يەھۇدىي ئىرقىدىن بولغان بىر ئۇرۇس ئىسرائىلىيەگە كۆچۈشكە رۇخسەت ئاپتۇ. چېگرىدىن
چىقىدىغان چاغدا رۇس تامۇژنا خادىملىرى ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەكشۈرۈۋېتىپ لېنىننىڭ (كۆكرەك ئۈستى) ھەيكىلىنىڭ كىيىمگە يۆگەكلىك تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
- بۇ نېمە؟
- بۇ نېمە؟ دېگەن سۇئال خاتا، يولداش! - دەپتۇ يەھۇدى، بۇ كىم؟ دېيىشىڭىز كېرەك. بۇ لېنىن. سوتسىيالىزىمنىڭ قۇرغۇچىسى،
رۇس خەلقىگە ياخشىلىق قىلغۇچى كىشى. مەن بۇنى بەرىكەتلىك كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسى سۈپىتىدە يېنىمدا ئالدىم.
بۇنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن رۇس خادىم:
- ماقۇل، ئۆتسىڭىز بولىدۇ. - دەپ چېگرىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.
تېل-ئاۋىۋ ئايدىرومىغا كەلگەندە تامۇژنا خادىمى ھەيكەلنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
- بۇ نېمە؟
- بۇ نېمە؟ دېگەن سوئال خاتا قۇماندانىم. بۇ كىم؟ دېيىشىڭىز كېرەك. بۇ لېنىن. بۇ ساراڭ ئەبلەخنىڭ كاساپىتىدىن رۇسىيەدىن
ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ھەر كۈنى ئۇنىڭغا قاراپ لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن يېنىمغا ئېلىۋالدىم. - دەپتۇ يەھۇدىي.
بۇنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن ئىسرائىلىيەلىك خادىم:
- بولىدۇ، چېگرىدىن ئۆتسىڭىز بولىدۇ. – دەپ ئۇنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.
بۇ كىشى ئۆيىگە كەپتۇ. ھەيكەلنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئورۇق-تۇققانلىرىنى چاقىرىپتۇ. بىر جىيەنى سوراپتۇ:
- بۇ كىم؟
- بۇ كىم؟ دېگەن سوئال خاتا، قوزام. – دەپتۇ يەھۇدىي. بۇ نېمە؟ دەپ سورىشىڭ كېرەك. بۇ 10 كىلوگرام ساپ ئالتۇن. باج تۆلىمەي،
تامۇژنا ھەققى، باشقۇرۇش ھەققى تۆلىمەيلا ساق-سالامەت ئېلىپ كەلدىم.
مەنبە: ئېلخەت ساندۇقۇمغا كەلگەن يۇمۇرلاردىن. تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى دىلارا.
ئەسلى تېكىست:
Yahudi asıllı bir Rus; İsrail'e göçme iznini alır. Çıkışta, Ruslar bagajını denetlerken elbiselerin arasındaki Lenin’in büstünü bulurlar:
- Bu nedir?
Yahudi:
Bu nedir? sorusu yanlıştir yoldaş!.. Bu kimdir? demeniz gerekirdi!. Bu Lenin’dir, sosyalizmin temellerini atan,
Rus halkına iyilikler getirendir. Bende bunu bereketli günlerin anısı diye yanıma aldım...
Etkilenmiştir Rus görevli:
- Tamam, geçebilirsiniz!
Tel Aviv havaalanında gümrük memuru büstü görür ve sorar:
- Bu nedir?
Yahudi:
- Bu nedir? sorusu yanlişdir paşam!. Bu kimdir? demeniz gerekirdi!.. Bu Lenin’dir.
Bu deli cani yüzünden Rusya'yı terk etmek zorunda kaldım! Yanıma aldım ki her gün ona bakıp bakıp lanet okuyayım!
Etkilenmiştir İsrailli görevli:
- Tamam, geçebilirsiniz!.
Adam evine gelir, büstü büfenin üstüne koyar, gelişi nedeniyle de akrabalarına davet verir. Yeğenlerden biri sorar:
-Bu kimdir?
Yahudi:
- Bu kimdir? sorusu yanlişdir kuzum! Bu nedir? demen gerekirdi!..Bu; on kilogram, yirmi dört ayar altın, vergisiz, gümrüksüz, üstelik KDV’siz!!!