باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 985 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 13:41

تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-11-12)
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
 
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
 
تۆگە گۆشى يېگەندىن كېيىن تاھارەت سۇنۇش ياكى سۇنماسلىق ئالىملار ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ بولۇپ قالغان مەسىلىلەردىن بولۇپ ھەنبەلىي، زاھىرىي، ئەھلى ھەدىس ۋە بەزى شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى تۆگە گۆشىنى خام ياكى پىشۇرۇپ يېسە تاھارەت سۇنىدۇ دەپ قارىغان.
 
ئىمام نەۋەۋى مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلىپ مۇنداق دېگەن: "دەلىل جەھەتتىن سەھىھ ياكى كۈچلۈك بولغان قاراش مۇشۇ، مەن راجىھ دەپ قارايدىغىنىممۇ شۇ"(ئەلمەجمۇئ 2/70)
 
ئىمام شەۋكانىمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرچىھ قىلغان.(نەيلۇل ئەۋتار 1/252)
 
ئۇلار بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان:
 
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: قوي گۆشىدىن تاھارەت ئالامدۇق؟ دەپ سورىۋىدى، «خالىساڭ تاھارەت ئال، خالىساڭ ئالما» دەپ جاۋاب بەردى، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالامدۇق؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ھەئە، تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالغىن» دېدى، ئۇ كىشى: قوي ئېغىللىرىدا ناماز ئوقۇمدىمەن؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە چۆكىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇمدىمەن؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ياق» دەپ جاۋاب بەردى.(سەھىھۇ مۇسلىم 360-ھەدىس)
 
يەنە برائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە سورالغاندا، «ئۇنىڭدىن تاھارەت ئېلىڭلار» دېدى. قوي گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە سورالغاندا، «ئۇنىڭدىن تاھارەت ئالماڭلار» دېدى. (سۈنەنى ئەبى داۋۇد 184-ھەدىس. سۈنەنى تىرمىزى 81-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، نەۋەۋى، ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار سەھىھ دېگەن)
 
بۇ قاراشتىكىلەر بۇ ئايرىشقا: تاھارەت ئېلىۋېتىش ئىبادەت، بىزنى شۇنداق بۇيرۇغان ئىكەن سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلمايمىز دېگەن تەرىقىدە سەۋەب كۆرسەتكەن.
 
يەنە بەزى ھەدىستە تۆگە قوتانلىرىنى باشقا قوي-كالا قوتانلىرىدىن ئايرىپ قارىغان مەسىلەن: ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تۆگە چۆكتۈرىلىدىغان جايدا ناماز ئوقۇماڭلار چۈنكى ئۇ شەيتانلاردىندۇر» دېگەن.
 
بۇ مەسىلە ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگىمۇ چېتىشلىق، چۈنكى تۆگە گۆشىمۇ ئوتتا پىشۇرۇلغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرىدۇ، بىر قىسىم ساھابە-تابىئىنلاردىن ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك دەپ كەلگەن. بىر سەھىھ ھەدىستە: «ئوتقا تەگكەندىن تاھارەت ئېلىڭلار» دەپ كەلگەن.(سەھىھۇ مۇسلىم 352-ھەدىس)
 
ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، مالىك، شافىئىي قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تۆگە گۆشى ياكى باشقا بىر گۆش يېسە تاھارەت سۇنمايدۇ، ئوتقا تەگكەن گۆشنى يېسىمۇ تاھارەت سۇنمايدۇ. بۇ قاراش تۆت راشىد خەلىپىلەرنىڭ، شۇنداقلا كۆپچىلىك ساھابە-تابىئىيلارنىڭ  قارىشىدۇر.
 
كۆپچىلىك ئالىملار مۇنداق دەلىل كۆرسەتكەن:
 
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپكى چاغلاردا: «ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن تاھارەت ئېلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.
 
ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: "ئوتتا پىشۇرۇلغاندىن تاھارەت ئالماسلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرقى چاغلاردا تۇتقان ئىشىدۇر".(ئەبۇ داۋۇد 192-ھەدىس. نەسائىي 188-ھەدىس. سەھىھ)
 
بۇ ھەدىس ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ، يەنى تۆگە گۆشى بولسۇن باشقا گۆش بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى تۆگە گۆشى ئوتتا پىشۇرىلىدىغان گۆشلەرنىڭ بىر خىلىدۇر.
 
ئىمام تاھاۋى مۇنداق دەيدۇ: "ئوتتا پىشۇرۇلغان بارلىق گۆشلەردىن تاھارەت ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بۇرۇنقى ئىش بولسا، ئۇنىڭ بىر تۈرى بولغان تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىدۇ".(شەرھى مەئانىل ئەسار 1/71)
 
دېمەك: كېيىن كەلگەن (ئومۇم ھۆكۈم) بۇرۇن كەلگەن (خاس ھۆكۈم) نى ئەمەلدىن قالدۇرغاندۇر. تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ:
 
سەئىيد ئىبنى ئەلھارىس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئوت بىۋاسىتە تېگىپ پىشۇرۇلغان نەرسىلەرنى يەپ سالسا، تاھارەتنى يېڭىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ياق، بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تائاملارنى ئانچە تاپالمايتتۇق. تاپقىنىمىزدىمۇ بىزنىڭ سۈرتىۋېتىدىغانغا قوللىرىمىزدىن، بىلەكلىرىمىزدىن ۋە پۇتلىرىمىزدىن باشقا ئالاھىدە قول ياغلىقلىرىمىز يوق ئىدى. كېيىن تاھارەت يېڭىلىمايلا ناماز ئوقۇۋېرەتتۇق، دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 5457-ھەدىس)
 
ئەتائ ئىبنى يەسار ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوينىڭ تارغاق گۆشىدىن يەپ بولغاندىن كېيىن تاھارەت يېڭىلىمايلا ناماز ئوقۇغان.(سەھىھەين: بۇخارى: 207-ھەدىس. مۇسلىم: 354-ھەدىس)
 
جەئفەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمرۇ ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قوينىڭ تارغاق گۆشىدىن كىسىپ يەۋاتقاندا نامازغا چاقىرىلىپ قولىدىكى پىچاقنى تاشلاپ تاھارەت يېڭىلىمايلا ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. (سەھىھەين: بۇخارى: 208-ھەدىس. مۇسلىم: 355-ھەدىس)
 
ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ گۆش يەپ تاھارەت يېڭىلىمىغان. (سەھىھۇل بۇخارى: قوي گۆشى ۋە تالقان يەپ تاھارەتنى يېڭىلىمىغان كىشى توغرىسىدا دېگەن باب)
 
ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: "تاھارەت ئېلىش دېگەن چىققان نەرسىدىن بولىدۇ، كىرگەندىن ئەمەس". (سۈنەنى بەيھەقى 8042-ھەدىس. سۈنەنى دارىقۇتنى: بەدەندىن چىققان نەرسىلەردىن تاھارەت ئېلىش بابى. ئىمام نەۋەۋى: ئىسنادى ھەسەن ياكى سەھىھ دېگەن. ئەلمەجمۇئ 6/340)
 
بۇ ساھابىنىڭ سۆزى بولسىمۇ، بۇ ئىجتىھادى مەسىلە بولمىغاچقا، بۇنىڭ ھۆكمى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە ئوخشاش. ھېچ بولمىغاندا بۇ كاتتا فەقىھ بىر ساھابىنىڭ سۆزىدۇر.
 
دېمەك بۇ بىر ئومۇمىي قائىدە، يەنى تاھارەت دېگەن بىر نەرسە يېيىش ياكى ئىچىشتىن سۇنمايدۇ. قوي گۆشى بولسۇن، تۆگە گۆشى بولسۇن ھەممىسى گۆش، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاھارەت سۇندۇرماسلىقتا ئوخشاش.
 
بۇنىڭغا بىنائەن كۆپچىلىك ئالىملار ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن تاھارەت ئېلىش ۋاجىب ئەمەس، ئۇ تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ دەپ قارىغان، نۇرغۇنلىغان ساھابىلارمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان، ئاز بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ دەپ قارىغان.(نەيلۇل ئەۋتار 1/252)
 
دېمەك كۆپچىلىك ئالىملار ھەممە گۆشنى ئوخشاش دەپ قارىسا، بىر قىسىم ئالىملار تۆگە گۆشى بۇنىڭ سىرتىدا دەپ مۇستەسنا قىلغان.
 
تەرجىھ قىلىدىغان بولساق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەن قارىشى كۈچلۈكتۇر، نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بۇ مۇتلەق كۆپچىلىك ساھابىلارنىڭ قارىشىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت راشىدخەلىپىلەرمۇ بار، ئۇلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتكەن، سۈننىتىنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغان زاتلار تۇرسا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەكرار ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ ئىشتا پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى بىلمەي قالارمۇ؟ ئۇندىن كېيىن 20-30 يىل بۇنى بىلمەي ياشارمۇ؟ شۇڭا ئىمام نەۋەۋىي ئۆزى تاھارەت سۇنىدۇ، دېگەن قاراشنى كۈچلۈك دەپ تەرچىھ قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە مۇنداق دېگەن: "كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ يېقىن نەرسە تۆت راشىد خەلىپە ۋە كۆپچىلىك ساھابىلارنىڭ قارىشىدۇر".(ئەلمەجمۇئ 2/75)
 
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: "ئوسمان ئەددارىمى: يۇقىرىدىكى ئىككى تەرەپ دەلىل قىلغان ھەدىسلەر بىر-بىرىگە قارىتا تەڭ كېلىپ قېلىپ قايسى راچىھ ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا راشىد خەلىپىلەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئەمەل قىلغان ئىشقا قاراپ بۇ ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تەرجىھ قىلدۇق، دېگەن. ئىمام نەۋەۋىمۇ مۇھەززەبنىڭ شەرھىدە بۇنىڭغا رازى بولغان. مانا بۇنىڭدىن ئىمام بۇخارىنىڭ مۇشۇ بابنى ئۈچ راشىد خەلىپىدىن كەلگەن ئەسەر بىلەن باشلىغانلىقىنىڭ ھېكمىتى مەلۇم بولىدۇ.". (فەتھۇل بارى 1/311)
 
يۇقىرىدا ھەنبەلىي مەزھەبتىكىلەر دەلىل قىلغان ھەدىس مۇئەييەن بىر ۋەقەلىكتە سورالغان سۇئالغا جاۋاب بولۇپ كەلگەن بولۇپ لەيزى ئومۇملىقنى بىلدۈرمەيدۇ، بىلدۈرگەندىمۇ ۋاجىبلىقنى ئەمەس مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ.
 
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدىكى ھېلىقى ھەدىسنى بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئاجىز دەپ قارىغان.
 
يەنە مۇنداقمۇ تەھلىل قىلىنغان:
 
1. ئۇ ھەدىستىكى تاھارەت ئېلىشتىن قول ۋە ئېغىزنى يۇيۇۋېتىش مەقسەت قىلىنغان، چۈنكى تۆگە گۆشى باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا شىيلاش كېلىدۇ، يۇيۇۋەتمىسە يېغى ۋە پۇرىقى كەتمەيدۇ.
 
2. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان: "ئوتتا پىشۇرۇلغاندىن تاھارەت ئالماسلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرقى چاغلاردا تۇتقان ئىشىدۇر".دېگەن ھەدىسى تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسنى مەنسۇخ قىلىۋەتكەن.
 
بۇلار كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تاھارەت سۇنىدۇ، دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىللىرىگە قارىتا بەرگەن جاۋابلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ جاۋابىغا قارىتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:
 
1. ئۇلار بەزى ئالىملار ئاجىز دېگەن ئاشۇ ھەدىسلەر سەھىھ بولۇپ، بۇلاردا بەزىبىر ئىللەتلەر بارمۇ يوق، ئاجىزلىق بارمۇ يوق بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم.
 
2. ھەدىستىكى تاھارەت ئېلىشتىن قول ۋە ئېغىزنى يۇيۇۋېتىش مەقسەت قىلىنغان، دېگەن سۆز "ۋۇزۇئ" دېگەن شەرئى ئاتالغۇغا خىلاپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ گېپى جىڭدا ئولتۇرمايدۇ.
 
3. كېيىن تاھارەت ئالمىغانلىقى ھەققىدىكى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى مەنسۇخلۇقنى ئانچە بىلدۈرۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشتا تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇپ، كېيىن كىشىلەر بۇنى ۋاجىب دەپ ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزى تاھارەت ئېلىۋېتىشنى تەرك قىلغان بولۇشى چوڭ ئېھتىمال. بۇمۇ مۇستەھەبلىكنى كۆرسىتىدۇ.
 
ھافىز ئىبنى ھەجەر يەنە مۇنداق دېگەن: "ئىمام خەتتابى تاھارەت ئېلىۋېتىش مۇستەھەب، ۋاجىب ئەمەس دەپ مۇۋاپىقلاشتۇرغان".(فەتھۇل بارى 1/311)
 
قانداقلا بولمىسۇن تۆگە گۆشىنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىۋېتىش، ھېچ بولمىغاندا ئېغىز-بۇرنىنى چايقىۋېتىش مۇستەھەب، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدۇ.
 
ۋەللاھۇ ئەئلەم.


مەنبە: ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
 
دوستلىشىش
ئىزھار1
كۆپ كۈلۈش قەلىبنى ئۆلتۈرىدۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8187
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 179
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە179دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 2070 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەڭ مۇۋاپىق جاۋاپ !>
ئاللا دوكتۇرنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن ! ئامىن !
دۈشمەننىڭ پىلانى بۇيىچە ئىش قىلىپ  دۈشمەننىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بۇلۇش نىمە دىگەن دانالىق ھە !
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 475
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 5223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 23:07

كىيىنكى ئىنكاس بىلەن جاۋاپنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ پۇختا چىققان بۇلاتتى

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 516
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە516دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 6356 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 23:41

ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەنگەن قارىشىى  رۇزىنىڭ سۇنىشى ئادەم يىيش ئىچىش ئارقىلىق تاشقىرى تەرەپتىن ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسىغا بىرنەسە كىرىش بىلەن رۇزا سۇنۇدۇ.  تارەت نىڭ سۇنۇشى ئىچكى ئەزادىن تاشقىرىغا چوڭ تارەت ياكى كىچىك تەرەت ياكى يەلدەك بىرنەسە چىقسا سۇنۇدۇ. دەپ قارايدۇ
[ بۇ يازمىنىoguzhan 2011-11-16 18:34قايتا تەھرىرلىدى ]
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 566
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-02-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 00:57

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى oguzhan نىڭ 2011-11-12 23:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەنگەن قارىشىى  رۇزىنىڭ سۇنىشى تاشقىرى تەرەپتىن ئادەمنىڭ ئىچىگە بىرنەسە كىرىش بىلەن رۇزا سۇنۇدۇ. تارەت نىڭ سۇنۇشى ئىچكى ئەزادىن تاشقىرىغا بىرنەسە چىقسا سۇنۇدۇ. دەپ قارايدۇ

ئۇنداقتا ئەر كىشى جنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە سۇنمامدا؟ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەردىن نەرسە چىقىپ، سىرتىدىن نەرسە كىرمىگەندىكىن؟
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-02-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 03:40

تۆگە گۇشى تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرىنى سۇندۇرىدۇ، دېگەنلەر نېمە دەپ چۈشىنىدىغاندۇ؟
[ بۇ يازمىنىyaxam 2011-11-13 04:02قايتا تەھرىرلىدى ]
ۋەللاھۇ ئەئلەم
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 566
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-02-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 05:08

دوكتورنىڭ ئاساسسىز گەپلىرىدىن  بىر گەپ، دەپ چۈشىنىدۇ.
[ بۇ يازمىنىqutluq 2011-11-13 05:18قايتا تەھرىرلىدى ]
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.