باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1896 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا ئلىمسىز سۆزلەشنىڭ خەتىرى ھەققىدە
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-18 17:55

ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا ئلىمسىز سۆزلەشنىڭ خەتىرى ھەققىدە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sirik تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2011-11-21)
ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا ئېلىمسىز ھالدا سۆزلەشنىڭ خەتىرى ھەققىدە

شەرئىي ئىلىمدىن خەۋىرى يوق ئادەملەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ساغلام ئەقلى بار ھەرقانداق ئىنسان ياخشى بىلىدۇ. بۇ تېمىدا بىلىپ سۆزلىمەي، ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە كۆز- قاراشلىرىنى شۇ ساھە ئەھلىگە قويۇپ بەرمەي، ئۇنى نادانلارچە ئاللاھنىڭ دىنى نامىدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئەقىلگە ئويغۇن ئەمەسلىكى،ھەممىگە ئايدىڭ ئەقەللى ساۋات. دەرۋەقە، يۈرىكىدە كېسەل بار ئادەم چىش دۇختۇرىنىڭ تەلىماتىغا بىھاجەت بولغاندەك، ماشىنىسىنىڭ كامىرى يېرىلىپ كەتكەن كىشىمۇ تۈمۈرچىنىڭ قىلغان تەۋسىيەسىلىرىگە بىھاجەت...

مانا مۇشۇنداق ھەممىگە ماقۇل كىلىدىغان خۇلاسىلەر ئىچىدىن ئەھلى ئىسلام ئارىسىدا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان، ئەمما تىپ- تىنچ بىر ھادىسىگە نىسبەتەن بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى يازدىم.

ئۇنى ھادىسە دېسەممۇ، پاجىئە دېسەممۇ بولىۋېرەتتى. چۈنكى، شەرىئەت ئىلىملىرى ساھەسىگە ئىلىپنى چۇماقمۇ دېيەلمەيدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر باستۇرۇپ كىرىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا خىلاپ ھالدا، پەتىۋا بىرىش ۋە ئىسلام دىنى پەلسەپىلىرى بويىچە نەزىرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن شۇغۇللاندى ۋە شۇغللىنىۋاتىدۇ. ھەممىگە مەلۇم تەرىپى شۇكى، ئۇ ئادەملەردە بۇخىل مەسىلىلەرگە ئارىلاشقۇدەك ئىلمىي سەۋىيە ۋە ئىلىم ئادەملىرىگە خاس سۈپەتلەر يوق.

مېنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بىر قىسىم يازغۇچى ۋە شائىرلار گېزىت- ژورناللار ئارقىلىق بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تالاش- تارتىشلارنى قىلدى، مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى ۋە بېرىۋاتىدۇ. ئەسىلدە بۇ مەسىلىلەرنى ئۇنداق شەرئي ئىلىمدىن ساۋادى يوق كىشلەر ئەمەس، ھەتتا ئىلىم ئەھلىلىرى كۆتۈرۈپ چىقسىمۇ بولمايدىغان مەسىلىلەر ئىدى.

يوقىرىقى تىمىدا، كىشىلەرنى دىنى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن تۇسۇش ياكى بەزىلەرنىڭ تەسۋىرىدىكى ”دىنى كىشىلەر“ دەپ ئاتالغان خاتا ئاتالغۇنىڭ ئېقىنىنى بويلاپ مېڭىشنى مەقسەت قىلمايمەن. لېكىن، دىننى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنىڭ چەك- چىگراسىنىڭ ئاللاھنىڭ نامىدىن سۆزلەشكە مۇناسىپ بولمىغان ئادەملەر تەرىپىدىن دەخلى- تەرۈزگە ئۈچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، يۇقىرىقىلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. دەرۋەقە بۇنداق غايە، يوقىرىقىدەك ئۆزىنىڭ سۆزلەش ۋە ھۆكۈم قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ، شەرىئەت ئىشىلىرىغا ئەللامىلەرچە ئارىلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن يوق. بۇ خىل پەرۋاسىزلىق ۋە چەك – چىگرادىن ھالقىپ كەتكەن كىشىلەرگە بىرىلگەن نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سۆزلەۋاتقىنىنى شەرىئەتنىڭ ھۆكمى قىلىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن بىرەر ھۆكمىگە سېلىشتۇرۇپ نىسبەت بىرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بىر بولسا، نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئۇيغۇن ئىلىم ۋە ئاڭ بىلەن سۆزلىگەن بولىدۇ ياكى بولمىسا ئاللاھقا بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ. مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە. بۇ، ئاللاھ تائالاغا شىرىك كەلتۈرۈشتىنمۇ ئېغىر جىنايەتلەر قاتارىدا سانىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ رەببانىيەتلىك سۈپىتىگە سەل قاراش خاھىشى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

](ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (اﷲ نىڭ شېرىكى بولۇشقا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى.[[1]

ھافىز ئىبن جەۋزى مۇنداق دەيدۇ: ” بۇ ئايەت كەسكىن دەلىل ۋە روشەن چۈشەنچە بولمىغاندا، دىن توغرىسىدا سۆزلەشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا، بىر ئىشقا ئۆزىنىڭ تەھلىلى بويىچە ھۆكۈم چىقارغان ياكى ئاساسسىز بىر نەرسىنى ھارام قىلغان ئادەملەرنى ”ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۆيدۇرۇپ چىققۇچىلار“ دەپ ئاتىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:

]ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) اللە نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، اللە نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[[2]

ھاپىز ئىبن كەسىر مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ دائىرىسىگە شەرىئەتتە ئاساسىي بولمىغان بىر ئىشتا بىدئەت پەيدا قىلغان ياكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال سانىغان ۋەياكى ئاللاھ مۇباھ قىلغان بىر ئىشنى ئۆز كۆز قارىشى ۋە ھاۋايى- ھەۋىسىگە تايىنىپ ھارام قىلغان... لارنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ.

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۆلىمالار بۇ تىمىدا ئۆزىنى ئاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنسىرى، بىر قىسىم كىشىلەر دىنى مەسىلىلەردە پەرۋاسىزلىق قىلىپ ناھايىتى چوڭ تىمىلارغا يېپىشىۋېلىۋاتىدۇ. ئىمام شەئبى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار پەتىۋا بەرگەن بىر مەسىلە ئۆمەر ئىبن خەتتابنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىنىدا، ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن، بەدر غازىتىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنى توپلىغان بولاتتى.» ئىمام مالىك- ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن- مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى بىر مەسىلىگە جاۋاپ بەرگەن بولسا، جاۋاپتىن ئىلگىرى ئۆزىنى دۇزاخ بىلەن جەننەتكە تەڭلەپ باقسۇن ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئامان بولۇشنى ئويلاپ قويسۇن، ئاندىن جاۋاپ بەرسۇن.» ئىبن مۇنكەدىر مۇنداق دەيدۇ: ئالىم ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقا ئارىلىشىدۇ. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن بىر چىقىش يولى ئىزدىشى لازىم. ئاللاھ ھەممىدىن ئالىمدۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئالىرىمىزنى يوللاش بىلەن ماقالىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.



ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1299
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1299دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 13205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-01-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 20:42

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ، ئۇلۇغ  رەببىم  بارلىق  مۇسۇلمانلارغا بىرلىك  ئىتتىپاقلىق  ئاتا  قىلغاي ،
ئىختىلاپتىن  ساقلىغاي ،  امىين  !
اللا