ئەسسالامۇ ئلايكۇم ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار مەن دىمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىدۇ ئەينى چاغدىكى پارس ئىمپىراتورلىقى بىلەن بولغان جەڭدە ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئاز بولسىمۇ جەڭلەردە داۋاملىق غەلبە قىلىپ ئاخىرى ئىمپىراتورلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقوقدارى ھورمۇزان مۇسۇلمانلاردىن يىڭىلىپ نەچچە قىتىم قاچقان بولسىمۇ ئاخىرى يەنە ئەسىرگە چۈشىدۇ شۇچاغدا مۇسۇلمانلار سەركەردىسى بۇ ھوقوقدارنى ئۆز تاجى ۋە تون سەرۇپايلىرىنى كىيدۇرۇپ مەدىنىگە خەلىپە ئۆمەرۇل فارۇقنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىدۇ
ھورمۇزان ئۆلۈم جازاسىغا لايىق بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن دار ئالدىغا ئاپىرىدۇ ۋە خەلىپە ئىيتىدۇكى ئاخىرقى تەلەپلىرىڭ بولسا ئىيتقىن ھورمۇزان شۇ ئاندا ئىيتىدۇكى مەن بىر سۇ ئىچىۋالسام خەلىپە بۇيرۇيدۇ كىشىلەر ساپال قاچىدا سۇ ئەكەلگەندە ھورمۇزان مەن بىر پادىشاھمەن بۇنداق ئادەتتىكى قاچىدا سۇ ئىچمەيمەن دەپ تۇرىۋالغاندا خەلىپە كىشىلەرگە ياخشى قاچىدا سۇ ئەكىلىپ بىرىشكە بۇيرۇيدۇ سۇ كەلتۈرىلىدۇ ھورمۇزان ئىككى ياندىكى جاللاتلارغا ئەنسىزلىك بىلەن قارىغاندا خەلىپە ئىيتىدۇ خاتىرجەم بول سەن سۇنى ئىچىپ بولغىچە ساڭا زەرەر يەتكۈزۈلمەيدۇ دەيدۇ شۇ ئاندا ھورمۇزان ئەيتتىكى ئامانلىق بەردىڭىزمۇ خەلىپە ئەيتىدۇكى ياق ساڭا ھەرگىز ئامانلىق بىرىلمەيدۇ چۈنكى سەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانسەن دىگەندە ھورمۇزان مەن بۇسۇنى ئىچمىسەمچۇ دەيدۇ خەلىپە ياندىكى ساھابىلەرگە قارىغاندا ساھابىلەر ئەيتىدۇكى ئەي ئەمىرۇل مۆئمىنىن سىز ۋەدە قىلغانسىز ۋەدىڭىزدىن يانماڭ بۇ مۇناپىقلارنىڭ سۇپىتىدۇر دەيدۇ شۇ ۋاقىتتا ھورمۇزانغا ئامانلىق بىرىلگەن ئىدى ھورمۇزان بۇنى كۆرۈپ ئىسلامنىڭ قانداق بىر گۈزەل ۋە پاك دىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ئىمان ئىتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ
ئەي قىرىنداشلىرىم بۇ ھىكايە ئەمەس بۇ بىر راس ئىش مەن بۇنى قىززىقارلىق بولسۇن ئەمەس بەلكى ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن يىزىۋاتىمەن
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن ۋە ساپ قەلب مەڭگۈلۈك ئىمان ئاتا قىلسۇن ئامىن!
[ بۇ يازمىنىگۈلخان 2011-11-10 22:30قايتا تەھرىرلىدى ]