ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى دەيدۇ :" دۇشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ- دە، 1 اللھ غا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان ھەر قانداق بەندە مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەقەتلا ئۆزى بىلەن قېرىندىشى ئوتتۇرسىدا ئاداۋەت بار ئادەم قالىدۇ, اللھ تەرەپتىن بۇ ئىككىسى ياراشقىچە كۈتىڭلار, بۇ ئىككىسى ياراشقىچە كۈتىڭلار, بۇ ئىككىسى يارشىۋالىغىچە كۈتىڭلار, دىيىلىدۇ". مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
قىيامەت كۈنى ئىككى بەندە اللھ نىڭ ئالدىدا تۇرۇدۇ, ئىككىسىنىڭ بىرى" ئى رەببىم, قېرىندىشىمدىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن !" دەيدۇ؛
اللھ تائالا يەنە بىرىگە : قېرىندىشىڭغا ھەققىنى بەرگىن " دەيدۇ .
ئۇ : ئى رەببىم , ياخشىلىقلىرىم تۇگدى " دەيدۇ ,
اللھ تائالا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا :" قېرىندىشىڭنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگدى " دەيدۇ,
ئۇبەندە " ئى رەببىم مېنىڭ گۇناھلىرىمدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا ئارتىلسۇن " دەيدۇ ,
اللھ تائالا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا :" بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىغا رىغبىتىڭ بارمۇ ؟ دەيدۇ,
ئۇ :" ئى رەببىم ئۇ نېمە ؟ دەپ سورايدۇ ,
اللھ ئۇنىڭغا:" بېشىڭنى كۆتەرگىن ! "دەپ بۇيرۇيدۇ ,
ئۇبېشىنى كۆتۈرۈپ قارسا, ئەڭ گۈزەل بىر سارايدا تۇرغان !
بەندە سورايدۇ :" ئى رەببىم بۇ ساراي كىمنىڭ ؟ بىر پەيغەمبەرنىڭمۇ ؟ ياكى بىر شېھىتنىڭمۇ ؟ "
اللھ تائالا :" بۇساراي پۇلىغا چىقىش قىلالايدىغان كىشىنىڭ ؟ "دەيدۇ .
بەندە :" ئى رەببىم پۇلىغا كىم چىقىش قىلالايدۇ ؟ دەپ سورايدۇ :
اللھ سەن چىقىش قىلالايسەن " دەيدۇ,
ئۇ بەندە :" ئى رەببىم قانداقسىگە مەن چىقىش قىلالايمەن ؟ " دەيدۇ ,
اللھ تائالا :" قېرىندىشىڭنى كەچۈرۈش ئارقىلىق " دەيدۇ,
بەندە دەرھال :" كەچۈردۇم رەببىم , كەچۈردۇم " دەيدۇ
اللھ تائالا:" قېرىندىشىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ, ھەر ئىككىڭلار جەننەتكە كىرىڭلار " دەپ بۇيرۇيدۇ ....
اللھ نىڭ رەھمىتى مانا مۇشۇنداق كەڭ .
قېرىنداشلىرىم ! بىز ھازىردىن باشلاپ دىللىرىمىزدىن ئۆچ - ئاداۋەتنى سۇغۇرۇپ تاشلايلى ! كىمنىڭ قەلبىدە بىرەرسىگە ئۆچمەنلىك ياكى ئاداۋەت بار بولسا ھازىردىن تارتىپ دەرھال قەلبىدىن چىقىرىپ تاشلىشى زۆرۇر ! شۇ چاغدىلا اللھ ساپ ۋە پاك قەلىبلەرگە قاراپ مەغپرەت قىلىدۇ,كەچۇرىدۇ, اللھ نىڭ ياردىمى نازىل بولىدۇ , ئۇممەت خارلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ ئىززەت يولىغا قاراپ ئات سالىدۇ .
{ ئىختىلاپ قىلىشماڭلار , بولمىسا قورقۇپ قالىسىلەر, كۈچ - قۇۋۋىتىڭلاركىتىپ قالىدۇ } ئەنفال سۇرىسى 46 - ئايەت
ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتمايدۇ....ئۇ مۇسۇلمان بولىدىكەن ئۇ سىزنىڭ قېرىندىشىڭىز،بەك ئاچچىقىڭىز كېلىپ كەتسە چىقىپ تاھارەت ئېلىڭ،ئۆزىڭىزگە كۆپرەك سەۋىرنى تەۋسىيە قىلىڭ ئەگەر ئسلامنى ھەققىي چۇشەنسىڭىز ئسلامنىڭ ئۆزى ياخشى ئەخلاق ياخشى مەدەنيەت،ئسلاممىز ئەھكاملىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ،ئنشااللە سىزمۇ ئسلامنىڭ نۇرى ئاستىدا كەڭ قورساقلىقنى ،ئەپۇچانلىقنى ئۆگىنەلەيسىز،اللە ئشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن...