باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1753 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاقسۇغا كاۋىچى لەقىمىنىڭ قۇيۇلۇشى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5711
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
ئۆسۈش: 1460 %
مۇنبەر پۇلى: 1720 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-02-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-16 10:09

ئاقسۇغا كاۋىچى لەقىمىنىڭ قۇيۇلۇشى

ئاقسۇ قۇمباشقا كاۋىچى دېگەن لەقەمنىڭ قۇيۇلۇشى ھەققىدە ئۇلۇغ شائىرىمىز موللا شاكىر «زەپەرنامە»دە مۇنداق شېئىرى بايانلارنى قىلغان.
بۇ قۇمباش دېگەن كەنتىدە بىر دېھقان،
تېرىلغۇ زىرائەت قىلىپ ئۇل زامان.
تېرىپ ئەردىلەر بىر ئېتىزغا قۇغۇن،
ئاڭا تەربىيە ئەيلەدى كۈن-تۈن،
چۈشۈپتۇ ئېتىزدا ئىككى كاۋا زور
ۋە يا گۇرزى رۇستەم ۋە يا لەندىھۇر،
خالايىق ئاڭا ئەيلەدى ئاپەرىن،
تەئەججۇپ قىلىپ ئەردى بۇ يارەدىن.
كۈمۈپ كاۋىنى ئەيلەدىلەر كاۋاپ،
مۇنى تۆھپە ئەيلەپ خوجامنى تاۋاپ.
كۆشۈككە سالىپ يۈكلەدى بىر بەقەر،
يۈرۈپ مەردى دېھقان يۈسۈپ شەھەر.
يىغىلدى خالايىق تاماشا ئۈچۈن،
ئوقۇپ ئاپەرىن مەردىن دېھقان ئۈچۈن،
كېلۇر ئاقسۇ خەلقى ئارقەدىن تەمام،
چىقىپ خانەقەغا ھەمەخاسۇ-ئام.
بۇ ئۆيدىن ئالىپ سالدى زەنبىلگە باز،
كۆتۈردى ئۇنى تۆرت  ئادەم پىشى باز.
بۇ ئالتۇن سارايدا خوجام پادىشاھ،
بۇ ئاخۇنۇ ئەشرەپ، خەلىپە، سۇباھ.
ئالىپ بەردى شاھ ئالدىغە تۆھپەنى،
تەئەججۇپ قىلىپ سۈنئە ھەڭگامەنى.
سوراپ ئىستەدى بەندەنى قىلدى دۇئا،
نەزەردىن كىلۇرسەن دېدى ئىنى بابا.
كىلور مەن دېدى كەنتى قۇمباشتىن،
يېڭىلىق تۇتاي دەپ يېڭى ئاشىدىن.
دېدى ئۇل بابا شاھى ئالەم ماقام،
ماجالىڭنى كۆرمەك ئىدى مۇددىئام.
دېدى ئاقسۇنىڭ شەھىرى بولدى بىنا،
يەنە قەسرى ئالى بىلەن خانە قاھ،
پەقىر قوللىرى موپلىسۇ نا مۇراد،
كۆرۈنۈشكە تاپالماي تىۋە بىرلە ئات.
يوق ئەردى پەقىرنىڭ قويۇم پاقلانىم،
جانابىڭغا ئەكەلدىم بۇدۇر تاپقانىم.
تاپالماي جانابىڭغە ھېچ تۆھپەنى،
كۆمۈپ كەلتۈرۈپتىمەن ئىككى كاۋىنى.
كۈلۈپ خەندە ئەيلەپ خوجام پادىشاھ،
بوسۇرۇن كۈنى ئەردى ئەل جابەجا.
جاكاۋۇلغا دىدى كاۋىنى سىز كېسىڭ،
تامامۇ بۇ مېھمانلىققا تارقاتىڭ.
يىغىلغان خالايىققا يەتتى تامام،
ئاشىپ قالمادى خەلقىدىن يا برىسى كام،
ئەجەپ زور ئىكەن ئاقسۇنىڭ كاۋاسى،
لەزىزدۇر دېدى تەئىمۇ-شىرەسى،
كۆلۈشتى ھەم چوڭ-كىچىكلەر تامام،
قۇيۇلدى قۇمباشقا ئۇچبۇ نام.
بۇ دېھقانغا ئەيلەدى ھەم ئىلتىپات،
باش ئاياغ سەرۇپا بىلەن ياخشى ئات،
بېرىلدى ئامانلىققا ئالتۇن نىشان،
بالادىن بالاسىغا يۈردى ئامان.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچى- موللا شاكىر
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-18 15:53

[quote]بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى zamzam نىڭ 2011-11-16 21:02 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :


سىز مەخسۇس تېما ئۆچىرەمسىز؟
---سىز ئەسەر ھۇقۇقى دىگەن نەرسىنى چۇشىنەمسىز ؟دادىڭىز بىلەن مىڭ تەستە كەسكەن دەرەخلەرنى باشقىلار گەپ قىلماي ئۇي ياسىۋالسا ياخشى بۇپتۇ دەمسىز ياكى ۋۇي ئۇغرى دەپ كانىيىغا ئېسىلامسىز؟
باشقۇرغۇچىلار تەكشۇرۇپ تۇرمىسا باشقىلارنىڭ ئەسەر ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشى ياكى قانۇنسىز تىمىلارنىڭ مۇنبەرگە يۇللىنىپ قىلىشى ئەھۋالى كورىنىدۇ شۇڭا بۇلارنىڭ خىزمىتىنى چۇشىنىڭ ،،،بۇلامدۇ زامانشاھ،،،ئۇكام،،!