خىلى ۋاقىتلاردىن بىرى مەن ئىزچىل تۈردە دېرىكىنى قىلىۋاتقان بىر كاتۇن فىلىم بار، ئۇ بولسىمۇ ياپونىيىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى -«مېم». ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بالىلىق مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «مېم» قويۇلغان ۋاقىتلاردا بىز ئاش-تامىقىمزنى تاشلاپ قويۇپ كۆرىدىغان…ئەمەلىيەتتە، بالىلارلا ئەمەس، چوڭلارمۇ قىزىقىپ كۆرۈشكەن ئىدى.
«مېم»نىڭ ھەربىر قىسىمىدا بىز مەلۇم بىر كەشپىيات،مەلۇم بىر ئالىم …قاتارلىقلار ھەققىدە پەننى ساۋادلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ ھەربىر قىسمى ئىنتايىن قىزىقارلىق ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس ئىدى.
«مېم»- ئەسلى 127قىسىم بولۇپ (ئېسىمدە قىلىشىچە ئەينى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 30قىسىم ئەتىراپىدىغۇ دەيمەن) 1983-يىلى ئىشلەنگەن . فىلىم ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بۆلىمى تارىختا ئۆتكەن ئالىم،كەشپىياتچى ۋە مەلۇم تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ھەققىدىكى ھېكايىلەر. ئىككىنچى بۆلىمى پەن -تېخنىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى فانتازىيىلەردىن تەشكىل تاپقان.
ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ بىرىنچى بۆلىمىنمۇ تولۇق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدۇق. «مېم»دا ئالىم-كەشپىياتچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسى ئەھۋالى بۇرمىلانمىغان ئاساستا، مېم ۋە كارتون فىلىمدىكى يەنە بىر ئاساسى پېرسوناژ بولغان ئاكا-سىڭىللارۋەقەلىك ئىچىگە ماھىرلىق بىلەن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋەقەلىكنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان.
بۈگۈنكى كۈندە مائارىپتا«ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئېلىش» نى بەك تەكىتلەۋاتىمىز،ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ؟
ياپونىيىنىڭ بۇ كارتون فىلىمى دەل بۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاب بولىشى مۇمكىن .ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ئەينى يىللاردىكى شۇ بەڭۋاش كاللىمىزدائۇ يەتكۈزگەن كۆپلىگەن پەننى ئۇچۇرلارھىلغىچە ساقلىنىپ قالدى.
NDI4MzI3MjU
NDI4MzIxODg
NTE5NTg2NTM
NDI4MzA2Njg
NDI4MjkxMDA
NDI4Mjc0NTU
NDI4MzQ0MjU
NDI4MzM0OTY
قالغىنىنى ئالدىرىماي تولۇقلاپ قوياي،،،،،،بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن،،،