بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن)
ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى بىر قاراشتا سۈننەتى مۇئەككەدە، بىر قاراشتا ۋاجىب، بىر قاراشتا پەرزى كىپايە. لېكىن ۋاجىب دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك.
بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ نامازنى گەدىنىدىن ساقىت قىلىش، گۇناھكار بولماسلىق ئۈچۈن ۋاقتىدا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى قازاسىنى قىلىۋەتكەن تۈزۈك. لېكىن قازاسىنى قىلىۋېتىشنى بەزى ئالىملار سۈننەت، بەزى ئالىملار ئىختىيار دەپ قارايدۇ، بەزىلەر جامائەت بىلەن ئوقۇيالماي قالغان بولسا جامائەت بىلەن قازا قىلىدۇ،/ دەپ قارايدۇ.
ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن باشلىنىپ پىشىنغىچە، يەنى كۈن قايرىلغىچە بولۇپ، جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالسا ۋاقتىدا ئادا قىلىپ ئوقۇغان بولىدۇ. پىشىندىن كېيىن ئوقۇسا قازا قىلغان بولىدۇ.
ھېيت نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتىمۇ ئالىملار ئوتتۇرىدا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس.
ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بەزى ئالىملار قازاسى قىلىنمايدۇ، دەپ قارايدۇ. باشقىلار قازاسى قىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.
دەلىل جەھەتتىن قازاسى قىلىنىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى كۈچلۈك.
ھەدىستە كېلىشىچە: شەۋۋالنىڭ ئېيى تۇتۇق بولغانلىقتىن ساھابىلارغا كۆرۈلمەي قېلىپ، روزا تۇتۇپ قوپقان ئىدى، بىر كارۋان كەچقۇرۇن سىرتتىن كېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا ئاينى ئاخشام كۆرگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى روزىلىرىنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىۋېتىشكە، ئەتىسى ئەتىگەندە چىقىپ ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرىدى.(ئىمام ئەھمەد، نەسائى، ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. دارىقۇتنى، خەتتابى، نەۋەۋى ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ئالىملار سەھىھ دېگەن)
ئىمام شەۋكانى: "بۇ ھەدىس ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكىچە ھېيتلىقى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا ئىككىنچى كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر". (نەيلۇل ئەۋتار 3/382)
يەنە بىر ھەدىستە ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ناماز ئوقۇۋاتاتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ پالاقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نامازدىن كېيىن: «نېمە بولدۇڭلار؟، نېمە ئاۋاز بۇ؟» دېۋىدى. ئۇلار: نامازغا ئالدىراپ قالدۇق، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق قىلماڭلار، نامازغا كەلگىنىڭلاردا. تەمكىن بولۇڭلار، ئىمامغا ئۈلگۈرەلىگىنىڭلارنى ئوقۇڭلار، سىلەردىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆزەڭلار تولۇقلىۋېلىڭلار» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 635-ھەدىس) بۇ ھەدىسنىڭ باشقا رىۋايەتلىرىدە: «ئۈلگۈرەلىگىنىڭلارنى ئوقۇڭلار، سىلەردىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى قازا قىلىڭلار» دېگەن.
دېمەك بىرەر ئۆزۈر تۈپەيلى ھېيت نامىزىنى ۋاقتىدا پىشىنغىچە ئادا قىلالمىغان كىشى ئەتىسى ئەتىگەندە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇيدۇ.
ئۇنداقتا قازاسىنى قىلغاندا قانچە رەكئەت ئوقۇيدۇ؟
بەزى ئالىملار جامائەت بىلەن قانداق ئوقۇيدىغان بولسا شۇنداق ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ئارتۇق تەكبىرلەرنى قىلماي تۆت رەكئەت ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ .
ئىككى رەكئەت ئوقۇپ قازا قىلىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى:
ئەنەس ئىبنى مالىك بەسرىدىن ئىككى فەرسەخ (بىر فەرسەخ: 4.8 كىلومېتىرغا باراۋەر كېلىدۇ.) يىراقلىقتىكى زاۋىيە دېگەن جايدىكى ئازادگەردىسى ئەبۇ ئۇتبەنى بۇيرۇپ، ئايالى بىلەن بالىلىرىنى يىغىپ ئۇلار بىلەن شەھەر ئەھالىسىدەك ھېيت نامىزى ئوقۇپ ئۇلاردەك تەكبىر ئېيتقان. ئىكرىمە مۇنداق دېگەن: دېھقانلار ھېيت كۈنى بىر يەرگە توپلىشىپ دۆلەت رەئىسى شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئوقۇغاندەك ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ. ئەتائ: ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىسە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئى ئەھلى ئىسلام! بۇ بىزنىڭ ھېيتىمىز!» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىلەر، ئاياللار، ئۆيلەردىكى (كېسەل) كىشىلەر ۋە يىراق كەنتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا دېگەن باب)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكىر بوۋىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ تاف دېگەن جايدىكى تۇرالغۇسىدا بولغىنىدا ئۆزى تەۋە بولغان شەھەردە ھېيت نامىزىغا قاتناشمىغان بولسا، بالا-چاقىلىرىنى، ئازادگەردە-قۇللىرىنى يىغىپ ئازادگەردىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇتبەنى بۇيرۇسا، ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ئىمام بولۇپ شەھەر ئاھالىسى ئوقۇغان نامازدەك ئوقۇپ بېرەتتى.(ئىمام تاھاۋى شەرھى مەئانىل ئەساردا رىۋايەت قىلغان. 4/348 سەنەدى ھەسەن)
ئارتۇق تەكبىرلەرنى قىلماي تۆت رەكئەت ئوقۇيدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى:
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "كىمكى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىسە، تۆت رەكئەت ئوقۇسۇن". (ئىبنى ئەبى شەيبە مۇساننىفىدە رىۋايەت قىلغان. 5799-نومۇر، يەنە تابارانى مۇئجەمۇل كەبىردىمۇ رىۋايەت قىلغان 9532-نومۇر)
بۇ ھەدىسنى ھافىز ئىبنى ھەجەر بىلەن ھافىز ئىبنى رەجەب سەھىھ دەپ باھالىغان. بەزى ئالىملار ئاجىز دەپ باھالىغان بولسىمۇ بىراق بۇ ھەدىس بىر قانچە يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىر يولنى ئاجىز دەپ باھالىغان بىلەن باشقا يوللارنىڭ بەزىسىنىڭ ئىسنادى سەھىھتۇر. مەسىلەن شەيخ ئالبانى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىرۋائ دېگەن كىتابىدا "شەئبىي ئىبنى مەسئۇدتىن ئاڭلىمىغان" دەپ بىر يولنى ئاجىز دەپ باھالىغان. سەئىيد ئىبنى مەنسۇر سۈنەنىدە كەلگەن سەنەدنى ئىمام ئىبنى مۇنزىر ئەۋسات دېگەن كىتابىدا: "مۇتاررىف بىزگە شەئبىيدىن سۆزلەپ بەردىكى، ئۇ مەسرۇقتىن، ئۇ ئىبنى مەسئۇدتىن" دەپ بايان قىلغان. بۇ سەنەد سەھىھتۇر. دېمەك شەئبىيدىن رىۋايەت قىلىنغان يول ئاجىز بولغىنى بىلەن مەسرۇقتىن رىۋايەت قىلىنغان يول سەھىھ. ئۇندىن باشقا بۇنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر قانچە مۇتابائات ۋە شاۋاھىدلار بار.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى تەيىنلەپ ئۇنى تۆت رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(ئۇمدەتۇل قارى 6/308)
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن بىر جامائەت بولسا، جامائەت بولۇپ پىشىنگىچە ئىككى رەكئەت ئەينەن ئوقۇۋالىدۇ، پىشىنغىچە ئوقۇمىغان ئەھۋالدا ھېيتنىڭ 2-كۈنى ئەتىگەندە قازا قىلىپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. يالغۇز بىر كىشى بولسىمۇ يالغۇز ئوقۇۋالسا بولىدۇ. يالغۇز ئوقۇغاندا 4 رەكەت قىلىپ قازا قىلسىمۇ، ئىككى رەكئەت قىلىپ قازا قىلسىمۇ بولاۋېرىدۇ. بۇنىڭدا ساھابە كىراملاردىن كەلگەن رىۋايەتلەر بولغاچقا كەڭچىلىك بار.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
مەنبە: ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى