ئېران يادرۇ ئەسلىھەلىرىگە ئسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئاتوم بومبىسى توغرىسىدىكى تۇۋەندىكى فىلىمگە قاراپ باقايلى ، ئاتوم بومبسىنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟ ئۇ بىر دولەتنىڭ ھەربىي كۈچىدە قانچىلىك رول ئوينايدۇ ...مۇنازىرە قىلىشىپ باقايلى!
مانخاتتون پىلانىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئىسرائىلىيە ھەربى ۋەكىللىرى 1945-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا تۇنجى يادرو بومبىنى مۇۋاپىقيەتلىك پارتلاتقان يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى تەجرىبە بازىسىدا بومبا پارتلىغاندىن كىيىنكى نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.>مانخاتتون پىلانى<سىناق مەزگىلىدە ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاتوم بومبىسى توغرىسىدا كىشىلەرگە ئاشكارىلىغان ئىدى .ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەردە يادرو كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەرزان ،پاكىز ۋە بىخەتەر ئېنېرگىيە مەنبەسى دېيىلگەن .
<تۆت كوچا ئېغىزى ھەرىكىتىOperationCrossroads>ئامېرىكىنىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرىدا ۋودورود بومبىسىنى سىناق قىلغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ .1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا تىنىچ ئوكياندىكى BikiniAtollئارىلىدا تۇنجى قېتىملىق ئاتمۇسفۇرادىكى يادرو سىنىقى قىلغان بولۇپ،7-ئاينىڭ25-كۈنى ئامېرىكا بۇ يەردە يەنە بىرقېتىم ئاتوم بومبىسى پارتلاتقان ئىدى .1952-يىلى ئامېرىكا مارشال تاقىم ئارىلىدا دۇنيا بوينچە تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى مۇۋاپىقيەتلىك پارتىلاتتى ,
1953-يىلىدىكى سىرىتقا ئېچىۋىتىلگەن يادرو سىنىقىدا ،ئاخبارات ۋاستىللىرى خادىملىرى 7ئېنگىلىز مېلى يىراقلقتىن ئاسمانغا ئۆرلىگەن موگوسىمان ئىس-تۈتەكنى كۆرەلىگەن ئىدى.1954-يىلى ئامېرىكا مارشال تاقىم ئارىلىدا >مەك<ناملىق ۋودورود بومبىسىنى پارتىلاتتى . بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو تېخنىكىسى تولۇق پىشىپ يىتىلگەن ۋاقىتتىكى ۋودورود بومبىسى بولۇپ، بۇ بومبىنىڭ پارتىلاش كۈچى 10مليون400مىڭ توننا تىېرى نېترو تولۇئولنىڭ(TNT) پارتىلاش كۈچى بىلەن تەڭ ئىدى .
1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلىتىمىز تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋاپىقيەتلىك پارتىلاتتى .1970-يىلى فىرانسىيە ياردرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى .چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا فىرانسىيە Mururoaدا 1975-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە جەمئى 123قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن .نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ Mururoaقىلغان سىنىقى نۇرغۇن ئادەملەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىزچىل ئېتراپ قىلمىغان ئىدى .2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى فىرانسىيە 150مىڭ نەپەر يادرو سىنىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارغا تۆلەم بېردىغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى J.RobertOppenheimerكىشىلەر تەرپىدىن ‹ئاتوم بومبا ئاتىسى›دەپ ئاتىلدىغان بولۇپ،ئۇباشقا ئالىملارنى باشلاپ 1945-يىلى تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلاتقان ئىدى.
نۆۋەتتە دۇنيادا يادرو قۇرالغا بولغان قارىشىلىق كۈچلۈك بولۇپ،2009-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى چاۋشىيەن يادرو سىنىقى قىلدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن،كورىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلار بۇنىڭغا قارىشى چىقتى .
ھازىر دۇنيادا خەلىقئارا ئورتاق ئىتراپ قىلغان يادرو قۇرالغا ئىگە دۆلەتلەر ئامېرىكا،جۇڭگو،فىرانسىيە،ئەنگىلىيە،روسىيە،ھېندىستان پاكىستان ۋە چاۋشىيەندىن ئىبارەت سەككىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىليەمۇ يادرو قۇرالى بار دەپ پەرەز قىلىنىدۇ .قازاقىستاندا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ قىسىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ،ئەتراپتىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلىق زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىللىقتىن كىيىن ئاكتىپ ھالدا يادرو قۇرالدىن ۋاز كەچكەن،جەنۇبى ئافرىقا ۋە ئۇكرائىنا تېنىچلىق ئۈچۈن يادرو قۇرالدىن ۋاز كەچكەن. شۇڭلاشقا ئۇلار بۇرۇن يادرو قۇرالى بار دۆلەتلەر دەپ قارىلىدۇ.
پاكىستان ‹يادرو قۇرال ئاتىسى›دەپ ئاتالغان قادىرخان ئۆزىنىڭ لىۋىيە،چاۋشىيەن ۋە ئىرانغا يادرو قۇرال تېىنىكىسىنى بەرگەنلىكىنى ئاشكارلىغان بولۇپ،چاۋشىيەن مۇۋەپىقيەتلىك يادرو قۇرال ياساپ چىققان ،قەزافى ئامېرىكىنڭ بېسىمى بىلەن يادرو سىنىقىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان .
خەلىقئارا ئاتوم ئىنىرگيە ئورگىنىنىڭ دىيشچە دۇنيادا 30نەچچە دۆلەت تېىز سۈرئەتتە يادرو قۇرال ياساش شارائىتىگە ئىگە بولۇپ بولغان(بۇ يەردىكى تېز سۈرئەت3ئاينى كۆرسىتىدۇ)سىتاسىتكىغا قارىغاندا ھازىرغىچە يەرشارىدە جەمئى 2053قېتىم يادرو سىنىقى بولغان ،بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا 1093قېتىم( ،سوۋىت ئىتتىپاقى 715قېتىملىقنى ئىگەللەيدۇ.ب د ت نىڭ جاكارلىشىچە ب د ت ھەر يىلى چىقىردىغان 150مليون دوللار يادرو قۇراللارنىڭ كىڭىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چىقىمىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قۇراللار ئارلىق ئۆزىنى قوغداش دولقۇنىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.ھازىرچە ياپونىيە دۇنيا بويىنچە بىردىنبىر يادرو قۇرالنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغان دۆلەت .
يادرو پارتىلاش يادرو بومبىسىنىڭ بىرقانچە سىكۇنت ئىچىدە غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىش جەريانى بولۇپ، پارتلىغاندىن كىيىن نۇر چىقىرىدىغان ئوت شارى ھاسىل بولۇپ ئاندىن موگۇسىمان ئىس-تۈتەك پەيدا بولىدۇ.بۇ تىپى بولغان يادرو پارتىلاش مەنزىرىسى ھېسابلىنىدۇ.يادرو پارتىلاش يۇقىرى بوشلۇقتا پارتىلاش،يەر يۈزدە پارتىلاش،يەر ئاستىدا پارتىلاش،سۇ يۈزى ۋە سۇ ئاستىدا پارتىلاش دەپ بەش تۈرلۈك بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىera13 2011-11-11 14:39قايتا تەھرىرلىدى ]