باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1269 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ناماز ئوقۇسىڭىز جەزمەن كۆرۈڭ(2)
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 178
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە178دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 13:05

ناماز ئوقۇسىڭىز جەزمەن كۆرۈڭ(2)

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار!  بۇ تىمىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن يوللاۋاتىمىز.  قىرىنداشلىرمىزنىڭ ياخشى پايدىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ۋە ئاللاھ دىن قىلغان بۇ كىچىككىنە ئەرزىمەس  ئىشلارنى بۇ دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىمىزنىڭ كاپارىتى قىلىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.   بۇنى < ئىز باسار > قىرىندىشىمىزنىڭ يوللىغان تىمىسىنىڭ داۋامى دەپ كۆرسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

  مۇسۇلماندارچىلىق بىناسىنىڭ ئىككىنجىسى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇماقلىقتۇر! بەش ۋاقىت ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بىلەن پەزىر قىلىندى.
ناماز تاھارەت بىلەن دۇرۇس  بولىدۇ. ئىستىنجا دىكى تۆت پەرىز تۆۋەندىكىدەك:
1) جۇنۇپ كىشىنىڭ ئىستىنجا قىلىشى
2) ھەيىزدىن پاك بولغان ئايالنىڭ ئىستىنجا قىلىشى
3) نىپاسدىن پاك بولغان ئايالنىڭ ئىسىتىنجا قىلىشى
4) ئالدى-كەينىدىن چوڭ-كىچىك تەرەت كەلگەن كىشىنىڭ ئىستىنجا قىلىشى پەرىزدۇر!

    تەھارەتتىكى تۆت پەرىز تۆۋەندىكىدەك:
1) يۈزىنى پىشانىسىنىڭ تۈك ئۈنگەن يىرىدىن باشلاپ ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى  بىلەن قوشۇپ ئىڭەك ئاستىغىچە يۇماق.
2) ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇماق.
3) بىشىنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلماق.
4) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ  يۇماق.
  ھازىرقى زامان مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىجما قارىشىدا ساقاللىق كىشىگە تەھارەتتىكى پەرىز بەش دەپ ھۆكۈم بىرىلگەن يەنى: ساقاللىق كىشى ساقېلىنى خىلال قىلماقلىق بىر پەرىزدۇر.
 يۇقىرىدىكى تۆت پەرىز بولسا رەببىمىز ئاللاھۇ تائالا قۇرئان كەرىم سۈرە مائىدە6-ئايەتتە بىزلەرگە دىگەن ھۆكۈم.

    غۇسلى قىلىشنى پەرىز قىلىدىغان بەش سەۋەب:
1) ئىككى خەتنىگاھنىڭ ئۇچرىشىشى.
2) مەنىنىڭ لەززەت بىلەن چىقىشى.
3) ئىھتىلام بولۇش ( شەيتان ئاتلاش).
4) ئاياللارنىڭ ھەيزدىن پاك بولۇشى.
5) ئاياللارنىڭ نىپاسدىن پاك بولۇشى.

   غۇسلىدىكى ئۈچ پەرىز تۆۋەندىكىدەك:
1) ئاغزىغا ئۈچ قىتىم سۇ ئىلىپ تاكى گىلىغىچە يەتكۈزۈش.
2) بۇرنىغا ئۈچ قىتىم سۇ ئىلىپ تاكى دىماغىقىچە يەتكۈزۈش.
3) ھەممە ئازالىرىنى ھەتتا بىرتال موينىڭ ئورنىنىمۇ ئالا قويماي يۇيۇش( ئىغىزغا، بۇرۇنغا، پۈتۈن ئەزالىرىغا بىر قىتىم سۇ يەتكۈزۈش پەرىز. ئەمما ئۈچ قىتىمدىن سۇ يەتكۈزۈلسە پەرىز ۋە زۈننەت بىراقلا ئادا تاپىدۇ)
   نامازدىكى ئون ئۈچ پەرىز تۆۋەندىكىدەك:
 بۇنىڭ ئالتىسى نامازنىڭ سىرتىدا،ئالتىسى نامازنىڭ ئىچىدىدۇر.
 نامازنىڭ سىرتىدىكى ئالتە پەرىز:
1) تەھارەت ئالىدىغان سۈيىنى پاك قىلماق.
2) نامازدا كىيىدىغان كىيىمىنى پاك قىلماق.
3) ناماز ئوقۇيدىغان جاينى پاك قىلماق.
4) نامازنىڭ ۋاقتىنى بىلمەك.
5) قىبلىگە يۈز كەلتۈرمەك.
6) نىيەت قىلماق يەنى نىيەتنى تەكبىر تەھرىمىگە تۇتاش قىلماق. نىيەت دىلنىڭ ئىشىدۇر. نىيەتنى دىلى ھەم تىلى بىلەن قىلغاي. ئەمما تىلى بىلەنلا قىلسا دۇرۇس ئەمەس.

  نامازنىڭ ئىچىدىكى ئالتە پەرىز:
1) تەكبىر تەھرىمە
2) قىيام
3) قىرائەت
4) رۇكۇ
5) سەجدە
6) ئاخرقى ئولتۇرۇشتا < ئەتەھھىياتۇ> نى ئوقۇغان مىقداردا ئولتۇرماق ( ئەتەھھىياتۇ، ئىككى دۇردۋە دۇئا ئوقۇش كۆزدە تۇتىلىدۇ).
 ئون ئۈچۈنچى پەرىز ئەۋرەتنى يىپىشدۇر. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىنىڭ ئاستىغىچە.
 ھۆر(ئازات) ئايالنىڭ ئەۋرىتى_ يۈزى، قەدىمىدىن باشقا ھەممە ئەزاسى ئەۋرەتتۇر. يۈزى قەدىمى ( پۇتىنى دىمەكچى) نامازدا ئەۋرەت ئەمەس. ئەمما يات-بىگانە ئەرگە نىسبەتەن ھەممە ئەزاسى ئەۋرەتتۇر. چىچى ئاۋازى ئەۋرەتتۇر. ئەۋرەت ھىسابلىنىدىغان ئەزالىرىدىن تۆتتىن بىر ئىچىلىپ قالسا، ياكى ئايال كىشى نامازدا كىشى ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز چىقارسا نامىزى بۇزۇلۇر.( شەرائىتۇل ئىمان، ئۇيغۇرچە تەرجىمسىدىن پايدىلىنىلدى)

  ئۇندىن باشقا قىرىنداشلار!  ئىنسانچىلىقتا ناماز ئوقۇۋاتقىچە ئىزىپ قىلشلار بوپ تۇرىدۇ.  چۈنكى شەيتان ئەلەيھى لەنەنىڭ بىر بالىسى مەخسۇس نامازدا تۇرغانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەيدۇ( بۇ توغرىدا ئىنق ھەدىس كەلگەن) نامازدا قانداق سەھۋەنلىكلەر كۆرۈلسە نامازنى قايتا ئوقۇشقا توغرا كىلىدۇ؟
   يۇقۇردىكى پەرىزلەرنى تەرىك ئىتىپ قالغاندىن سىرت نامازدا كۈلۈپ تاشلىسىڭىز، كۆكرىكىڭىز قىبلىدىن ئۆرۈلۈپ كەتسە، نامازدا تۇرۇپ سالامغا ۋە چۈچكۈرۈككە جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئاخىر-مۇقەددەم بولۇپ بولۇپ قالسا(يەنى نامازدا ئوقۇغان سۈرىلەرنى قۇرئاندا كەلگەن تەرتىپ بويىچە ئوقۇماي ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز،مەسلەن: سۈرە فىلنى سۈرە قۇرەيشنىڭ كەينىدە ئوقۇپ قالساق... ...) سۈرە فاتىھە نى ئۇنتۇپ قالساق، ئاللاھ قا بولغان قورقۇنچدىن بىغەيرى مۇددادا ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلىساق نامازنى قايتا ئوقۇشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
    تۆت رەكئەتلىك نامازدا قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىڭىزنى دەماللىققا ئىسىڭىزگە ئالالمىسىڭىز كۆڭلىڭىزدە ئاز بولغىنىغا كۇپايە قىلىڭ، يەنى ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇممۇ ئۈچ رەكئەتمۇ دەپ تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز ئىككى رەكئەتكە مايىل بولۇڭ ۋە ئاخرىنى شۇ بويىنچە ئوقۇڭ. تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئوتتۇرىدا ئەتەيھىياتۇ دا ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قىلىپ تۇرۇپ كەتكەن بولسىڭىز شۇ ھامانلا ئولتۇرۋالماي نامازنىڭ ئاخرقى ئەتەيھىياتۇ ئولتۇرىشىدا سەجدە سەھۋە قىلىۋەتسىڭىز كۇپايە.
  سەجدە سەھۋەنىڭ ئۇسۇلى: ناماز ئىچىدە مەلۇم بىر ھالقىدا ئازراق نۇقسان بوپ قالغانلىقىغا كۆڭلىڭىز تايىن تاپسا ئاخىرقى ئەتەيھىياتۇ ئولتۇرىشىدا ئەتەيھىياتۇ نى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككى دۇردنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئوڭ تەرەپكە بىر قىتىم < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ> سالام بىرىۋىتىپ يەنە ئىككى قىتىم سەجدىگە بارىسىز، ئاندىن ئەتەيھىياتۇ نى ئىككى دۇردنى ۋە دۇئانى ئوقۇپ سالام بىرىپ  نامازدىن پارىغ بولىسىز.
 لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇنكى نامازنىڭ ئىچى ۋە تىشىدىكى پەرىزلەرنى تەرىك ئىتىشكە قەتئى بولمايدۇ. پەرىزدىن بىرنى تەرىك ئىتىپ سەجدە سەھۋە قىلىش مۇمكىن ئەمەس!

   مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇيدىغان ئوغۇل قىرىنداشلىرىمىز سەپنىڭ تۈز ۋە يىقىن بولىشغا ئەھمىيەت بىرىڭ. ئەگەر نامازغا ئازراق كىچىككەن بولسىڭىز كىلىپ ئىقتىدا قىلىشتا سەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاشقا ئىمكانىيەت بولسا سەپنى تولۇقلاڭ.  ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئالدىراڭ، ئەگەر سول تەرەپتە ئادەم بەك كەمچىل بولسا سول تەرەپكە كىلىپ ئىقتىدا قىلىڭ. ئىككى تەرەپ تەڭشەلگەن بولۇشى كىرەك. سەجدە قىلغاندا يەرگە تىگىشلىك بولغان ئەزالىرىمىزدىن قايسسى يەردىن ئۈزۈلۈپ كەتسە نامازدىن چىقىپ كىتىپ  قالىمىز، شۇلارغىمۇ  دىققەت قىلىڭ. ئوغۇل قىرىنداشلىرىم ئىمكان بولسا بىشىڭىزغا دوپپا ياكى سەللە كىيىۋىلىڭ. ناماز بامداتنىڭ سۈننىتى < سۈننىتى جارىيە > دەپ ئاتىلىدۇ.  بامداتنىڭ سۈننىتى ئۆيىدە ئوقۇپ پەرىزگە مەسجىدكە ماڭغان قىرىنداشلىرىمىز پەرىزنى ئوقۇپ بولغۇچە گەپ قىلماڭ. بىراۋ گەپ قىلسىمۇ سۈكۈت قىلىڭ. پەرىز ۋە سۈننەتنى ئۆيىدە ئوقۇيدىغانلارمۇ (بۇنىڭ ئىچىدە قىز-ئاياللىرىمىزمۇ بار) ئوخشاشلا دىققەت قىلىڭ. ھەرقانداق جايدا ناماز بامداتنىڭ پەرىزىگە ئۇزۇن سۈر ئوقۇيدۇ( بۇ سۈننەت) ئەگەر سىز سۈننەت پەرىزنى مەسجىدتتە ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ چىقتىڭىز لىكىن مەسجدتتە پەرىزگە تۇرۇپ بولغان بولسىا سىز كۆڭلىڭىزدە سۈننەت ئوقۇپ بولۇپ ئۈلگۈرەلەيمەن دەپ بىكىتەلىسىڭىز سۈننەتنى ئوقۇپ( توخۇ دان چوقۇلىغاندەك ئالدىراپ-تىنەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ) ئاندىن پەرىزگە ئىقتىدا قىلىڭ. ئەگەر ئۇنداق ئويلىيالمىسىڭىز ھازىرلا ئىقتىدا قىلىڭ. ئۇندىن باشقا نامازلاردا پەرىز ئوقۇلىۋاتقاندا ئىقتىدا قىلماي سۈننەتنى ياكى نىراراق بىرىپ پەرىز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس.


   ئاخردا ،ئاللاھ تائادىن ھەربىلىرىمىزنىڭ ئىمانىنىڭ پۈتۈن ۋە مۇستەھكەم بولىشىنى، رىيا ۋە كىبىردىن خالى ھالدا ئىبادەت قىلىشقا نىسىپ قىلىشىنى، قىلغان تىلغا ئالغۇسىز بۇ كىچىككىنە ئەمەللىرىمىزنى دەرگاھىدا مەقبۇل ئەيلىشىنى ئاللاھ دىن ئەيىب نۇقسانلىرىمىزنى ئىتراپ قىلغان ۋە ئاللاھ نىڭ مەغفىرەت ۋە رەھمەتلىرگە ئۈمۈدۋار بولغان ھالدا تىلەيمىز!!! ھۆكۈمرانلىقىغا ھىچكىم ئىتراز بىلدۈرەلمەيدىغان ئۇلۇغ، تەڭداشسىز،كۈچ-قۇدىرەتلىك رەببىمىز ئاللاھ تەبارەك ۋەتەقەددەس دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغاي! ئامىن!!!
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9556
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2011-11-22

(اللە) رەھمەت قىلسۇن.
نەپسى خاھىشىڭنىڭ كەينىگە كىرمە،ئۇ سىنى (اللە) نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ!!!
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 19:17

رەخمەت قىرىندىشىم  
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 20:50

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تېمىنى جاپا تارتىپ تەييارلىغىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  لېكىن نۇرغۇن يەرلەرگە يەنە ئىجتىھاد قىلىپ باقسىڭىز.  مەن ئىككى جاينى ئەسكەرتىپ ئۆتەي.  بولسا يەنە قاراپ باقسىڭىز.

6) نىيەت قىلماق يەنى نىيەتنى تەكبىر تەھرىمىگە تۇتاش قىلماق. نىيەت دىلنىڭ ئىشىدۇر. نىيەتنى دىلى ھەم تىلى بىلەن قىلغاي. ئەمما تىلى بىلەنلا قىلسا دۇرۇس ئەمەس.

نىيەتنى تىلدا قىلىش بىدئەت دەپ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن.

ئاخىر-مۇقەددەم بولۇپ بولۇپ قالسا(يەنى نامازدا ئوقۇغان سۈرىلەرنى قۇرئاندا كەلگەن تەرتىپ بويىچە ئوقۇماي ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز،مەسلەن: سۈرە فىلنى سۈرە قۇرەيشنىڭ كەينىدە ئوقۇپ قالساق... ...)   ئۇششاق سۈرىلەرگە نىسبەتەن  ھىچقىسى يوق دەپ ئاڭلىغان ئىشەنچىلىك ئۇستازدىن.
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 400
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 21:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن بۇرادەر.
بەزى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە سەل كەڭرەك يول تۇتساق بۇرادەرلەر
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 694
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە694دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 21:56

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى sebire نىڭ 2011-11-12 20:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تېمىنى جاپا تارتىپ تەييارلىغىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  لېكىن نۇرغۇن يەرلەرگە يەنە ئىجتىھاد قىلىپ باقسىڭىز.  مەن ئىككى جاينى ئەسكەرتىپ ئۆتەي.  بولسا يەنە قاراپ باقسىڭىز.

6) نىيەت قىلماق يەنى نىيەتنى تەكبىر تەھرىمىگە تۇتاش قىلماق. نىيەت دىلنىڭ ئىشىدۇر. نىيەتنى دىلى ھەم تىلى بىلەن قىلغاي. ئەمما تىلى بىلەنلا قىلسا دۇرۇس ئەمەس.

نىيەتنى تىلدا قىلىش بىدئەت دەپ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن.
.......

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
بۇ مەسىلىنى بۇ بۇرادىرىمىز ئىجتىھاد قىلمىسىمۇ ئالىملار ئىجتىھاد قىلىپ ئوخشىمىغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىشقان.
نىيەتنى تىلدىمۇ قىلىشنى ياخشى دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ بار.
 تىل بىلەن نىيەت قىلىۋاتقان ئادەم نامازغا كىرىشتىن بۇرۇن دىققىتىنى تېخىمۇ يىغالايدۇ.  چۈنكى، دىل بىلەن نىيەت قىلىشقا ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئەمما، تىل بىلەن نىيەت قىلىشقا مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ۋاقىت ئادەمنىڭ دىققىتىنى يىغىشقا نىسبەتەن پايدىلىق، ( بۇ پەتىۋا ئەمەس، ئۆزۈم سىناق قىلغان ئىش، ئەمما، ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىمۇ بار)، شۇڭا مەن بەزىدە نىيەتنى تىلدا قىلمايمەن، بەزىدە تىلىمدا قوشۇپ قىلىمەن.
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 178
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە178دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2012-01-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 10:35

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى sebire نىڭ 2011-11-12 20:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تېمىنى جاپا تارتىپ تەييارلىغىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  لېكىن نۇرغۇن يەرلەرگە يەنە ئىجتىھاد قىلىپ باقسىڭىز.  مەن ئىككى جاينى ئەسكەرتىپ ئۆتەي.  بولسا يەنە قاراپ باقسىڭىز.

6) نىيەت قىلماق يەنى نىيەتنى تەكبىر تەھرىمىگە تۇتاش قىلماق. نىيەت دىلنىڭ ئىشىدۇر. نىيەتنى دىلى ھەم تىلى بىلەن قىلغاي. ئەمما تىلى بىلەنلا قىلسا دۇرۇس ئەمەس.

نىيەتنى تىلدا قىلىش بىدئەت دەپ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن.
.......

   
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم،  سىز قولىڭىزغا چەينەكنى ئېلىپ تەھارەت ئىلىشتىن بۇرۇنلا ئاللاھ  سىزنىڭ نىيىتىڭىزنى بىلىپ تۇرغان بولىدۇ. پەرىشتىلەر ئەمەلىڭىزنى يىزىپ  بولىدۇ. 
   لىكىن سىز 6)-دەپ بەلگە قويۇلغان مەزمۇننى يەنە بىر ئوقۇڭ. نىيەت دىلنىڭ ئىشىدۇر، دىگەن بىر سۆزنى كۆرىسىز.  ئاخىرىدا تىلى بىلەنلا قىلسا دۇرۇس ئەمەس، دىگەن سۆزنى كۆرىسىز.   نىيەتنى دىلىڭىزدا قىلىڭ. تىلىڭىزدا تەستىق سىلىڭ. ئىبادەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھ دۇر!


   نامازدا سۈرىلەرنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرىۋىتىشقا كەلسەك،  بۇمۇ ئىختىلاپى مەسىلە.  بەزى  ئالىملار بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا نامازنى قايتا ئوقۇش كىرەك دەپ قارىسا، بەزى ئالىملار ئالمىشىپ كەتسە ھىچقىسى يوق. بىراق ئالدىنقى رەكئەتكە سالغان سۈرە چوقۇم ئۇزۇن بولشى كىرەك دەپ قارايدۇ.   بۇ مەزمۇنلارنى تىمىغا كىرگۈزسەك يىڭى ئۈگەنگۈچى دوستلىرىمىزغا بۇرمۇنچە جاۋابسىز سۇئاللارنى تاشلىغان بولىمىز( ئەمما ئىنكاستا يىزىشقا مەجبۇر بوپ قالدۇق). قۇرئان سۈرىلىرىنى يادلاشتا تەرتىپ بىلەن يادلىغاندىكىن تەرتىپ  بىلەن ئوقۇڭ!  ھەقىقىتىگە ئاللاھ ئالىم!!!
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 11:50

6-قەۋەت (گۇۋاھ) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!   ئىنكاسىڭىزدىن رازى بولدۇم.   جاھىللاردىن بولۇپ قىلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.  توغرا، نىيەتنىڭ ئورنى دىلدۇر.  نامازنىڭ نىيىتىنىڭ تىلدا بولۇشى دېگەندە مىنىڭ كاللاھغا كەلگىنى، جاينامازغا چىقىپ « ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ناماز باشلاشتىن ئىلگىرى دەيدىغان « نىيەت قىلدىم ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مانچە رەكئەت ناماز ئوقۇشقا» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىش .  ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم،  بىرقىسىم يازمىلارنى كۆرگەندىن كېيىن ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىن  دېمەس بولغان.  باشقا جەھەتتە مىنىڭ كۆزقارىشىم ۋە چۈشەنچەممۇ سىز بىلەن ئوخشاش.
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-13 11:51

5-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

ئىجتىھاد قىلمىسىڭىز ئالىملارنىڭ ئىجتىھاد قىلىپ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيسىز،  قىرىندىشىم.
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8810
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-31
ئاخىرقى: 2011-11-16
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-16 14:04

نىپاس دېگىنىمىز نېمە بولدى؟مەن بىلمەيدىكەنمەن.