مۇنبەر كاتتابېشى كەڭساي ئەپەندىگە:
.
تاجىكىستان باكۇدا،
ھەريان قاتراپ يۈرىسىز .
ئۆيىڭزگە كىرەلمەي،
تورخانىدا تۈنەيسىز.
.
ئاچچىغى بار يەڭگەمنىڭ ،
كۈندە توردىن چۈشمەيىسز ،
سايىم نوچى دەيلىمۇ ،
قاش قاپاقنى يېرىپسىز .
.
.
"ئالمىچى"غا
ئىلىخو دەپ ئاڭلىدۇق
ئالمىسىنى داڭلىدۇق
يەپ باقمىدۇق ۋە لىكىن ،
سىزگە ئۈمۈت باغلىدۇق.
.
.
"تۈن لىرىكىسى"غا
.
جىن چىراغنى ياندۇرۇپ ،
توك پۇلۇڭنى ئايامسەن؟
تۈندە يازما لىرىكا ،
كۆزلۈرۈڭنى ئاسرا سەن!
.
.
.
بۇلبۇلمىكىن دىگىنىڭ ،
قۇزغۇن كەبى سايراپتۇ ،
ئۈمۈت ئۈزگىن دۈشمەندىن،
خۇدا شۇنداق بۇيرۇپتۇ.
.
.
"ھەمزە"گە
.
دىلىڭزدا ئىمان كۆپ ،
ناماز قازا قىلمايسىز ،
كىيۇ كىيۇلاردا قىزلار كۆپ ،
خەتلەر يېزىپ ھارمايسىز!
.
.
"شەخلا"غا
.
ئاينى ئاسماندا دىسەم،
كەڭسايدىمۇ ئاي بارئىكەن،
گەپلىرىڭز بەك قىزىق ،
مىجەزىڭىز شوخ ئىكەن !
.
.
"ئېسما"غا
.
يىلتىزسىز دەرەخ بولماس ،
ئۇيغۇرسىز ئۆزبېك بولماس ،
بوۋىڭىزدىن تانماڭ سىز ،
ئەجدات سۆيگەن خار بولماس!
.
تۆتىنچى رەت تەككەن ئەر ،
ۋاپا قىلماي ئايرىلدى ،
ئۈمۈت ئۈزمەڭ كەڭسايدىن ،
چىقىپ قالار بىرەرسى .
[ xahruhتەرىپىدىن2010-08-02 16:40قايتا تەھرىرلەندى ]