باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 641 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش
MUJAHIT
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9335
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 1652 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-03-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 23:15

قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش

                                                             قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش

 
قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا
اللھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( اللھ غا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبا لىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن- يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشلىق قىلىڭلار).
1/303- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »جىبرىئىل ماڭا قوشنىلارنىمۇ مىراسخور قىلىپ قويارمىكىن، دېگەن گۇمانغا كېلىپ قالغىدەك دەرىجىدە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى«. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
2/304- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: »ئى ئەبۇزەر! ئەگەر سەن شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغا يەتكۈزگىن«. مۇسلىمدىن
يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: »ئەگەر شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىلغىن، ئاندىن قوشنىلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قارا، ئۇلارغىمۇ ئۇ شورپىدىن يەتكۈزگىن« دېيىلگەن.
3/305 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولالمايدۇ« دېدى، كىم ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇنىڭ يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى« دېدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: »يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ «دېيىلگەن.
4/306 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشناڭلارغا قوينىڭ پاچىغىچىلىك نەرسىنى سۇنۇش بىلەن بولسىمۇ قوشنىدارچىلىق قىلىشىنى كىچىك سانىماڭلار«. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
5/307 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ ئارتىۋېلىشىنى چەكلىمىسۇن« ئاندىن ئەبۇھۇرەيرە يەنە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ مەن سىلەرنىڭ بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگىنىڭلارنى كۆرىۋاتىمەنغۇ، اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ سۈننەتنى سىلەرنىڭ زىممىڭلارغا يۈكلەيمەن (بۇ ئامانەتنى ئاراڭلارغا تاشلايمەن). بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
6/308 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى اللھ غا ۋە قيامەت كۈنىگە ئىشەنسە قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن ۋە كىمكى اللھ غا ۋە قىيامەتكە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن ۋە كىمكى اللھ غا ۋە قىيامەتكە ئىشەنسە ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن«. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
7/309- ئەبۇشۇرەيھىل ئەل خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى اللھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە قوشنىلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن ۋە كىمكى اللھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى اللھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن«. مۇسلىمدىن
8/310- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىككى قوشنام بار. ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا ھەدىيە قىلىمەن؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇ ئىككىسىدىن ئىشىكى سىزگە يېقىنراقىغا« دېدى. بۇخارىدىن
11/311- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »اللھ نىڭ نەزىرىدە ھەمراھلارنىڭ ياخشىسى ھەمراھلىرىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر ۋە اللھ نىڭ نەزىرىدە قوشنىلارنىڭ ياخشىسى قوشنىلىرىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر«. تىرمىزىدىن
 
 
  مەنبەسى : ياخشىلار باغچىسى
  1.   مەنبەسى : ياخشىلار باغچىسى
     
ھەممىز  ئاللانىڭ  دەرگاھىغا  قايىتقۇچلارمىز ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9547
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2011-11-15

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئىسلامدا بۇيرۇلغان ھەر ئىشتا بىر ھىكمەت بار. بىز مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتى بار.

<يىراقتىكى تۇغقاندىن ،يىقىندىكى قوشناڭ ياخشى>دىگەندەك.قوشنىلار ئارا مىھرىبان بولسا ئىككىلا دۇنيادا پايدىسى بار.
بىر مىنوتنى ئامانەتكە قويالىسام ئەگەر،جان ھەلقومغا يەتكەندە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىۋالسام...
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 288
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-11 22:19

ئەگەر  غەيرى مۇسۇلمان بولۇپ قالسىچۇ ؟ ...      مېنىڭچە ھەممىسى بولامدىكىن دەيمەن ...  توغرا  كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى  كۈتىمە ن قېرىنداشلار ...
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....