باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 870 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جەننەت قانداق جاي؟(باللىرىڭىزغا كۆپ ئوقۇپ بېرىڭ.)
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 215
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە215دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2011-12-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-16 23:15

جەننەت قانداق جاي؟(باللىرىڭىزغا كۆپ ئوقۇپ بېرىڭ.)

                                                              
                                                                           جەننەت قانداق جاي؟؟؟
(بالىلار ئۈچۈن)
ئېھ! جەننەت، جەننەت! بالىلار بىلەمسىلەر؟ جەننەت قانداق جاي؟ ئەگەر مەن جەننەت ھەققىدە گەپ باشلىسام گېپىم ھېچ  تۈگىمەيدۇ... ئەمما مەيلى كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئازغىنە بولسىمۇ سۆزلەپ بېرەي. قالغىنىنى چوڭ كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بولغاندا ئۆزىڭلار بىلىۋالىسىلەر. سىلەرگە جەننەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى قايسى باغقا، قايسى گۈزەل شەھەرگە ئوخشاتسام بولاركىن-ھە؟ ياق، ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا جەننەتكە ئوخشايدىغان ھېچقانداق جاي يوقدە..؟! ئۇ يەر شۇنداق چىرايلىقكى، سۆز بىلەن تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ يەرگە پەقەت بېرىپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. ئەنە شۇنداق چاغدىلا جەننەنتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. "جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان، ئادەمنىڭ خىيالدىن ئۆتمىگەن نەرسىلەر بار" دېگەن پەيغەمىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. جەننەت ھازىر بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، جەننەت ھازىر بار. ئۇ يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ ئەرشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق باغلاردىن، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريالاردىن، ئاجايىپ شەھەر ۋە مەملىكەتلەردىن، سايىسى سالقىن ئارامگاھلاردىن بېزەلگەن. جەننەتتكە كىرگەن ئادەم، بۇ دۇنيانى ئۇنتۇپ ھېچ قايتىپ چىققىسى كەلمەيدۇ. ئۇنداق قانچىلىك كاتتىلىقىنى ئېيتايمۇ؟ يەتتە قەۋەت ئاسمان بىلەن يەتتە قەۋەت يەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلسىمۇ، جەننەتكە ھەرگىز تەڭ بولالمايدۇ. جەننەت ئەنە شۇنداق ئېسىل جاي! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھېدى 100 يىللىق يىراق يولدىن كېلىپ تۇرىدۇ. جەننەت قەۋەت - قەۋەت قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى "فىردەۋىس جەننىتى" دەپ ئاتىلىدۇ. دۇنيا يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما جەننەت ھەرگىز يوقالمايدۇ. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بار. دارۋازىلار شۇنداق كەڭرىكى، ئۇ چېتدىن - بۇ چېتىگىچە 40 يىللىق يولدۇر. جەننەتنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام كېلىدۇ. جەننەت ئۇ كىشىگە ئېچىلىدۇ. جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال شۇ زات كىرىدۇ. كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئۇممەتلىرى مۆئمىنلەر، يەنى بىز مۇسۇلمانلار كىرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممەتلىرى كىرىدۇ. دىن يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر، ئىلىمىگە ئەمەل قىلغان ئالىملار، كەمبەغەللەرنى ياخشى كۆرگەن بايلار ۋە ياخشى كىشلەر جەننەتكە بىرىنجى تۈركۈمدە كىرىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمى كەمبەغەللەر ۋە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەملەر، ئېرىنى رازى قىلغان ئاياللار، خۇش پېئىل كىشلەرمۇ جەننەتكە تېزرەك كىرىدۇ. جەننەتنىڭ كۆپ دەرىجىسى بار. ئىنسانلار دۇنيادا قانچىلىك ئەمەل قىلغانلىقىغا قاراپ، تۈرلۈك خىل دەرىجىدە جاي ئالىدۇ. جەننەتنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ يېقىملىق بولۇپ، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس. دائىم ئىللىق باھاردەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئەتتىگىنى كۈن چىقىش ئالىدىدا تۇرغان بىر ۋاقىت باركى، جەننەت دەل شۇ ۋاقىتقا ئوخشاش پاكىز ھەم ساپ بولىدۇ. ئۇ يەردە قۇياش بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ھەممە جاي يوپيورۇق بولۇپ تۇرىدۇ.
بالىلار! جەننەتنىڭ مېۋىلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىكەنلىكىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ھازىر مەي باغلاپ پىشىپ، جەننەتكە كىرىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ھەرگىز. پۇراپ قالمايدۇ، سېسىمايدۇ. تىك تۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، ئولتۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، يانپاشلاپ يېتىپ ئۈزۈپ يەيمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. جەننەت مېۋىلىرى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆزى كېلىپ تۇرىدۇ. بىرنى ئۈزسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا دەرھال يېڭىسى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. ئۇ مېۋىلەر شۇنداق شېرىنكى، تەمى ئاغزىڭىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ. ئەگەر گۆش يېگىڭىز كېلىپ قالسا، ئالدىڭىزغا تۈرلۈك قۇشلار ئۇچۇپ كېلىشىدۇ. شۇنداقلا تىلغا كېلىپ سىزگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. "مەن پالانى قۇشمەن، پالان نەرسىنى يەپ چوڭ بولغانمەن، مېنىڭ گۆشىمنى يەڭ دەيدۇ-بىرسى."، "مەن پالان - پالان گۈللەرنى يەپ ئۆسكەنمەن، مېنىڭ گۆشىم تېخىمۇ شىرىن، مېنى يەڭ دەيدۇ يەنە بىرسى" سىز قايسى بىرسىنى تاللىسىڭىز، ئۇ شۇ ھامان پىشىپ، ئويلىغىنىڭىزدەك ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. يەپ بولۇشىڭىز بىلەنلا ئۇ يەنە تىرىلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. جەننەتتە بىر ئادەمگە مىڭ خىزمەتچى بولىدۇ. ئۇلار يېنىڭىزغا كەلگەندە نازۇ - نېئمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. ھەر قېتىم كەلگەندە 70 خىلدىن ئارتۇق تائاملار، سان - ساناقسىز قەدەھلەردە ئىچملىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. تاللىغان تائاملىرىڭىزدىن ئارزۇيىڭىز بويىچە يەۋىرىسىز. خالىغان ئىچملىكلەرنى ئىچىۋىرىسىز. قورسىقىڭىز تويۇپ بىئارام بولمايسىز. تائامدىن كېيىن ھاجەت قىلىش بولمايدۇ. يىگەن تائاملىرىڭىز تەرگە ئايلىنىپ ئۆزى چىقىپ كېىتدۇ. تېرىڭىزدىن چىققان شۇ تەردىن ئاجايىپ خۇشپۇراق ئەتىرنىڭ ھېدى كېلىدۇ. جەننەتتە مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، يۆتىلىش، شامالداش، كېسەل  بولۇش يوق. ئاللا ئۇ يەردە ھەممە ئادەملەرگە يېڭىدىن بەدەن ئاتا قىلىدۇ. بەدىنىڭىزدە قان، يىرىڭ، بەلغەم بولمايدۇ. نەپەسلەنگەن چېغىڭىزدا، ئاغزىڭىزدىن ئۆز-ئۆزىدىن ھەمدۇ- سانا ۋە تەسبىھ چىقىپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ھەر بىر ئىنسانغا تائام يىيىش، ئىچىش، ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن 100 ئادەمنىڭ كۈچى بېرىلىدۇ. بۇنداق ياخشىلىقلار بۇ دۇنيادا ھارام نەرسە يىمىگەن، ھارام ئىشلارنى قىلمىغان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى دېگەن ئىشلارنى قىلغان، نەپسىنى تېزگىنلىگەن ئىنسانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان.
ئى بالىلار! جەننەتتە قېرى مۇمايلار ياش قىزلارغا ئايلىنىپ كىرىدۇ. بۇۋايلار يىگىتقا ئايلىندۇ. ساقاللار بولمايدۇ.  جەننەتتە ھەممە ئادەملەر بىر خىل ياشتا يەنى 33 ياشتا بولىدۇ. ھەرگىز قېرىمايدۇ ھەم ئۆلمەيدۇ. دائىم ياش ۋە چىرايلىق ھالىتدە بولۇپ يۈرۋېرىدۇ. جەننەتتە بىر بازار بولۇپ، ئۇ يەردە ھېچنىمە سېتلمايدۇ. ئەمما ھەرخىل چىرايلىق ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ. شۇ يەرگە قايسى سۈرەت سىزگە ياقسا شۇنى تاللايسىز. سىز شۇ سۈرەتتىكى چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىسىز. شۇنداق قىلىپ جەننەتتە ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەننەتتە بىر دېڭىزدا سۇ، يەنە بىر دېڭىزدا سۈت، يەنە دېڭىزدا ھەسەل، يەنە باشقا دېڭىزدا باشقا ئىچملىكلەر بولىدۇ. ئەنە ئاشۇ دېڭىزلاردىن، دەريالاردىن توختىماي ئىچملىكلەر ئاقىدۇ. ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئەمما ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ. ئادەملەر ئۆيىدە تۇرۇپ جەننەتنى تاماشا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە يەنە بىر دەريا بار. دەريانىڭ بويىدا چىرايلىق قىزلار بولىدۇ. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق ئاۋازلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىشىدۇ. ئادەملەر كېلىپ ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنداق چىرايلىق ئاۋازنى دۇنيادا ھېچكىم ئاڭلىمىغان. ئاشۇ قىزلاردىن قايسىبىرى كىمگە يېقىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنى شۇ كىشىگە ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ شۇ زامان باشقىسىنى يارىتىپ قويىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن دەپ 72 قىز سوۋغا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىسى بۇ دۇنيادىكى قىز - ئاياللاردىن، 70 ى جەننەت ھۆرلىدىن بولىدۇ. جەننەت مۆئىمن ئاياللارمۇ ئۆزلىرى خالىغان كىشلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلقلارنى تەييارلاپ قويغان.
ئى بالىلار! جەننەت بىر دەرەخ بار. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئاستىدا ئات بىلەن 100 يىل چاپسىىڭىزمۇ سايسى تۈگىمەيدۇ. جەننەتتە قاناتلىق ئۇچار ئاتلار بولىدۇ. ئۇنى مىنسىڭىز سىزنى ئۇچۇرۇپ ئوينىتىدۇ. ئەمما يىقىتىۋەتمەيدۇ. ئېلىپ قېچىپ كەتمەيدۇ. قەيەرگە دېسىڭىز "خوپ" دەپ ئېلىپ بېرىپ سىزنى تاماشا قىلدۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا كەم ئەمەل قىلغان، جەننەتكە ھەممىدىن كېيىن كىرگەن، ئەڭ ئاز مۇكاپات ئالىدىغان كىشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئادەمگە جەننەت بېرىلىدىغان باغلار، گۇلزارلار، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن باراۋەر بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭغا يەنە شۇ دۇنيادىن 10  ھەسسە بېرىلىدۇ. ئەنە قاراڭ؟ جەننەتتىكى ئەڭ ئاز مۇكاپات شۇ بولسا، ئەمدى راسا كۆپ ئەمەل قىلغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى قانداق تەسەۋرۇر قىلغىلى بولىدۇ؟ جەننەتنىڭ شەھەر ۋە كوچىلىرى ساراي ۋە قەسىرلىرى، ھويلا - ئۆيلىرى، ئالتۇن كۆمۈشتىن، ياقۇت ۋە زەرلەردىن، مەرۋايىت ۋە زۇمرەتلەردىن بولىدۇ. يەردە چاڭ – توزان ۋە كىرلەر يوق بولۇپ، يەردە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان زەفىران بولىدۇ. بولدى بەس! جەننەتتە ئىنسانلارغا تەبىئىتىگە نېمە ياقسا شۇ بار، نېمە ياقمىسا ئۇ دوۋزاخقا يۆتكەپ قويۇلغاندۇر. جەننەتكى ئەڭ چوڭ نېئمەت ۋە مۇكاپات شۇكى، ھەممە مۆئمنلەر ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنداقلا يۇزمۇ - يۈز تۇرۇپ سالاملىشدۇ، پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئەڭ ئۇلۇغ بەخىتتۇر. دېمەك بىز جەننەتتە ئاللاھنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىمىز. بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بوۋا - مۇمىلىرىمىزنى ئىنىشائاللاھ جەننەتتىن تاپىمىز. ئۇ يەردە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى، دوستلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا قىيامەت كۈنى يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۆئىمنلەرنى جەننەتتكە كىرگۈزىدۇ. جەننەت بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلغان، پاكىزە ھايات كەچۈرگەن، سەبرىلىك، غەيرەتلىك ۋە جەسۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان. مۇسۇلمانلار جەننەت ئەبەدىي راھەتتە ياشايدۇ. ئەمما جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن، ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەق يولدا بۇلىشى، قېينچىلىق ۋە سىناقلارغا چىرايلىق سەۋرى قىلىشى كېرەك.
ئى بالىلار! ياخشىسى ئۆزۈڭلار تېزراق كىتاب ئوقۇيالايدىغان بولۇڭلار. شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىلەر. ئەڭ مۇھىمى، سىلەر جەننەتكە كىرىدىغان ياخشى بالىلار ۋە ياخشى قىزلار بولۇڭلار. ئىلىملىك، ئەدەبلىك، ئىبادەتلىك، تەقۋالىق، مېھنەت سۆيەر، سەۋرلىك ۋە قورقماس بولۇپ ئۆسۈڭلار. قورۇقماي ياشاڭلار.
مەزكۇر ماقالە ئۆزبىكستان خالىسلىق سەرى رادىئو ئۇزۇلىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.

كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
دوستلىشىش
ئىسلام
ئاللاھقا شۇكرى....مەن تىرىشىمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8760
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 1511 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-27
ئاخىرقى: 2012-01-04

رەھمەت.مەن تىلفۇنىمدا باتتى بۇ تەبلىق بەك كاتتا ھە  
دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
ن شا ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈزى يۇقاتقان ئىززەتنى ئۈز& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2011-12-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-17 13:19

ئۇلۇغ ئاللا كوپتىن - كوپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن سىز گە.
اللە نىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9621
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2011-11-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-17 13:44

جەننەت . جەننەت  جەننەت ..    نىمە  دىگەن  گۈزەل !  سۈپەتلەشكىمۇ   ئادەمنىڭ   ئەقلى  يەتمەيدۇ .
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ  خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن !
دوستلىشىش
نۇرجۇلا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9571
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2011-12-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-17 13:46

ۋاھ! بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم!  رەھمەت! ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كەچۈرۈمىگە، رەھمەت قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئاشۇ گۈزەل جەننەتكە كىرىشكە نىسىپ بولغاي!
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 116
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1219 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-01-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-17 20:18

رەخمەتسىزگە    قىرىندىشىم   
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1249
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1249دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 12705 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-01-04
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 21:16

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ، رەببىمىزنىڭ  بىز ئىنسانلارغا  ئاتا قىلغان  قىممەتلىك  نىمەتلىرى  بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى
دەۋزەقتىن  قورقىدىغان ، اللاھنىڭ  رازىلىقىغا ئىرىشىپ جەننەتكە  كىرىش  ئۈچۈن  تىرشىدىغان سالىھلاردىن قىلىپ  
تەربىيلەش  بىزلەرگە نىسىپ  بولغاي  ،  امىين !
اللا
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-01-02
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 21:28

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۇ ئەسەرنى`ئۆزبەكچە ئاۋازلىقىدا ئاڭلاپ بەك ياقتۇرۇپ قالغانىدىم ،كۇندە بىر قېتىم ئاڭلايتتىم
بۇ يەردە يەنە كۈرۈپ بەك خۇشال بولدۇم ،مەنمۇ ئويلىغانىدىم تىما قىلىپ يوللىسا بولغۇدەك دەپ
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى