باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 301 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق ئەدەبلىرى
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 2030 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:32

قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق ئەدەبلىرى

قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق ئەدەبلىرى
بىز يوقىرىدا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىشقا ئالاقىدار ئەدەب- ئەخلاق توغرىسىدا بايانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق، ئەمدى بۇ تېمىدا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشنىڭ قېرىنداشقا ئۇنىڭ دىلىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ھېچقانداق بىرەر ئىشنى قىلماسلىققا تەۋسىيە قىلغانلىقىدەك مەزمونلار ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئىمام مۇسلىم ئەبى ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى قېرىندىشىغا قولىدىكى تۆمۈر بىلەن ئىشارەت قىلىدىكەن، ئۇ تاكى قولىدىكى تۆمۈرنى تاشلىۋەتمىگىچە ئۇنىڭغا لەنەت قىلىنىدۇ»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىدىكى ئوغۇللارنىڭ چوڭىنىڭ بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ۋە ئۇندىن باشقا ئۇكىلىرىنىڭ تەربىيلىنىشى ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلىشتەك ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ زېممىسىدە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئىمتىيازىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بالىلارغا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
تەبەرانى كولەيب ئەلجۇھانى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قېرىنداشلاردىن ئەڭ چوڭى ئاتىنىڭ ئورنىدا» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ چوڭلىرىغا كىچىك قېرىنداشلىرىغا مەرھەمەت قىلىش ۋە شەپقەت قىلىشنى ئۆگەتسە، كىچىكلەرگە چوڭلارنى ئىززەتلەش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى سىڭدۈرسە ئائىلە ھاياتى تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ماڭىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئۆز لايىقىدا ۋە ئۆز ئورنىدا ئادا قىلىدۇ.
قوشنىدارچىلىق ئەدەبلىرى:
 ئىسلام شەرئىتىدە قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققى چوڭ. بۇنىڭدىكى سەۋەب بولسا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىر- بىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا- ئانىلارغا ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئەدەبلەرنى ئۆگىتىشىگە تەۋسىيە قىلغان. ئۇ ئەدەبلەر شۇلاردىن ئىبارەتكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارنىڭ قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھالىغا ھال- مۇڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى، بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ بالىلىرىدا بولمىغان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەندە ئۇ بالىلارنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى سىرتقا كۆتۈرۈپ چىقىپ يەپ ياكى كۆرسىتىپ قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەۋسىيە قىلغان، يەنى يەيدىغان نەرسە بولسا تاشقىرغا كۆتۈرۈپ چىقماي ئۆيدە يىگۈزۈش، تاشقىرغا كۆتۈرۈپ چىققىپ يېيىشكە رۇخسەت قىلماسلىققا تەۋسىيە قىلغان. بۇنداق قىلىشنىڭ يەنە بىر پايدىسى بالىلار سىرتلاردا، يوللاردا كېتىۋاتقاندا بىر نەرسە يېيىشتەك ئاممىۋىي ئەدەبلەرگە زىت ئىشلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىدۇ.
خەرانتى ۋە تەبەرانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەگەر مېۋە ئالساڭ ئۇنى قوشناڭغىمۇ ھەدىيە قىلغىن، ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇنى ئائىلەڭگە مەخپىيرەك ئېلىپ كىرگىن، بالاڭ قوشناڭنىڭ ئىچىنى قىززىتىش ئۈچۈن چىقمىسۇن» دېگەن سۆزىنى رىۋايەت قىلدى. بالىسىنىڭ قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىنى قىزىتىشىدىن ساقلاندۇرۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان بالىغا سىڭدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەخلاقتۇر.
ئەگەر ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ تەلەپ قىلىنغان بۇ ئەدەبلەرگە رىئايە قىلالغىنىدا ئىشلار قانچىلىك گۈزەللىكە تولغان بولاتتى- ھە! اﷲ تائالا ھەممىمىزنى بۇنىڭغا رىئايە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشنىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى يوليورۇقىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ بىر مىسالى شۇكى، مۇسۇلمان بولغان ياشلاردىن بىرى ماڭا: مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇمغا بىزنىڭ مۇسۇلمان قوشنىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى، ئۆزەمنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك ھېس قىلغانلىقىم ۋە ئۇلار بىلەن بالىلىق ھاياتىمنى ئەڭ ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشىپ ئۆتكۈزۈشۈم سەۋەبچى بولدى، دەپ بەرگەنلىكىدۇر.
ئىجازەت سوراش ئەدەبى
 ئىجازەت سوراشتا ئۇنىڭ ئەدەبىگە دېققەت قىلىش چوڭ- كىچىك ھەممە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبتۇر. ئىجازەت سوراش ئىسلام شەرئىتىدە مۇھىم ئەدەبلەرنىڭ بىرى سانىلىدۇ. اﷲ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەسىرلەردى- ئەسىرلەرگە قوللىنىدىغان ئىجازەت سوراش ئەدەبىنى تەكىتلىگەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى. چۈنكى، ئىجازەت سوراشتىن ئىبارەت بۇ ئەمەلنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئوينايدىغان رولى ناھايىتى مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ساھابىلارنىڭ چوڭلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان زىيادە ئەبى سەئىد ئەلخۇدرىغا ئوخشاش ئەينى زاماندىكى كىچىك ساھابىلارمۇ ياخشى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
ئىماما بۇخارى «ئەدبۇلمۇفرەد» تە ئۇبەيدە ئىبنى ئۇمەير (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كۈنى ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) نىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن كىرىشكە ئىجازەت سورىدى. دەل شۇ چاغدا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولغاچقا ئۇنىڭغا ئىجازەت بىرىلمىدى. ئەبۇ مۇسا قايتىپ كەتتى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىشىنى تۆگىتىپ: مەن ئەبۇ مۇسانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىمغۇ، ئۇنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بېرىڭلار! دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى، دېيىلگەندىن كېيىن ئۇنى چاقىرىپ كېرىشكە بۇيرىدى. ئەبۇ مۇسا قايتىپ كېلىپ: بىز ئىجازەت سوراشقا، ئىجازەت بېرىلمىسە قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان ئىدۇق، دېدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: سەن بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرگىن! دېدى. ئۇ ساھابىلارنىڭ سورۇنىغا بېرىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، ساھابىلار: سېنىڭ بۇ سۇئالىڭغا ئەڭ كىچىكىمىز بولغان ئەبۇ سەئىد خۇدرىمۇ جاۋاب بېرەلەيدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبۇ مۇسانىڭ قېشىغا بېرىپ: مېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىشىمغا تىجارەت ئىشلىرىم بىلەن مەشغۇل بولۇشۇم توسۇپ قويۇپتۇ، دېدى.
بالىنىڭ ئىلىم - ئېلىش ھەققى ۋە بالىغا ئىلىم ۋە ئەدەبلەرلەنى سىڭدۈرۈش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئۆگىنىشى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن بىر قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ئىسلام ئۈممىتى بۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلدۇرۇپ كەلدى، ئاتا- ئانىلار شۇنىڭ بىلەن ئەۋلادلىرىنى ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى سۆيۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. ئىلىم تەلەپ قىلىش بولسا چوڭ- كىچىك، ئەر- ئاياللاردىن ئىبارەت ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. ئىلىم تەلەپ قىلىش بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرۇدىغان ئىبادەت ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. شۇڭا بالىنى ئىلىمنى سۆيىدىغان، ئىلىم ئېلىشقا ھەۋەس قىلىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى باسقۇچى بالىلىق دەۋرىدۇر.
تەبەرانى ئەبۇ دەردائ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىچىكلىكىدە ئۆگەنگەن ئىلىم تاشقا مۆھۇر باسقاندەك، چوڭ بولغاندا ئۆگەنگەن ئىلىم سۇ ئۈستۈگە خەت يازغاندەك (بولىدۇ)» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئەسسەخاۋى «مەقەسىدۇل ھەسەنە» دېگەن كىتابىدا بۇ مەنىنى تەكىتلەيدىغان بىرمۇنچە ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن بولۇپ بىز بۇ يەردە ئۇلاردىن بىرقانچىسىنى سىزلەرگە سۇنىمىز.
ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن قىلىنغان رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ياش چېغىدا قۇرئان ئۆگەنسە قۇرئان ئۇنىڭ گۆشى ۋە قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، چوڭلۇقىدا ئۆگەنسە قۇرئان ئۇنىڭدىن قېچىپ كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا قۇرئاننى تاشلاپ قويمىسا ئۇنىڭغا ئىككى ساۋاب بار» (بەيھەقى، دەيلەمى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان)
ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) : كىمكى قۇرئاننى ئېھتىلام بولۇشتىن بۇرۇن ئوقۇسا ئۇ كىچىكىدىنلا ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەردىندۇر، دېگەن.
ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە ھەدىس ئىلىمى ئالىملىرى، كىچىكىدىن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ بالىنىڭ ئىلىملىك بولۇپ يېتىشىپ چىققىشىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا ئوقۇغان ئىنسانغا نىسپەتەن ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ بەكرەك مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
خەتىب ئەلباغدادى سەلەپ سالىھلارنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلارغا ئىھتىمام بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر قىسىم رىۋايەتلەرنى كەلتۈردى، ھەسەنبەسەرى: بىزگە يېشى كىچىكلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار، ھەقىقەتەن ئۇلار قەلىبلىرى بوش، ئاڭلىغانلىرىنى بەكرەك يادا ئالغۇچى بولىدۇ، دېگەن.
سەئىد ئىبنى رەھمە ئەلئەسبەھى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ كېچىلىك مەجلىسىگە ھەممىدىن بۇرۇن بېرىپ بولاتتىم، مەن بىلەن بىللە بولغان تۇغقانلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى بۇ جەھەتتە مەن بىلەن تەڭ بولالمايتتى، ئۇلار بولسا قېرىلار بىلەن بىللە كىلەتتى، ئۇنىڭغا: سىزنىڭ سورۇنىڭىزغا يېتىپ كېلىشتە ئاشۇ بالىلار بىزدىن ئىلگىرى بولۇپ كەتتى، دېيىلدى، ئاندىن ئۇ: مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار سىلەردىن بەكرەك ياخشى، كىم بىلىدۇ، سىلەر قانچىلىك ياشايسىلەر؟ بىراق ئۇلارنى بەلكىم اﷲ ئالىم قىلغۇسى... دېدى. سەئىد مۇنداق دەيدۇ: كېيىن ئۇنىڭ مەجلىسىدە بولغانلاردىن مەندىن باشقا بىرى قالمىدى.
ئىمام ئەئمەش مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىسمائىل ئىبنى رىجائىنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ مەدرىسلىرىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن داۋاملىق سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرەتتىم
يەھيا ئىبنى ھەمىد ئەتتەۋىل ۋە ياكى باشقىسى مۇنداق دەيدۇ: بىز ھامماد ئىبنى سەلەمەنىڭ قېشىغا كەلدۇق، ئۇنىڭ ئالدىدا بىرمۇنچە بالىلار بولۇپ ئۇ ئۇلارغا سۆز قىلىۋاتاتتى، ئۇ سۆزىنى تۆگىتىپ بولغىچە بىز ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇپ تۇردۇق، ئاندىن ئۇنىڭغا: ئى ئەبا سەلەمە! بىز بولساق سېنىڭ ئەھلىڭنىڭ چوڭلىرىمىز، بىز سېنىڭ قېشىڭغا كەلسەك سەن بىزنى قويۇپ ئۇ كىچىك بالىلار بىلەن بولدۇڭ، دېدۇق. ئۇ: مەن چۈشۈمدە سۇ ئېلىش ئۈچۈن بىر دەريانىڭ قىرغىقىدا چىلەكنى سۇغا ئاتقاندا دەل ئاشۇ بالىلارنىڭ ماڭا سۇنۇپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم، دېدى. (بۇنى ئىبنى ئەبىدۇنيا «كىتابۇل ئىيال» دا بايان قىلغان)
يەھيا ئىبنى يەمان يېڭىدىن بۇرۇت چىقىشقا باشلىغان بالا ئالدىغا كەلسە ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ”ئەئاراف سۈرىسى“ نىڭ بېشىدىن يەتمىش ئايەت، يۈسۈف سۈرىسىدىن يەتمىش ئايەت ۋە بىر قىسىم ئانا ھەدىسلەرنى ئوقۇتاتتى، بالا بۇلارنى ئوقۇيالىسا ئۇنىڭغا دەرس سۆزلەپ بېرەتتى، ئوقۇيالمىسا سۆزلىمەيتتى.
ھەسەن ئىبنى ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئوغۇللىرى ۋە ھەمشىرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا: ئۆگىنىڭلار، بۈگۈن سىلەر مىللەتنىڭ كىچىكلىرى بولساڭلار، ئەتە ئۇلارنىڭ چوڭلىرى بولۇسىلەر، سىلەردىن كىمكى بىر نەرسىنى يادا ئېلىشقا ئاجىز كەلسە ئۇنى يېزىۋالسۇن! دەيتتى.
ئەتا ئىبنى رەباھ بالىلارغا: يېزىڭلار، يېزىشنى ياخشى بىلمىگەنلەرگە بىز يېزىپ بېرەيلى، دەپتىرى بولمىغانلارغا بىز دەپتەر بېرىمىز، دەيتتى.
بەددىئۇززامان ئەلھەمەدانى ھەمشىرسىنىڭ ئوغلىنى ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇپ يازغان خىتىدە مۇنداق دېگەن: مەشغۇلاتىڭ ئىلىم، مەدرىسە ماكانىڭ، قەلەم ھەمراھىڭ، دەپتەر ياردەمچىڭلا بولىدىكەن، سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن. ئەگەر كەمچىلىك ئۆتكۈزسەڭ مەن سېنىڭ ئاناڭنىڭ بىر تۇغقىنى بولمايمەن، ئۇ چاغدا ئاناڭنىڭ بىر تۇغقىنى باشقا بىرى بولغان بولىدۇ، ۋەسالام.
ئىبنى ئابدۇلبىر «جامىئۇ بايائىل ئىلىم ۋە فەدلىە» دېگەن كىتابىدا (1 / 103) مۇنۇلارنى زىكىر قىلغان:
لوقمان ئوغلىغا: ئى ئوغلۇم! ھېكمەتتىن نېمىگە يەتتىڭ؟ دېدى. ئوغلى: ئۆزەمگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىگە ئاۋارە بولمايمەن، دېدى. لوقمان: ئى ئوغلۇم! باشقا بىر نەرسە قېلىپ قاپتۇ، ئالىملار بىلەن بىرگە ئولتۇرغىن، ئۇلارغا ئىككى تېزىڭ بىلەن قىستىلىپ يېقىنلاشقىن، شۈبھىسىزكى اﷲ خۇددى ئۆلۈك زېمىنى ئاسمان سۇلىرى بىلەن تىرىلدۈرگەندەك، ئۆلۈك قەلىبلەرنى ھىممەت بىلەن تىرىلدۈرىدۇ، ئى ئوغلۇم! ئىلىمنى مۇنداق ئۈچ ئىش ئۈچۈن ئۆگەنمە ۋە مۇنداق ئۈچ ئىش ئۈچۈن تەرك ئەتمە. يەنى ئىلىمنى كىبىرلىنىش، پەخىرلىنىش ۋە رىياكارلىق ئۈچۈن ئۆگەنمىگىنكى پەقەت ئۇنى ھەم زاھىدلىق قىلىش، كىشىلەردىن ھايا قىلىش ۋە جاھىل قىلىشقا رازى بولۇش بىلەنمۇ تەرك ئەتمە. ئى ئوغلۇم! ئالىملار بىلەن جېدەل قىلمىغىن، ئۇلار سېنى خارلاپ قويىدۇ ۋە سېنى رەد قىلىدۇ، ئەخمەقلەر بىلەن جېدەل قىلمىغىن، ئۇلار ساڭا جاھىلىق قىلىدۇ ۋە سېنى تىللايدۇ. سەن ئىلىمدە سەندىن ئۈستۈن بولغانلارغىمۇ، سەندىن تۆۋەن بولغانلارغىمۇ سەۋرى قىلغىن، ئالىملارغا ئۇلارغا سەۋر قىلالىغان، ئۇلار بىلەن بىللە بولغان، ئۇلاردىن ئېلىم ئېلىشتا ناھايىتى بەك ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولغانلارلا ئېرىشەلەيدۇ. ئى ئوغلۇم! ھېكمەت مىسكىن كىشىلەرنى پادىشاھلارنىڭ مەجلىسلىرىدە ئولتۇرغۇزغان.
يەھيا ئىبنى خالىيد ئوغلىغا: ئىلىمنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك. ئىلىمسىزلىك ئىلىملىك ئىنسانىڭ دۈشمىنى، مەن سېنىڭ ئىلىملەردىن بىرەر ئىلىمنىڭ دۈشمىنى بولۇشىڭنى راۋا كۆرمەيمەن، دېدى. ئاندىن:
بول ئىلىملىك، ئىلىم ئال ئىلىم بىلەن ئالىيدۇرسەن.
 جاھىلىق دۈشمەندۈر ھەم، بىلگىنىدە ئامان قالۇرسەن.
دېگەن بېيىتنى ئوقۇدى.
ئابدۇل مەلىك ئىبنى مەرۋان ئوغۇللىرىغا: ئى ئوغۇللىرىم! ئۆگىنىڭلار، ئەگەر سىلەر ئېسىلزادىلەر بولساڭلار بىر- بىرىڭلارنى ھىمايە قىلىسىلەر، ئەگەر ئۆم بولساڭلار ياشايسىلەر، دېگەن.
تارىختا ئەدىبلەر، يازغۇچىلار، ھېكمەت ئىگىلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەۋلادلىرىغا بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا ئىلىم- مەرىپەت ئىگىلەشكە نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىشنى داۋام قىلىپ كەلدى. بىلىمنى سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باشلاش بالىنىڭ ۋۇجىدىدا مۇستەھكەم ئورنىغاندا بالا ئىلىم ئېلىش يولىغا ئۆزلىگىدىن ئاتلىنىدۇ. ھەم بۇ يولدا تارتقان جەۋرى جاپالارغىمۇ بەرداشلىق بېرىدۇ، ئاتا- ئانىنىڭ ھەيدەكچىلىكىسىز كېچىلىرىنى ئېلىم ئېلىش يولىدا تۈنەپ تاڭ ئاتقۇزۇدۇ.
بالىلارنىڭ نىيىتىنى خالىس قىلغان ھالدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن بىرەر بۆلۈم بولسىمۇ يادا ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىشى كېرەك
بىز يۇقىرىقى بايانلىرىمىزدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى يادا ئېلىشنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشتە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. شۈبھىسىزكى ئۇ ئىككىسى ئىلىملەرنىڭ نۇرى بولۇپ ئۇ ئەقىللەرنى يۇرىتىدۇ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا بالا ئاز دېگەندە 30 پارە قۇرئاندىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 30- پارە يەنى ئەمما پارىسىنى بولسىمۇ يادا ئېلىشى، ھەدىسلەردىن ئاز دېگەندىمۇ ئىمام نەۋەۋىينىڭ قىرىق ھەدىسىنى يادا قىلىشى لازىم.
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،