جۇدالىق كېچە...
تاڭمۇ ئاتتى...
ۋۇجۇددۇمدا قاترايدۇ ھىجران،
ئارام بەرمەي يۇۋاش دىلىمغا.
كۆزلىرىممۇ ئامالسىز قالدى ،
تۇتالماي ھەم ئامالسىز ياشقا.
بۇ، ۋۇجۇدۇم دولقۇنلار كەبى؛
قىينىدى بەك ئاجىز تېنىمنى.
ئۇزۇتالماي سۆيگۈ قاتىلنى ،
ئۆتكۈزۋەتتىم يىغلاپ كېچىنى .
قانداق قىلاي ، مىھىرلىك ئىدىڭ؛
بۇ دىلىمنى قاتۇرالمىدىم .
شۇنچە ئۇنتاي دىسەممۇ سېنى ،
كۆزلۈرۈمدىن يوق قىلالمىدىم .
خىياك سۈردۈم تولۇق بىر كېچە،
نىمە مەندىن كەتتى ۋە سەندىن ؟
چىدىمىدىم مۇڭلۇق كۈنلەرگە،
كۈتمەپتىمەن ئىماننى سەندىن.
ئېسىڭدىمۇ ، بۇ كۈن سېنىڭكى ؟
مەن يىغلىغان سېنىڭ كۆزۈڭدە.
ھىچ بىلمىدىم نىمە بولدى كۈن ،
گۇنا يوقمۇ سېنىڭ ئۆزۈڭدە.
قۇشقا ئوخشاش مەن قىلالمىدىم ،
ئەسكى ئىكەن نامەرت كىشىلەر.
سېنىڭدمۇ ئەقىل يوقكەنغۇ ،
<مىھرىم > دەيتىڭ ئۇزۇن كېچىلەر.
ھايات ئىكەن بەزىدە ئاچچىق،
كىلەلمىدىم تەڭ ئەسكىلەرگە.
بۇ كۆزلۈرۈم كۆرمەي قالارمۇ،
سەن چۈشۈنۈپ قايتىپ كەلگۈچە.
ئويلىغانتىم شۇنداق ياشاشنى،
ئىمانلىق بوپ مىھىرلەر بىلەن .
سەن تاشلىماي نىجىس ھاراقنى،
يەنە پاتتىڭ غەپلەت پەم بىلەن .
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن ،
بولغانتىم مەن ئايالىڭ سېنىڭ .
لېكىن بۇ كەچ بەكلا قورۇقتۇم ،
ئاسى ۋىژدان ئەمەستى سېنىڭ.
كۆز يېشىمدۇر بۇگۈنگە گۇۋا،
قەسەملىرىڭ دىلىمدا لىپ-لىق.
كېلىدىكەن تۇيۇقسىز ئۆلۈم ،
ئالماپتىمەن سەندىن رازىلىق .
خەير دەريا، خەيرلىك سەھەر؛
ئۇخلاپ قالاي مەنمۇ تىپ-تىنچ.
بارسۇن ئاھىم ئۇلۇغ رەببىمگە،
مەن تىلەيمەن ئىمان بىر زەرچ.
مەنبە: دىلىم .