باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 849 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پۈتۈن ئەھۋالدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 22:43

پۈتۈن ئەھۋالدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن خەلىقئارا خەۋەرلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-11-13)


                                        پۈتۈن ئەھۋالدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش



ئاللاھتىن قورقۇش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم يەرلىشىشى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئاللاھتىن قورقۇش مۇسۇلماننىڭ ۋىجدانىنى ئويغاق تۇتىدۇ ۋە بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ھەق ۋە ئادالەت بىلەن ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەقۋاسىز ئىمان قۇرۇق لاپ، تەقۋاسىز ئەمەل جانسىز بەدەنگە ئوخشايدۇ.

بىز بۇ ماددىي كۆزىمىز بىلەن ئاللاھ تائالانى كۆرەلمەيمىز. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئاشكارا - يوشۇرۇن بارلىق ئەھۋالىمىزنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىمىز ۋە ۋىجدانىمىزدا بۇنى ھېس قىلىمىز. بۇ تونۇش ۋە ئىمان قەلبىمىزدە ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن نارازى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش ۋە ئۇنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ كېتىشتىن قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ ھەقىقەت بىزدە يەرلەشكەندە ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقىي قورقۇشتىن ئىبارەت راست ئىمانغا يەنى تەقۋاغا ئېرىشكەن بولىمىز. مەخپى ۋە ئاشكارا، يالغۇزلۇقتا ۋە كىشىلەر ئارىسىدا، ھەر يەردە ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى كۆز ئالدىدا تۇتىدىغان مۇسۇلمان، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى بولۇپ ئاسىيلىق قىلمايدىغان، ئىسلام شەرىئىتىنى مۇداپىئە قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۇلۇغلايدىغان، ئاجىزلارغا شەپقەت قىلىدىغان، كۈچسىزلەرگە يار - يۆلەك بولىدىغان، ئاللاھ بەرگەن رىزقىدىن يوقسۇل - مىسكىنلەرگە بېرىدىغان، مۆمىنلەرگە قارشى مۇتەۋازى، كاپىرلارغا قارشى قورقۇمسىز، سالىھ، تەقۋادار بەندە بولىدۇ.
بۇنداق سالىھ مۆمىن، ئىلمىگە ئەمەل قىلىدۇ، دۇنيانىڭ يالغان ئەيشى - ئىشرەتلىرىگە بېرىلمەيدۇ، يېمەك - ئىچمەكلىرىدە ھالال - ھارامغا دىققەت قىلىدۇ، تەمەخورلۇق قىلمايدۇ، تۇيۇقسىز ئەجەلنىڭ كېلىشىدىن ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس ئارزۇلاردىن ھەزەر قىلىدۇ. ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ، شەھۋانىيلىكتىن ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆتمۈش سالىھلارنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدۇ، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزى نەسىھەت ئالىدۇ، تىلى بىلەن نەسىھەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئەمەلىيىتى بىلەن نەسىھەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. كۆپ سانلىقىمىزنى غەپلەت ۋە دىللىرىمىزنى قەسۋەت بېسىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئۆز لايىقىدا قورقمايمىز. ئاغزىمىزنىڭ ئۇچچىدا ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغانلىقىمىزنى داۋا قىلساقمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن، ھەر تۈرلۈك گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ئىشلەشتىن چېكىنمەيمىز. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقمايمىز. گۇناھ - مەسىيەتلەرنىڭ ئوقۇغانلىرىمىز ۋە ئىسلام ئۇنىۋېرستىتلىرىنى پۈتكۈزگەنلىرىمىزدىن سادىر بولۇشى، ئاللاھ تائالادىن قورقۇشتا ئوقۇغانلارنىڭ ئاۋام خەلقنىڭ ئارقىسىدا قېلىشى ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق ئەھۋال. چۈنكى ئوقۇغان، ئاللاھ تائالانى تونۇغان، نېمىنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلگەنلەرنىڭ باشقىلارغا كۆرە ئاللاھ تائالادىن بەكرەك قورقۇشى، تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپرەك قىلىشى، گۇناھ - مەسىيەتلەردىن بەكرەك يىراق تۇرۇشى لازىم ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىلمىگەنلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىشى نېمىدېگەن يامان ئەھۋال! ئاللاھ تائالادىن بىز مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە ھەقىقىي ئىمان ئاتا قىلىپ، ھەقىقەتكە قايتىشنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار!
ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن نەرسىلەردىن قورقىدۇ. سودىگەرلەر مېلىنىڭ سېتىلماي قېلىشىدىن، زىيان تارتىشتىن قورقىدۇ. پادىشاھ - رەئىسلەر ھۆكۈمرانلىقتىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ. باشلىقلار مەنسىۋىدىن ئېلىنىشتىن قورقىدۇ. ئىشچى - خىزمەتچىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قېلىشتىن قورقىدۇ. ئاجىزلار مۇشتۇمزورلاردىن قورقىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن نەرسىلەردىن قورقىدۇ.

دېمەك، قورقۇش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار. ئىنسان قورقۇش مەركىزىگە ئاللاھ تائالانى يەرلەشتۈرسە، يەنى ئاللاھ تائالادىنلا قورقسا، باشقا پۈتكۈل قورقۇش ۋە ئەندىشىلەردىن قۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن قورققان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ ۋە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىگە چەكسىز مېھرىبان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى زىيانلىق ئىشقا بۇيرىمايدۇ، پايدىلىق ئىشلاردىن مەنئى قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغانلىرى ۋە توسقانلىرى ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىشلاردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانى دائىرىسىدە ياشىغان كىشىنىڭ باشقىلاردىن قورقۇشىغا ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە ياشايدۇ. ئاللاھ ئۇنى ھەر تۈلۈك بالايى ئاپەت ۋە خەتەردىن ساقلايدۇ.

ئەمما ئاللاھ تائالادىن قورقماي، نەپسىي خاھىشىمىزغا بېرىلىپ، ئۆزىمىز خالىغانچە ھايات كەچۈرىمەن دېسەك، بىزنى يۇقىرىقىدەك دەپ تۈگەتكۈسىز قورقۇش ۋە ئەندىشىلەر بېسىۋالىدۇ، ھەممە نەرسىدىن قورقىدىغان بولىمىز. ھەرقانچە باي بولساقمۇ، كاتتا مەنسەپتار، پادىشاھ بولساقمۇ كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولمايدۇ، ھەر دائىم خەۋپ - ئەندىشە ئىچىدە ياشايمىز. بۇ بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنى ئاشۇ چوڭ كىشىلەرنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى يېقىندىن كۈزەتكەنلەر كۆرەلەيدۇ.

ئاللاھدىن قورقۇش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ئايەتلەرنى بايان قىلىمىز:

»ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار» [سۈرە ئەنفال:1]

«ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەنفال:69]

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار.» [سۈرە تەۋبە: 119]

«مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن قورقۇڭلار» [سۈرە نەھل: 2]

«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر.» [سۈرە ھەج:1]

« (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، مەندىن قورقۇڭلار» [سۈرە مۇئمىنۇن:52]

«بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلارۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.» [سۈرە ئەنكەبۇت:16]

«ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار.» [سۈرە رۇم:31]

«ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.» [سۈرە ئەھزاب:55]

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار.» [سۈرە ئەھزاب:70]

«ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات:1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەيەردە ۋە قايسى ھالەتتە بولمىغىن ئاللاھتىن قورققىن، بىرەر يامانلىق سادىر قىلساڭ، دەرھال ئۇنى يوقىتىدىغان بىر ياخشىلىق قىلغىن، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.» [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى]

ئاللاھ تائالادىن قورقۇش شۇنداق ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك ئىش بولغاچقا بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇممىتىنى ئۇنىڭغا چاقىرغان. قۇرئان كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تائالدىن قورقۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ظاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟» [سۈرە شۇئەرا: 106]

ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟» [سۈرە شۇئەرا:124]

سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟» [سۈرە شۇئەرا:142]

لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟» [سۈرە شۇئەرا:161]

شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ [سۈرە شۇئەرا:177]

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلارۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر [سۈرە ئەنكەبۇت:16]

ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ پايدىلىرى:

ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنىڭ نۇرغۇنلىغان پايدىلىرى بار. بىز تۆۋەندە بەزىلىرىنى بايان قۇلىمىز:

1. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ.» [سۈرە تەۋبە: 4]

«ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.» [سۈرە ئال ئىمران: 76]

« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى (يەنى پەرۋەردىگاردىن قورققان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، خىيانەت قىلمىغانلارنى) دوست تۇتىدۇ.» [سۈرە تەۋبە: 7]

2. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى پەرۋەدىگارىدىن قورقىدىغانلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن» [سۈرە ئەئراف: 156]

«بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقۇڭلاركى، سىلەرگە رەھمەت قىلىنسۇن.» [سۈرە ئەنئام: 155]

3. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم ۋە نۈسرىتىگە ئېرىشـۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» [سۈرە نەھل: 128]

«بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار)» [سۈرە تەۋبە: 36]

4. ئاللاھ تائالادىن قوررقان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى خەۋف - ئەندىشىدىن قۇتۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر.» [سۈرە ئەئراف: 35]

«ئاللاھ تەقۋادارلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ.» [سۈرە زۇمەر: 61]

5. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش قەلبنى يورۇتىدۇ ۋە ئاڭقىرىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزىگە پايدىلىق نەرسە بىلەن زىيانلىق نەرسىنى ئاسانلا ئاڭقىرالايدىغان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.» [ئەنفال: 29]

«ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ...» [ھەدىد: 28]

6. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئىنسانغا شەيتاننى يېڭىدىغان كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ.»[ئەئراف:201]
7. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا مىنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ.» [تالاق:5]

«ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر.» [ئال ئىمران:179]

8. ئاللاھ تائالادىن قورققان كىشىنىڭ رىزقى كەڭ بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا كۆپ ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھتىن قورققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان - زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق...» [ئەئراف:96]

«كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ...» [تالاق:3]
9. ئاللاھ تائالادىن قورققان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل بولۇپ، ئىشلىرىنى ئاسان قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.» [تالاق: 2]

«كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» [تالاق 4]

«تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.» [لەيل:5- 7]

10. ئاللاھ تائالادىن قورققان كىشى دۈشمەننىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە مىكىر ۋە يامانلىقىدىن قۇتۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر.» [ئال ئىمران:120]

«شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.» [ئال ئىمران:125]

«ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى قۇتقۇزدۇق.» [فۇسسىلەت:18]

11. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھ تائالادىن قورققان تەقۋادارلارغا خاس.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى.» [ئەئراف:128]

«(ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.» [ھۇد:49]

«ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.» [قەسەس:83]

«تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر...» [رەئد: 35]

«كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ)، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.» [بەقەرە:212]

12. تەقۋادارلار ۋەز - نەسىھەتتىن پايدا ئېلىپ ھىدايەت تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند - نەسىھەتتۇر.» [مائىدە 46]

«ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلدۇق.» [بەقەرە:66]

«بۇ (قۇرئان) (ئومۇمىي) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز - نەسىھەتتۇر.» [ئال ئىمران:138]

« (ئى مۆمىنلەر!)بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتلەرنى شەك – شۈبھىسىز نازىل قىلدۇق.» [نۇر:34]

«بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر.» [بەقەرە:2]

«بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز - نەسىھەتنى بەردۇق.» [ئەنبىيا:48]

«شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر.» [ھاققە:48]

13. تەقۋادارلىق ئەۋلىيالارنىڭ سۈپىتى ۋە ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ يولىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرەمغا كىرىشىنى توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.» [ئەنفال:34]

«شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر.» [جاسىيە:19]

«تەقۋادارلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر.» [يۇنۇس: 64]

14. تەقۋا بەندىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئۆلچەمدۇر. چۈنكى تەقۋادار بەندە بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ رازىلىقىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [ھۇجۇرات:13]

15. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئۇلىشىدىغان يول ئوزۇقىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد - راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد - راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» [بەقەرە:197]

ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ: "يا رەسۇلەللاھ! مەن سەپەر قىلماقچى، ماڭا دۇئا قىلسىلا" دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ سېنى تاقۋالىق بىلەن ئوزۇقلاندۇرسۇن» دېدى. ئۇ كىشى: "زىيادە قىلسىلا" دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گۇناھىڭنى مەغپىرەت قىلسۇن» دېدى. ئۇ كىشى: "ئانام، دادام سىلىگە پىدا بولسۇن، زىيادە قىلسىلا" دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەيەردە بولمىغىن ئاللاھ ساڭا ياخشىلىقنى مۇيەسسەر قىلسۇن» دېدى." [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى]

16. ئاللاھتىن قورقۇش ئەمەلنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (ئەمەلىنى) قوبۇل قىلىدۇ.» [مائىدە: 27]

«ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر...» [ھەج: 37]

17. قۇرئان كەرىم ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا خۇشخەۋەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇش - خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق.» [مەريەم:97]

18. قىيامەت كۈنى ئاللاھتىن قورققۇچىلارنىڭ دوستلىقىدىن باشقا ھېچقانداق دوستلۇق قالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈندە دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر.» [زۇخرۇف: 67]

19. ھەقىقي قازانغۇچىلار ئاللاھتىن قورققۇچىلاردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [نۇر: 52]

20. ئاللاھتىن قورققۇچىلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن.» [ئەئراف: 156]

21. ئاللاھتىن قورقۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپىتىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «راست سۆز (يەنى قۇرئان) نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر - ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر.» [زۇمەر: 33]

22. ئاللاھتىن قورقۇش بەندىنىڭ قىيامەت كۈنى نىجات تېپىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز...» [مەريەم: 72]

«ئاللاھ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ.» [زۇمەر: 61]

23. ئاللاھتىن قورقۇش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر (ئاخىرەتتە پىلسىراتتا) ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [ھەدىد: 28]

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.» [ئەھزاب 70-71]

24. ئىززەت پەقەت ئاللاھ تائالادىن قورقۇش بىلەن بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى شەرەپ مال بىلەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىززەت - ھۆرمەت ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن بولىدۇ.» [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن]

25. ئاللاھ تائالادىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ ئىلىم يولىنى ئاچىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)...» [بەقەرە: 282]

26. ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ساۋابى جەننەت بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار.» [ئال ئىمران: 133]

«تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل!. ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدنى جەننەتلىرىگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ.» [نەھل: 30-31]

«جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ.» [شۇئەرا: 90]

«تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.» [قەلەم: 34]

«جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.» [قاف: 31]

«تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە - پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟.» [مۇھەممەد: 15]

«پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ - توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ.» [زۇمەر: 73]



           يازغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

                                                  مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 343
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە343دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ!
    ئەزىز قېرىندىشىم، تولىمۇ قىممەتلىك تېما يوللاپسىز. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!
    
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 00:41

امىين..........................!
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 11:32

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.پايدىلىق تىملىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي.