ئىسلام دىنىنىڭ قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىشى ۋە ئۇنىڭ بارلىق دىنلار دىن ئۈستۈن بولىشى ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىكلار (ئىسلامنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اﷲ (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، ». (سۈرە تەۋبە 33- ئايەت).
[ئىمام سەئدى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ئايەت كەرىمنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشرىك ۋە كۇففارلار ئىسلام دىنىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئۈچۈن ھەسەت قىلىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى ھەر خىل ھىلە - مىكىرلىرىنى ئىشقا سالغان تەقدىردىمۇ، ھۆججەت ۋە پاكىتلار، قىلىچ ۋە نەيزىلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستىن قىلىش ئۈچۈن اﷲ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى".
k/ d, k% ~4 d: c5 O
ئىسلام دىنىنىڭ قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىشى ۋە ئۇنىڭ بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن بولىشى ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىش بىلەن بولىدۇ.& h- M; d; I! s( {
! e; x r5 L/ ^1 o. S
بىرىنچى: ئىسلام دىننىڭ ئەسلى مەنبەلىرىنىڭ قوغدىلىىشى ھەققىدەﷲ تائالا ئۆز پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن ئىسلام دىننىڭ ئەسلى مەنبەلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز». (سۈرە ھىجر 9- ئايەت).قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن باشلاپ زامان ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ بىر ھەرىپىمۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەڭلىرى، تىللىرى، يۇرت - ماكانلىرى، مەدەنىيەت - ھازارەتلىرى ھەر خىل بولغان مىللەتلەر قۇرئان كەرىم بىلەن ھىدايەت تاپىدۇ، ئۇنىڭ نۇرى ئارقىلىق قاراڭغولۇقلاردا يول تېپىپ ماڭىدۇ.
`اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (اللەنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اللە قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق اللە تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر». (سۈرە فۇسسىلەت 40-، 41-، 42- ئايەتلەر).; G3 S' \; A( x9 B m
بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ بارلىق ھەدىس شېرىپلەرنىمۇ مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر مەسىلىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتەش ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى ھەدىس شېرىپلەر قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى ۋە شەرھىسى ھېسابلىنىدۇ.5 C1 u% [( R0 |* s* d
$ [; d. g8 c, C v M. B
شەرھىلەنگۈچىنى مۇھاپىزەت قىلىش شەرھىلىگۈچىنى مۇھاپىزەت قىلشنى تەقەززا قىلىدۇ. اﷲ تائالاغا كۆپ ھەمدۇ سانالەر ئېيتىمىزكى، قۇرئان كەرىم قوغدالغاندەك ھەدىس شېرىپلەرمۇ قوغدىلىپ كەلدى. اﷲ تائالا نىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن ھەر دەۋردە نۇرغۇن ھەدىسشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدورۇلۇپ چىقىرىلغان ئاتالمىش ھەدىسلەردىن ئىسلام ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغانلىقى روشەن دەلىل - ئىسپاتلار ئارقىلىق مەلۇم بولغان ھەدىسلەرگە تىل ئۇزاتقان رەقىپلەرگە دەل ۋاقتىدا رەددىيە بەردى. قىسقىسى، ھەدىس ئىلمى ئۈستىدە كىچە - كۈندۈز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام ئۈممتىنىڭ بۇ ساھەدىكى بارلىق ئېھتىياجى تولۇق قامدالدى.
قۇرئان كەرىمنىڭ قوغدىلىشى، ئۇنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشى ھەقلىقدۇر. چۈنكى ئۇ، ئاسماننىڭ زېمىن ئەھلىگە نازىل قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر. اﷲ تائالا ئۇنىڭ ئارقىلىق ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى، ساۋاتسىز ئەرەپ مىللىتىنى ئىسلاھ قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلغان ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن غاپىل بولغان ھەر قانداق مىللەت (مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بولسىمۇ) زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
ئىككىنچى: ئىسلام ئۈممىتىدىن بىر تۈركۈم جامائەتلەرنىڭ غەلىبە قىلغان ھالدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىشى- E1 }) F$ \% m& D1 A! y9 C' a
شەرىئەت مەنبەلىرىنى ئۆزگەرتىلۋېتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن شۇ مەنبەلەر نىڭ چاقىرىقىنى يەر يۈزىدە ھەقىقى تەتبىقلايدىغان غالىپ بىر جامائەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى بىر - بىرىگە باغلانغان ئىشتۇر. چۈنكى شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمە ۋە ئەھكاملىرىنى تەرك ئېتىپ، ئۇ مەنبەلىرىنىڭ ھەرپلىرىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بىر كۈركۈم جامائەتلەرنىڭ قىيامەت كۈنگىچىلىك ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرىشى ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلىكنى بېكىتكۈچى ئامىللارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلاندى. ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۈرىدىغان بۇ غالىپ جامائەتلەر مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامىتىدىن، پىتنە پاساتچىلارنىڭ پىتنە ئىغۋالىرىدىن قورقمايدىغان جامائەتلەردۇر. اﷲ تائالا ئۇلار بىلەن زامان ئۆزگەردى، ماكان ئالماشتى دەپ اﷲ نىڭ دىنىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى تەرك ئېتىدىغان ئەۋلادلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.1 \. c: e" {- q V
2 N- {/ C. k0 f9 s; j; c. I
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام مۇنداق دېگەن: "ئۈممىتىمدىن بىر تۈركۈم جامائەتلەر اﷲ نىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر غەلىبە قىلغان ھالدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ". (بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان).
/ اﷲ نىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر غەلىبە قىلغان ھالدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۈرىدىغان بۇ جامائەتلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ھەر خىل تالاش تارتىشلار بولۇپ كەلدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلامى جامائەتلەر ئۆزلىرىنى نىجاتلىق ۋە غەلبىگە ئېرىشكۈچى بۇ جامائەتلەردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندى. شەرھىشۇناس ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ جامائەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئىمام بۇخارى بۇ جامائەتتىن ئىلىم ئەھلىلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ دەپ قارىغان. ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل: ئۇلار ھەدىس ئەھلىلىرى بولمىسا ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن دېگەن. قازى ئىياز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ئىمام ئەھمەد بۇ سۆزىدىن ئەھلى سۈننى ۋەلجامائەنى كۆزدە تۇتقان دېگەن. مەن دەيمەنكى، بۇ جامائەت مۆمىنلەرنىڭ بارلىق سىنىپلىرىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، باتۇر كۈرەشچىلەر، يېتۈك ئالىملار، ھەدىسشۇناسلار، زاھىدلار، يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بويرىغۇچىلار ۋە ياخشىلىقنىڭ بارلىق ساھىبلىرى ئۇ جامائەتنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جۇغلانغان جامائەت بولىشى لازىم ئەمەس. بەلكى، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا تارقالغان جامائەت بولىشى مۇمكىن".
`ئۈچىنچى: ھەر ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىپ يېڭىلىنىپ تۇرىشى
^پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىپ يېڭىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. بۇ، چۈشەنچە، تەسەۋۋۇرلارنى يېڭىلاش، سۆز - ھەرىكەتلەرنى توغرىلاش، شەرىئەتكە يۈزلەنگەن كەم - زىيادە تەرەپلەرنى بايان قىلىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن ھاسىل بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: "اﷲ تائالا بۇ ئۈممەتكە ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا دىنىنى يېڭىلاپ بېرىدىغان كىشىنى ئەۋەتىدۇ". (ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايىتى). شەرىئەتنى يېڭىلاشنىڭ توغرا مەنىسى شۇكى، قۇرئان كەرىم، ھەدىس شېرىپكە ئەمەل قىلىشنى جانلاندۇرۇش، بۇ ھەقتىكى نوقسان ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىش ھەر بىر شەخىسنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان ئىسلاھاتچىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشى ۋە ئىسلاھاتچى جامائەتلەرنىڭ ھەر ساھەدە ئىسلاھات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ.
, بۇنىڭدا ئىسلاھاتچىنىڭ خاتالىقلاردىن پاك بولىشى، ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ زامانداش ياكى كىيىنكى ئالىملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى شەرت قىلىنمايدۇ. بۇنداق شەرت قويۇش ئىسلاھاتچىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ۋەھيىگە ئوخشاتقانلىق، ئىسلاھاتچىنى پەيغەمبەر بىلەن باراۋەر قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
تۆتىنچى: ئىسلام دىنىنىڭ كىچە - كۈندۈز يەتكەن يەرلەرگىچىلىك يېتىپ بارىدىغانلىقى بىلەن بىشارەت بېرىلگەنلىكى
" اﷲ تائالا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەنبەلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ، ئىسلام ئۈممىتىدىن بىر تۈركۈم جامائەتلەرنى قىيامەتكە قەدەر غەلىبە قىلغان ھالدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قالدۇرۇشقا، ھەر ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىپ يېڭىلىنىپ تۇرىشىغا كېپىللىك قىلغان بولسا شەكسىزكى، اﷲ تائالا ئىسلام دىنىنىڭ كىچە - كۈندۈز يەتكەن يەرلەرگە يىتىپ بارىدىغانلىقى، يەر شارىنىڭ مەشرىق - مەغرىبلىرىغىچىلىك ئىگە بولىدىغانلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلدى. تەمىم بىن ئەۋس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "بۇ ئەمر (يەنى ئىسلام دىنى) چوقۇمكى، كىچە - كۈندۈز يەتكەن يەرلەرگە يىتىپ بارىدۇ، اﷲ تائالا بۇ دىننى ئەزىزنىڭ ئىززىتى، خارنىڭ خارلىقى بىلەن خىش ياكى چېدىر ئۆيلەردىن بىرنىمۇ قويماستىن بارلىق ئۆيلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ تائالا ئەزىز كىشى بىلەن ئىسلامنى ئەزىز قىلىدۇ، خار كىشى بىلەن كۇفرىنى خار قىلىدۇ" (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 4/130). شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ قانۇن، ئەھكاملىرى ھېچقانداق بىر ئىنسانغا سىرلىق بولۇپ قالمىدى. ئەۋۋەل اﷲ تائالانىڭ پەزلى كەرىمى ئۇنىڭدىن كىيىن ئىخلاسمەن دەۋەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى. بۇ ئەسىردىكى مەلۇمات ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئىسلام يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆيلەرگە كىردى، تىلېۋىزىيە، كومپيوتېر، ئىنتېرنېت تورلىرىغا ئوخشىغان يېڭى دەۋر ئالاقە ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كىچە - كۈندۈز يەتكەن يەرلىرىگىچە يىتىپ باردى.5 P& Y( Y C+ q: p3 ]! s& ~
$ u! p6 B; u, H8 h! x
- @- ^" K" N* _4 e5 Z4 y