغا قارىتىپ، مۇپتى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان كىشى دەپ نام بىرىلگەن.

ئىبنى ئەلمۇنكەدىردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: « ئالىم ئاللاھ بىلەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قانداق چۆكۈشنى بىلىشى لازىم»

سەلەف ( ئىلگىرىكى) ۋە خەلەف (كېيىنكى) لەرنىڭ ھەممىگە مەلۇم نۇرغۇن مەسىلىلەردە پەتىۋا بىرىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر بار. بۇلاردىن مىسال ئۈچۈن بىر قىسىملىرىنى بايان قىلىمىز:

ئابدۇرراھمان ئىبىن ئەبى لەيلانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى ئەنسارىلاردىن 120 كىشى بىلەن مۇلاقەت بولدۇم. ئۇلارنىڭ بىرىدىن بىر سۇئالنى سورىسىڭىز بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ، ئاخىرىدا دەسلەپ سورالغان كىشىگىچە يىتىپ كىلەتتى.

ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئابباس ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) لارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: سۇرالغان سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە پەتىۋا بەرگەن كىشى مەجنۇندۇر.

شەئبى ، ھەسەن ۋە ئەبى ھەسىن (ھەسەن ئەمەس) قاتارلىق تابىئىن (ساھابىلەرنى كۆرگەن كىشىلەر) لەرنىڭ « ئەگەر سىلەر پەتىۋا بىرىۋاتقان مەسىلە ئۆمەر ئىبىن خەتتابتىن سورالغان بولسا ئىدى، ئۇ شۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن بەدىر ئورۇشىغا قاتناشقانلارنى توپلىغان بولاتتى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە سەھنۇنلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«كىشىلەرنى پەتىۋا بىرىپ چارچىتىپ قويغان كىشى ئىلىمسىز كىشىدۇر»

ئىمام شافىئى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن بىر سۇئال سورىلىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە جاۋاپ بەرمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نىمىشقا جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقىنى قايتىلاپ سورىغان. ئىمام شافىئى« پەزىلەت جاۋاپ بىرىشىمدىمۇ ياكى سۈكۈت قىلىشىمدىمۇ شۇنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن كۈتتۈم » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ھەيسەم بىن جەمىيل« ئىمام مالىكنىڭ سورالغان 48 سۇئالنىڭ 32گە بىلمەيمەن دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن.

ئىمام مالىكنىڭ بەزىدە 50 سوئال سورىسا بىرىگىمۇ جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرمۇ بار. ئۇ ھەمىشە « كىمىكى بىر مەسىلىگە جاۋاپ بەرمەكچى بولىدىكەن، ئۇ جاۋاپتىن ئىلگىرى ئۆزىنى جەننەت بىلەن دۇزاخقا تەڭلەپ بېقىشى، ئۇنىڭدىن قانداق ئامان بولۇش ھەققىدە ئويلانغاندىن كېيىن جاۋاپ بىرىشى لازىم» دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى.

بىر قېتىم ئۇنىڭدىن بىر سوئال سورالغاندا بىلمەيمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن. سۇئال سورىغۇچى- بۇ دېگەن ئاسان بىر مەسىلىغۇ دېگەندە، ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ : ئىلىمدە ئاسان، يەڭگىل دەيدىغان گەپ يوق» دېگەن.

بۇ ھەقتىكى بايانلار ناھايىتى كۆپ...

بىز بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پەتىۋا سورىغاندا، ئالىملىرىنىڭ پەتىۋا بەرگەندە، پەتىۋانىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئىتىبارغا ئېلىشىنى، پەتىۋانىڭ ئەدەب- ئەخلاقىغا ئىزچىل رىئايە قىلىشنى، ھېچكىمنىڭ قالايمىقان پەتىۋا بەرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئا.قارلۇقى تەرجىمىسى
 
ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك