باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1069 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇخبىرمەن   (مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان شېىرى )
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-18 18:45

مۇخبىرمەن   (مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان شېىرى )

مول ھوسۇللۇق ئىجادكار ، تالانىتلىق يازغۇچى ۋە شائىر . ئۇيغۇر خەلىقنىڭ سۈيۈملۈك پەرزەنتى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بۈگۈن يەنى 2011- يىلى 11- ئاينىڭ 18 كۈنى سەھەردە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بەخىتكە قارشى ۋاپات بولدى .



تۇۋەندە مەرھۇمنىڭ ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-يىل 3-سانىدا ئىلان قىلغان ئىككى پارچە  شىئىرىنى كەڭسايدىكى قىرىنداشلارغا سۇندۇم

مۇخبىرمەن!
چىن ئەقىدەم بار قۇياشتەك يانغان،
كۈچ ئالىمەن ئۇلۇغ زېمىندىن،
ئەلنىڭ كۈلكىسى مېنىڭ ئۇزۇقۇم.
ئەل بەرگەچكەپەرۋازنامەمنى
مەن سامادا شۇخ قانات قاقىمەن.
مۇخبىرمەن!
گۇيا تاجىسىز شاھمەن-سۇلتانمەن،
ئۇخچۇپ تۇرغان زىلال فۇنتانمەن،
يېنىپ تۇرغان نۇرلوق گۇلخانمەن.
مۇخبىرمەن !
ھەقىقەتنىڭ جاكارچىسى مەن،
تاڭنىڭ ياڭراق ناۋاچىسى مەن،
ئايىقىمدىن ئۇنەر گۇل -چىمەن
يۇرت-يۇرىتلاردا دوسلىرىم بار
تۇمەن ۋە تۇمەن
مەن يازىمەن
ئەلنىڭ كۈلكىسىنى،يىغىسىنى ھەم،
چىدىيالمايمەن،
ئەگەر خەلقىم تارىتسا دەرد-ئەلەم.
ئەلنىڭ بەختى مېنىڭ شاد كۈلكەم،
مەن يازىمەن
ھاياتتىكى ئىمتىھانلارنى ،
مۇشكۇللەرگە باش ئەگمەيدىغان ،
قەھىرمان ۋە پاسىبانلارنى .
ھەقىقەتتىن پۇتكەن -پۇتۇلگەن
رەڭ ،بۇياقسىز چىن داستانلارنى .
مۇخبىرمەن !
تارقىتىمەن سۆيگۇ -مۇھەببەت ،
يارىتىمەن ئىجاد ،شىجائەت،
ئۆز كەسپىمدىن سۆيۈنەر قەلبىم،
مەن ئۇچۈن ئۇ،مەڭگۇلوك لەززەت
تۇگىمەس ئامەت.
         قۇياشنىڭ چىھرىدىن تاپتىم ئىسمىڭنى (نادىرۇپ  زىخروللام قەبرىسى ئالدىدا)
    ئولمەس پاڭ رۇھىڭنى قۇچاغلاپ بۇگۇن
تىڭىشىدىم مەڭگۇلوك زەپەر كۇينى
قەلبىمدىن قۇغلىنىپ ئەركىنسىز تۇيغۇ
قۇياشنىڭ چىھرىدىن تاپتىم ئىسمىڭنى
..........................................
شىجائەت ناخشىسى ياڭرىغان تاڭدا
ئاق بايراق چىقاردى تۇننىڭ زۇلمىتى
شۇم ،تەتۇر ئىستەكلەر بۇلوپ كومپەيكۇم
ئازاپتا ئىڭرىدى رۇھنىڭ كولپىتى
............................................
جۇلالىق چولپاندەك چاقنايسەن بۇگۇن
قەدرىڭنى بىلمەكتە گۇلگۇن ۋۇجۇدلار
تارىخنىڭ ئۇچمەس شۇ سەتلىرىدە
زۇلومنى كۆيدۇرۇپ يانىدۇ ئۇتلار
.......................................
تاڭلاردىن ھۇركۇيدۇ ئۇيقا خۇمارلار
يۇق ئۇلار زەپەرنىڭ ئىتكاپلىرىدا
چىللايدۇ ھۇقۇشتەك تۈن شامىلىنى
مەھكۇملوق ناخشىسى بۇلغاچ پەتىۋا
................................................
قارا چۇش قەسرىگە بەخشەندە بۇلوپ
تىڭشىماس يۇرىكى جەسۇر كۇيلەرنى
ئەمالىق دەشتىدە سېھىرلەنگەچكە
كۆرمەسكە سالىدۇ نۇرلوق كۇزلەرنى
.............................................
قاتىلغا لەۋزىداش جاللاتلىق ئۇيلار
ئۇيقۇنى ئۇلۇمگە قىلار ئىمىلداش
شۇندىمۇ بار يەنە بىدارئىستەكلەر ،
يانىدۇ ھەر تاڭدا بۇلوپ نۇر-قۇياش
............................................
رۇھڭنىڭ كۇيىنى تىڭشايدۇ ئەۋلاد
بىلىدۇ قەبرەڭنى ئەزىز تاۋاپكار ،
قۇياشتەك يالقۇنلوق پىچىرلىشىڭدىن
يانىدۇ لاۋادەك ئۇچمەيدىغان <<ئاھ>>
.................................................
يۇلتۇزلار نىۋاقىت كۆز يۇمغان كېچە
ئارمانلىق جىسمىڭنى كەتكەنتىڭ تاشلاپ .
مىڭ لەنەت شارابىڭ ئىزىۇتقىسىغا
جۇدادىن تۇيغۇمىز قالدى كۆز ياشلاپ .
..................................................
ئانىجان يۇرتۇڭدىن كەتكىڭ يۇق ئىدى ،
قىسمەتلەر چاپۇتلاپ يىقىتتىمۇ يا،
ئۆتەي دەپ ھاياتنىڭ ئىمتىھاندىن ،
ئۇندۇڭمۇ قايتىدىن بۇلوپ گۇل -گىياھ،،



ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ تەرجىمھالى


ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ،بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە درامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان.

1985-يىلى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنچى قېتىملىق«شىنجاڭنى سۆيىمەن» دېگەن تېمىدامۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىشتا ئۇنىڭ ناخشا تېكىستىگە ئىشلەنگەن«تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ»،« يۇلتۇزۇم»،«تولۇنئاي»دېگەن ناخشىلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ، ناخشا-ئۇسۇل، دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پىرگۇراممىلىرى،«شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان. ئۇ، مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ،مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكى«تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى»پرگۇراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدامۇخپىرلىق قىلىپ،500دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان«يۈكسەل قورغاس»،«سېھىرلىك سىمپونىيە»،«پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار»،«باغرىڭنى ئاچ باغراش»،«خسىلەتلىك بۇلاق»،«ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتاتغۇبىلىك» قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان.ئۇ ھازىرغىچە«ياشلىق ساداسى»،«نوزۇر ناۋاسى»،«ناۋالىق دىيار تۇرپان يۇزى»،«ناۋا ۋە جۇلا»،«دۇنيا ۋە ئاياللار»قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستى ۋە ئېتوتلارنى يازغان.

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان«سىرلىق ئۆڭكۈر»،«سۆيگۈ گۈلى»،«چاقىرغۇلۇق قىزلار»ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكى«يالغانچى تۇسۇق»قا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .

ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق« شېئىر »،«چاقىرغۇلۇق قىزلار»،«يالغۇز تام»،«بىزنىڭ دۇكان» قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە،«تىڭىرقىغان ئەپسانىلەر»،«سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر»،«يىللار ۋە ئىنسانلار» قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا شاراپ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە»،«ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا»،«ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە»،قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان
.................
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-11-20 12:05قايتا تەھرىرلىدى ]
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 832
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە832دانە
ئۆسۈش: 2402 %
مۇنبەر پۇلى: 8371 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-06

Re:مۇخبىرمەن   (مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان شېىرى )

جۈمە كۈنى ۋاپات بوپتۇ،
ئاللاھ ئەزىز زاتىمىزىنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي!
ئۇ كىشى چوڭلارمۇ، ياشلارمۇ ھەم سەبىيلەرمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا تېكىستلىرىنى يېزىپ  چىققان ئىدى . 
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-11-19 00:23قايتا تەھرىرلىدى ]
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 597
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە597دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 6175 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-18 19:35

ياتقان يىرى جەننەتتە  بولسۇن!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 1755 %
مۇنبەر پۇلى: 6773 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 00:26

ئىننەلىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن !

قىلىدىغان ئىككى ئېغىز ياخشى گېپىڭلار بولسا قىلىڭلار ! نىمە تۈگەپ كەتكەن   ئادەمنىڭ ئارقىدىن سۆز جىقايتىسىلەر ، قانداقلا بولسۇن ياراتقۇچى ئۆزى ھەممىنى بىلگۈچى !

ئارتۇق كەتكەن ئىنكاسلارنى ئۆچۈرىۋەتتىم .
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-11-19 01:00قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 982
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە982دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10288 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 00:34

ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .ئامىن.
没有共产党,没有新中国
دوستلىشىش
بەختىياروف
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9300
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-01-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 06:33

قالۇ ئىننەلىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن !
دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
ن شا ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈزى يۇقاتقان ئىززەتنى ئۈز& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2011-12-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 15:15

قالۇ ئىننەلىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن,     ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .ئامىن
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1804 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-01-06
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-20 04:35

زىفروللام ئەمەس،زىخروللام ئىدى. يەنى <<ف>> ئەمەس،<<خ>> ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىدى.
قەھرىماننىڭ ئىسمىنىمۇ تەھرىرلەپ يازمايلى.ئەۋلادلىرىمىز قايمۇقۇپ قالمىسۇن.
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 449
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2011-12-08
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 15:45

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى جەڭچى نىڭ 2011-11-19 00:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .ئامىن.

دېگىنىڭىز كەلسۇن (ئامىن!)
ھەر بىر جان ئېگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىلاردۇر........
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......