باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1364 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەبگا ئۇيغۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9244
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-13
ئاخىرقى: 2011-12-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 22:38

ئەبگا ئۇيغۇر

ئەبگا ئۇيغۇر
ئەسسسلامۇ ئەلەيكۇم                                    ئاپتورى (ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانى)
                                                                                          1_ئەقىدىسزلىك
  ھەركىم بىلىدۇكى،ئىنسان _تەن (بەدەن)بىلەن روھ(جان)دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق.روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازىدۇر.ئەمدى ئەقىدە بولسا،ئىنسان روھىيتىنىڭ تۈۋرۈكى ،ئىنسان ئېڭنڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ.ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ،پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلار ،ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ.
ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس ،بەلكى ئوموملۇق ئالەمنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى .باشقىچە قىلىپ ئىيىتقاندا ،ئەقىدە ھىچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا ،كولىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى.ئۇنى كۈندۈزدىكى پارلاق قۇياشقا ،كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى ،ئەقىدىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قۇياش  ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېىخى نۇرى بىلەن ھەمىشەيورۇق تۇرىدۇ.ئەقىدېنى پەقەت كۆڭۈل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دېسە بولىدۇكى ،ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر _بىرىگە ھەر دائىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ.
ئەقىدە __سەن ،مەن،ئۇ ،يەنى بىزنىڭ ئۆزئارا بىر _بىرىمىزگە ئىشىنىشمىزنى ،بىر _بىرىمىزگە چىنپۈتۈشىمىزنى ،بىر_بىرنى ئۆز ئارائۆز ئارا قوللۇشىمىزنى مىزان يادروسى  قىلىدۇ. ئۇ__سەن،مەن ،ئۇ ،يەنى بىزنىڭ ئوتتۇراق ئىستەك ،ئوتتۇراق غايىمىزنى كۈرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ.ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ ،مەن قوپۇپ سەندىنمۇ،ئۇنىڭدىنمۇگۇمانلانسام،بىز ئۈچىمىزنىڭ  جانىجان مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كىتىدۇ،سەن ،بىز  بولساق ،ھەقىلىق نېسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ ،ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلېۋىرىمىز.
ئەڭ مۇھىمى ،ئەقىدە ئىنسانيەت  مۇئەييەن توپنىڭ ئومومى مەنپەئەتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ.ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ،ئۆز زامانىسدىكى  ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى مىللىتىنڭ جىددى ئېھتىياجى ۋە ئومۇمى مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن .ماركىسىزىم بولسا ،پرولتارىلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.دەرۋەقە كىيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ_خىل بولغان قەۋملەر  ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشنى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن  ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ ،بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ ،ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى)لاردىن بولغان.ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ(ئاپتور  ئويلىغىنىنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن).
 بىراق  ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدۇنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇۇ.ئۇلارنىڭ <<ئەلھەمدۇلىلاھ مەن مۇسۇلمان>>دىگەنلىرى يالغان.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ <<ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ>>دېگەن زامانلاردا ،مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى  تاقاپ ،ئۇنى ئەسكى _تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت .ئۇلارنىڭ <<مەن ماركىسىزىمچى،كوممۇنىستمەن>>دىگەنلىرىمۇ كاززاپلىق .بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ ،ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ،نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشىتلاپ ،ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلاپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ،مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى ،ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋىتىپ ،قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي<<سۇبھانائاللاھ>>دېيىشىپ يۈرگىنى،شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە _مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ<<ھاجى ھەرەم>>بولىۋاتقانلىقى شاھىت.ئۇلارنىڭ <<مەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن >>دېكىنى ئالدامچىلىق.چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يورۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم.ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى <<كۆڭلى قارا ئادەم>>دەيدۇكى ،قارا كۆڭۈل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرىق بولغان يېگانە <<مەن>>دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ.شۇڭا  ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش ،سەمەتنى قەنداق يوقىتىشنىڭ كويىدا،يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا _ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلائۆتىدۇ.مانا بۇ 21_ئەسىرگە كىرىش ئىشكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە بولىۋاتقان ئەھۋال!
دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى ،ئەقىدىسز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كىتىدۇ.ئەقىدىسىز ئەلدە ،گۇمانخورلۇق ،ساتقىنلىق قايناپ كېتدۇ.ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ ،پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ.
 كېلەچەكشۇناس   ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قارشى شۇكى،21_ئەسىر پەن_تىخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان  ،دىموكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان ،   شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ،پەن _تېخنىكىسى ئۈستۈن ،كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا ،شۇ كۈچلۈك بولىدۇ.كىم ئۆز مىللىتىنىڭ ،ئۆز خەلقىنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىنى  ھەممىدىن ئەلا بىىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىەە ئىگە بولسا،شۇ مۆھتەرەم،شۇ ئېتىبارلىق بولىدۇ.
سەنمۇ  ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى،سەنمۇ ھاۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى،ھالبۇكى سەنمۇ ئۆزۈڭنى قەدىرلە،ئۆزەڭنى سۆي،ئۆزەڭگە ئىشەنىچ قىل.بىلگىنكى،ھەرقانداق مەۋجۇداد مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك،ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق.سېنىڭ قىممىتىڭ  بولسا قەدىرلىك يارسەن،ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا ،قەدىرسىز خارسەن.قەدىرسىزلىك ،خارلىق سساڭا ۋە ماڭا ھەرەىز خاس ئەمەس!شۇنداق ئىكەن،قەددىڭنى كۆتۈر ،ئەتراپىڭغا قاراپ باق،قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق!مانا بۇ__نۇسرەت قەدىمىڭنىڭ ئىپتىداسى،غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى.
دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقويۇپ تۇرۇپ ،ئوبدان ئويلان ،ئەبگا!
مۇنبەرداشلىرىمنىڭ <<ئەبگا ئۇيغۇر>>نىڭ باشقا قىسىملىرىنىمۇ يوللاپ بىرلكتە مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.....
اللە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3208
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 10 %
مۇنبەر پۇلى: 313 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17

     <<بىراق  ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدۇنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ <<ئەلھەمدۇلىلاھ مەن مۇسۇلمان>>دىگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ <<ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ>>دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى  تاقاپ، ئۇنى ئەسكى _ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت >>.
    ئاپتور بۇ جۈملىنى يىزىۋاتقىنىدا ئەسلى ھۇشى جايىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇ زامانلار 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى، ئۇ چاغلاردا كىممۇ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلغان؟!!! بولدىلا كۆپ سۆزلىمەي.
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 503
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە503دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 13:05

   راست ! بۇ كىشىنىڭ تەلەپپۇزى سەل باشقىچە تۇرىدۇ . بۇنىڭدىكى نوقتىئىنەزەر خاتامۇ ياكى مەن چۈشىنەلمەي قالدىممۇ ؟  نىمىلا بولسۇن پىسخىئولوگىيە تەرەپتىن كۈزەتكەندە بۇ كىشىدە ئېغىر بىر ئاچچىقنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ .  
  تەربىيىدە ماختاش ، ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەش ۋە تىللاشنىڭ  قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەر بىر ئۇيغۇر بىلسىكەن دەيمەن !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 288
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 14:20

<<ئەلھەمدۇلىلاھ مەن مۇسۇلمان>>دىگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ <<ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ>>دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى  تاقاپ، ئۇنى ئەسكى _ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت >>.

   بۇ ئادەم ئۆزى باشقا مىللەتمىدۇ ياكى ئۇيغۇرمىدۇ ؟     ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بىرىۋاتقانلىقنى مەدىھيىلەشكە ئەرزىيدۇ .   ئەمما بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا ئىتتىپاقلىق ، تىرىشچانلىق روھى يوق دېگەن قاراشقا ئېسىلىۋېلىپ يەنە   تاغار سۆكۈشنى باشلىغان بولسا  ئەمدى بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس ...
بەزى  ئوي- پىكىرىلىرىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدىم ....
    
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 357
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 102 %
مۇنبەر پۇلى: 243 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2012-02-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:40

ھاي ، ھاي . گەپ سۆزدە دىققەت قىلىشارلا ، ئابدۇرۇرپ پولات تەكلىماكانىنىڭ ئەبگا ئۇيغۇر ناملىق ماقالىسى 90-يىللاردا ئېلان قىلىنغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇشقا تىگشلىك ماقالە . ماقالىنىڭ تىگىگە يىتىپ ئوقۇسىڭىز تەرلەيسىز ، ئاندىن چوڭقۇر خىيالغا پاتىسىز ، ئاخىرىدا ئويغۇنىسىز . ماقالىنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا خالىغانچە ھۆكۈم چىقارمايلى . مەدەنىيەت ئىنىقىلابىدا خەلقىمىز ھەقىقەتەن ئاشۇرۋەتكەن . ئەقىدىسزلىك تۈپەيلى نۇرغۇن پاجىئە يۈز بەرگەن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9244
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-13
ئاخىرقى: 2011-12-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:48

ۋاقىتىم چىققاندا 5_قىسىمنىڭ ھەممىسىنى يوللاي،ئاندىن بىر  ئىزدىنەيلى.مىنىڭچە  ئازراق يىرىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن ئوخشايدۇ،لىكىن ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا ياخشى ئەسەركەن
اللە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1435
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1435دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 18:56

بۇ گەپنى بىز پەقەت شامال يەنە بىر رەت چىقسا بىلەلەيمىز ،،   قانداقلا بولمىسۇن ئامرىكىدىكى قورئان كويدەرگەن پوپنى تىللاپ ھۇشىمىزدىن كىتىمىز ،، سەل ئىلگىركى كۇنلەرگە نەزەر سالساق بىزدىمۇ شۇنداق بىر لەنەتلىك بىر تارىخ بولغان ،،
قارىغاندا قاتتىق تەقۋا كىشىلىرىمىز بار ئوخشايدۇ ، شۇلارنىڭ دۇئاسى بەركاتىدا مۇشۇنچىلىك تۇرىۋىتىپتىمىز ، بولمىسا ئىمان ئىيتقان مۇسۇلمان  قەۋىم ئىچىدە بىزدەك ئىلاھى دەستۇرنى كويدۇرگەن مىللەت ئاز تېپىلىدۇ ،،  بۇ ئاپتوردىن ئۇنچە رەنجىپ كەتمەڭلار