باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 858 قېتىم كۆرۈلدى
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 516
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە516دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 6356 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-09 23:23

17-قىسىم

شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى
17-قىسىم
     تۆمۈر سىجاڭنىڭ مارالبېشىغا كىلىشى ۋە سوغۇن قوزغىلىڭى 

 

1932-يىلىنىڭ ئاخىرى 1933-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇرپاندا باشلانغان قوزغىلاڭ غەلبە قىلىپ كورلىغىچە قانات يايدى. تۆمۈر ئېلى (دەسلەپتە تۆمۈر تۈەنجاڭ دەپ ئاتىلاتتى) كورلىدىن جەنۇبى شىنجاڭغا يۈزلىنىپ قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ دىۋىزىيە باشلىقى جىنشۇجژ (جىنشۇرىننىڭ 4-ئىنىسى) قورقۇپ كېتىپ دورا يەپ ئۆلىۋالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا قەشقەر دوتىيى ماشاۋۋۇ (مادوتەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قوشۇمچە دىۋىزىيە سىجاڭلىقىغا تەيىنلەندى.

تۆمۈر ئېلى كۇچانى ئېلىپ ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقتى. ياقا ئېرىقتا بىر مەيدان غەلبىلىك جەڭ قىلىپ ئاقسۇنى ئىشغال قىلدى، بۇ چاغدا مادوتەي خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇلاردىن بىرەر مىڭچە ئەسكەر تەشكىللەپ ياڭ چىڭمىن ئىسىملىك بىر خۇيزۇنى (ئۇنى ياڭ دارىنمۇ دىيىشەتتى) تۈەنجاڭ قىلىپ تۆمۈر ئېلىنى توسۇش ئۈچۈن مارالبېشىغا ئەۋەتتى. ياڭ تۈەنجاڭ ۋە لى دېڭرۇڭ دىگەن تۈەنجاڭلار ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، مارالبېشىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تۇمشۇق دېگەن يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.

تۆمۈر ئېلى ئاقسۇ تەرەپتىن كېلىپ تۇمشۇقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تەڭتوغراق دېگەن يەرگە ئورۇنلاشتى. تۇمشۇق بىلەن تەڭتوغراقنىڭ ئارىلىقى 20 كىلىمېتىردەك كېلىدۇ. بۇ چاغدا قاراشەھەردىكى ماشىمىڭ ئەۋەتكەن مازىخۇي (ماجەنساڭ)مۇ بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرى بىلەن كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن تۇمشۇق ئۇرۇشى باشلاندى. بۇ ئۇرۇش ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ 47 كۈن داۋام قىلدى. ئۇرۇش ناھايىتى قاتتىق بولدى. نەتىجىدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى كۆپ چىقىم تارتىپ، ئىلاجىسىز سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتتى. ۋەكىللەردىن ئەۋەتكەن خېتىدە «بىز ھەر ئىككى تەرەپ مۇسۇلمان، ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكىزەيلى. مادوتەينىڭ پىكىرىمۇ شۇنداق!» دېيىلگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى ماجەنساڭ بىلەن بىرلىشىۋېلىپ تۆمۈر سىجاڭنى چەتكە قاقماقچى. تۆمۈر ئېلى ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.

ئەمدى بۇ ئۇرۇشنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ ئوسمان ئېلى (قىرغىز) ۋەقەسىدە بىر ئاز توختىلىمىز.

1933-يىلى 3-ئاينىڭ ئۇتتۇرىلىرىدا مادوتەي ئۈچتۇرپان، قاقشال يولىنى توسۇش ئۈچۈن سوغۇن چازىسى (قاراۋۇللۇق ئورنى)غا ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولدى. بۇ چاغدا ئوسمان ئېلى (قىرغىز) قەشقەردە دوتەي يامۇلىدا نەزەربەند ئىدى. مادوتەي خەنزۇ، خۇيزۇ، قىرغىزلاردىن تەركىپ تاپقان 400 چە ئەسكەرنى تەشكىللەپ جىڭ تۇڭلىڭنى يىڭجاڭ، ئوسمان ئېلىنى نەزەربەندتىن بوشۇتۇپ لىيەنجاڭلىققا تەيىنلەپ سوغۇنغا ئەۋەتىدۇ. (سوغۇن- ئاتۇشتىن ئۈچتۇرپانغا بارىدىغان تارجىلغىنىڭ ئاغزىغا جايلاشقان بولۇپ ئۇزۇندىن بېرى ئەسكەر تولۇپ كېلىۋاتقان چازا) ئوسمان ئېلىنىڭ قول ئاستىدا ئورز بەگ، ئابلا بەگ، توختى بەگ قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق سەركەردىلەر بار ئىدى. ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرگە سوغۇنغا يېتىپ بارغىچە تازا ئىشەنچ قىلالماي قورال تارقىتىپ بەرمەيدۇ. بۇ 400 دەك ئەسكەر 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاتۇشقا كېلىپ، بىر كىچە قونۇپ ئەتىسى سوغۇنغا يېتىپ بارىدۇ. ئاندىن قىرغىز ئەسكەرلەرگە قورال تارقىتىپ بېرىلىدۇ. شۇ چاغدا مارالبېشى تۇمشۇقتا تۆمۈر سىجاڭ مادوتەي ئەۋەتكەن ياڭ تۈەنجاڭ (ياڭ چىڭمىن) بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوسمان ئېلى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئابلا بەگ ئوراز بەگلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ تۆمۈر سىجاڭ تەرەپكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ خەت ئەۋەتىدۇ. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق :«ھۆرمەتلىك تۆمۈر سىجاڭ، سىلى بولسىلا ئاتا، بىز بولساق بالا، بىز سىلى ئارقىلىق خوجىنىياز ھاجىغا بەيئەت قىلىمىز. ئەگەر سىلى رۇخسەت قىلسىلا بىز سوغۇندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مادوتەي ئەسكەرلىرىدىن قورال تارتىۋېلىپ سىلىگە ياردەمدە بولساق...»

ئوسمان ئەۋەتكەن ئىككى كىشى تۆمۈر سىجاڭنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىپ خەتنى تاپشۇرىدۇ.تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭدىن بەك خوش بولۇپ ئۇلارغا بىر پارچە جاۋاب خەت يازىدۇ. خەت بىلەن بىرگە «فى سەبىلىللا» (
خالىس پىدائى مەنىسىدە) دەپ يېزىلغان بىر بايراق ئەۋەتىدۇ. ئۇلار خەت بىلەن بايراقنى ئېلىپ سوغۇنغا يېتىپ كېلىدۇ. شۇ كېچىسى ئوسمان ئېلى قول ئاستىدىكى ئوراز بەگ، ئابلا بەگ، توختى بەگ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ تاڭغا يېقىن چىن تۇڭلىن ئەسكەرلىرى ياتقان گازارمىنى قورشىۋېلىپ ئۇلارنى قورال تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇلار قورشاۋدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئامالىنى قىلالماي تەسلىم بولىدۇ ھەم قوراللىرىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ خەۋەر چاقماق تىزلىكىدە ئاتۇشقا ۋە تاغقا تارقىتىلىدۇ. بىز ئاتۇش خەلقى ئوسماننىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلبە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ چاپسانراق ئاتۇشقا يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۇق (ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، شۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن خەلققە بولغان زۇلۇم ۋە ئالۋاڭ-ياساق بەك كۆپىيىپ كەتكەنىدى.) شۇ چاغدا مەن (ئابدۇقادىر ھاجى) ئاتۇشتا ئىدىم. ئوسماننىڭ ئاتۇشقا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يۈسۈپ ئاخۇن، ئابدۈشۈكۈر مەخسۇم، سايىت ئاخۇن، ئابلىراخۇن قاتارلىق بەش كىشى يۈسۈپ ئاخۇننىڭ ئۆيىگە يېغىلىپ ئوسماننى قانداق كۈتىۋېلىشنى ھەم ئۆزىمىزنىڭمۇ ئوسمانغا ئەسكەر بولىدىغانلىقىمىزنى مەسلىھەتلەشتۇق. 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوسماننىڭ ئاتۇشقا يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇ كۈنى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئاتۇش خەلقى دىگۈدەك شور ئېرىقنىڭ بېدىلىك دېگەن يېرىگە چىقىپ، ئوتۇن، سامان، بېدە، نان قاتارلىق تەمىنات بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ ئون نەچچە قوي سويۇپ، چۈشكۈن راسلاپ داغدۇغا بىلەن قارشى ئالدۇق.

ئوسمان ئېلىنىڭ بىر بۆلۈك ئەسكەرلىرى ھەممىنىڭ ئالدىدا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوسمان ئېلى ئۆزى كېلىپ خەلقنى كۆرۈپ ئاتتىن چۈشتى. بىز ھەممىمىز يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «ئامىن» دەپ ئۇنى تەبرىكلىدۇق. ئوسمان ئۇچىسىغا بەقەسەم تون، پۇتىغا مەسە-كالاچ كىيگەن بولۇپ، بېشىغا يېشىپ سەللە ئورىۋالغان ئىدى.

ئوسمان بەگنىڭ ئاتۇشقا كەلگەن ئەسكىرى 600-700 دەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېڭىدىن قوشۇلغان قىرغىز ياشلىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە قورالى بار ئەسكەرلەر 400 دىن ئاشمايتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئات ئۈستىدە ئوزۇقلاندى. شۇ كۈنى ئوسمان ئېلى شور ئېرىقتا قونماي، بىخەتەررەك جاي (تاغنىڭ ئىچى) بوغۇزغا يۈرۈپ كەتتى. بوغۇز ئاتۇشتىن ئارغۇغا بارىدىغان ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى جىلغا بولۇپ، ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىلىك جاي ئىدى. دادام (ياقۇپ) باشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر ئوسمان تۈەنجاڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بوغۇزغا چىقىپ كەتتى. دادام قايتىپ كىرگەندىن كېيىن مەن چىقتىم. مەن، يۈسۈپ ئاخۇن، ئابدۈشۈكۈر مەخسۇم، سايىت ئاخۇن تۆتىمىز بىرلىكتە ئوسمان تۈەنجاڭنىڭ چىدىرىغا باردۇق. ئۇ چىدىرنىڭ ئالدىدا ئىككى ئەسكەر پوستا تۇرغان ئىكەن. خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن بىزنى قۇبۇل قىلدى. بىز ئوسمان تۈەنجاڭغا ئۆزىمىزنىڭ ئىنقىلابقا قاتنىشىپ ئەسكەر بولىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئوسمان تۈەنجاڭ بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئىسمىمىزنى يېزىۋالدى، ھەمدە ماڭا بىر دەپتەر، بىر قېرىنداش بېرىپ، يەنە ئەسكەر بولىدىغانلارنى تىزىملاشنى، ئۆزىنىڭمۇ ئەتە ئاتۇشقا بارىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تىزىملانغان ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ئۈستۈن ئاتۇش، ئۈچ مىرۋانغا بېرىشىمىزنى تاپشۇردى. بىز ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ مەھەللىلەردە ئەسكەر بولىدىغانلارنى تىزىملاشقا كىرىشتۇق. شۇ بىر كۈندە 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ياشلاردىن 120 كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى. بۇ 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئىش ئىدى. مەن ئەتىسى ئۆيگە بېرىپ بىر پاختىلىق چاپان، بىر كۆرپە، بىر ئاز نان ھەمدە ئۆيدە ساقلاپ يۈرگەن بىر دانە كونا تاپانچىنى ئېلىپ (3-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئەتىگەندە ئاتلىق ئاچچىقيارغا يېتىپ باردىم. مەن بارغاندا بىر ئاز ئادەم بار ئىكەن. بىرەر سائەتتىن كېيىن ئاتلىق، ئىشەكلىك، پىيادە بولۇپ 150 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىدىن تىزىلىپ، ئۈچ مىرۋانغا قاراپ يولغا چىقتۇق. شۇ ئوتتۇرىدا بىزنى تەبرىكلەپ يۈزدەك ئوقۇغۇچى ئالدىمىزغا چىقتى، ئۇلارنى كۆرۈپ بىز ئۇلاغدىن چۈشتۇق. ئۇلار ئىنقىلابنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشا تەييارلىغانىكەن. ئۇنى ئوقۇپ بەردى. (ئۇلارنىڭ مۇئەللىمى ‹تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن› قەشقەرلىك تۇرسۇن ئەپەندى بولۇپ، شۇ چاغدا خېلى داڭلىق زىيالى ئىدى. ئۇنى شىڭ شىسەي 1937-يىلى قولغا ئېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرىۋەتكەن) بىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچ مىرۋانغا يېتىپ بېرىپ، ئوسمان تۈەنجاڭ بىلەن كۆرۈشتۇق. تۈەنجاڭ بىزنى قانچە كىشى بىلەن كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. بىز 150دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. ئوسمان تۈەنجاڭ قولىغا قەلەم، قەغەز ئېلىپ مېنى ئۆزىگە فۇتۈەنجاڭ قىلغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق يېزىپ بەردى. يۈسۈپ ئاخۇن، ئابدۈشۈكۈر مەخسۇم، سايىت ئاخۇنلارغا ليەنجاڭلىق خىزمىتىنى بەردى. مۇندىن كېيىن ئىككى ئاتۇشتىن (ئۈستۈن ئاتۇش، ئاستىن ئاتۇش) ئەسكەرلىككە يېزىلىدىغانلارنى سىز تىزىملاپ، ماڭا ئومۇمى ساننى مەلۇم قىلىڭ، دەپ تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەر كۈنى ئەسكەرلىككە كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ماڭدىم. ئۈستۈن ئاتۇشتىن ئىدرىس (ئىدرىس-مامۇت سىجاڭ چەتكە قاچىدىغان چاغدا قىزىلدا ئۆلتۈرىۋەتكەن) 70-80دەك ئادەمنى، غوپۇر داموللام 50-60 دەك ئادەمنى باشلاپ ئوسمان تۈەنجاڭنىڭ قېشىغا بارغانىكەن. ئۇلارنىمۇ مەن تىزىمغا ئالدىم. شۇنداق قىلىپ ئەسكەرلىككە يېزىلغان كىشىلەرنىڭ سانى بىر ھەپتە ئىچىدىلا 350دىن ئېشىپ كەتتى. ئوسمان تۈەنجاڭ بۇنى ئاڭلاپ، قورال، تەمىنات مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسكەر ئېلىشنى توختىتىشنى تاپشۇردى. دىمىسىمۇ ئەسكەر مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. لېكىن قورال 500 گە يەتمەيتتى. بىر ياخشى يېرى بەشكىرەم، ئاتۇش دېھقانلىرى ئاتلىرىمىزنى بېدە، سامان، بىزنى ئاش-نان بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەپ تۇردى. بىزمۇ مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، دېھقانلار ئېلىپ كەلگەن ئوتۇن-سامان، يەم-بوغۇز، ئۇن، نان قاتارلىقلارنى تىزىملاپ، ھەرقايسى ليەنلەرگە ئادەم بېشىغا قاراپ تەقسىم قىلىپ بېرىپ تۇردۇق. بىزنىڭ شۇ چاغدا تۇرغان ئورنىمىز تۈتۈرگە ئىدى.

شۇ چاغدا بىزنىڭ ھەربىي مەشىقىمىزنى باھاۋۇدۇن باينىڭ ئۈستۈن ئاتۇشقا ئاچقان يېڭى مەكتىپىدە ئوقۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بېرەتتى. (1916-يىللىرى باھاۋۇدۇن باي تۈركىيىدىن ئەخمەت كامال دېگەن بىر ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ يېڭى مەكتەپ ئاچقان، كېيىن قەشقەرنىڭ ئۆمەر باي قاتارلىق چوڭ بايلىرى ۋە بىر قىسىم موللىلار يېڭى مەكتەپكە قارشىلىق بىلدۈرۈپ «جەدىد» دەپ بۇ مەكتەپنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن ئەخمەت كامال ئىچكىرى ئارقىلىق تۈركىيىگە كەتكەن). بىز تۈتۈرگىدىكى ۋاقتىمىزدا 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مادوتەي 60-70تەك ئەسكەرگە گېنىرال ساھىب (گېنىرال ساھىب-ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامانىللاخان ۋاقتىدا يەكەندە قويغان كونسۇلى بولۇپ، ئامانىللاخان تەختتىن چۈشۈپ، نادىرخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كونسۇللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن گېنىرال ساھىب ئۆزلىكىدىن ئىشتىن بوشاپ بىكار بولۇپ قالغان ھەم ئافغانىستانغا كېتەلمەي قەشقەردە تۇرۇپ قالغان.) دېگەن بىر ئاۋغاننى باشلىق قىلىپ بىز بىلەن سىناق تەرىقىسىدە ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى. گېنىرال ساھىب ئەسكەرلىرىنى باشلاپ توققۇز ھوجرا بار تاغنىڭ ئاغزىغا كەلگەندە بىزنىڭ ئۇ يەردە رازۋىدكىغا چىقارغان ئەسكەرلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ھەمدە يېرىم سائەتتەك ئۇرىشىدۇ. بىزنىڭ رازۋىدكا ئەسكەرلىرىمىز چەنلەپ ئېتىپ گېنىرال ساھىبنىڭ بەش ئادىمىنى ئاتتىن موللاق ئاتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىككىسى شۇ مەيداندىلا جان ئۈزىدۇ، ئۈچى يارىدار بولىدۇ. بىز بۇنى شۇ جايدىكى دېھقانلارغا ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈپ قويۇشنى، يارىدارلارنى داۋالاپ ساقايتىشنى تاپىلاپ تاپشۇرۇپ بەردۇق ھەم بىر ئەسكەرنى ئەسىر ئالدۇق.

ئۇ چاغدا بىزدە كېسەللەرگە بېرىدىغان دورا ياكى تاڭىدىغانغا بىرەر تال ماتامۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دورا، ماتا تەييارلاپ قويىدىغان بولدۇق. شۇ كۈنى قولىمىزغا چۈشكەن بىر ئەسىر : قەشقەر شەھىرى يۇمىلار شەھەر كۆل بېشىدىكى سېلىپ ئىچىدە مادوتەينىڭ خەنزۇ، خۇيزۇ بولۇپ مىڭدەك ئەسكىرى بار. دوتەي يامۇلىدا مادوتەينى ساقلايدىغان 200 دەك ئەسكەر بار، يېڭى شەھەردە مىڭدەك ئەسكەر بار. شەھەر دەرۋازىلىرى ئېتىكلىك، مۇھاپىزەت ناھايىتى كۈچكۈك، ئۇنىڭدىن باشقا مەھەممەتخان بېك باشچىلىقىدا 200 دەك ئۇيغۇر ئەسكەر بار. ئۇلار سېپىلنى ساقلاۋاتىدۇ، دەپ سۆزلەپ بەردى.

 

تۇمشۇقتىكى ئۇرۇش
تۆمۈر سىجاڭ مارالبېشىنىڭ تۇمشۇقتا ياڭ چىڭمىن بىلەن قېرىق نەچچە كۈن سوقۇشتى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى ناھايىتى پىداكارلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە، ياڭ تۈەنجاڭ يېڭىلىپ، پۇتىغا ئوق تىگىپ يارىلاندى. ئۇلار ناھايىتى پاراكەندە، چۇۋالچاق ھالدا تۇمشۇقتىن قېچىپ سېرىقبۇيا، تېرىم، خانئېرىق ئارقىلىق يېڭىشەھەرگە كېلىپ دەرۋازىنى تاقىۋالدى. تۆمۈر سىجاڭ ياڭ چىڭمىننى يېڭىپ، تۇمشۇقتىن مارالبېشىغا كېلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.

 

تۆمۈر سىجاڭ پەيزاۋاتقا كەلگەندە ئوسمان ئېلى ئاتۇشتىن پەيزاۋاتقا كېلىپ تۆمۈر سىجاڭ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ چاغدا مەنمۇ بار ئىدىم. شۇ ئاخشىمى بۇلار ئۇزاق پاراڭ سېلىشتى. تۆمۈر سىجاڭ سوغۇندىكى قوزغىلاڭنى ھەمدە ئوسمان ئېلىنى ئالاھىدە ماختىدى. تۆمۈر سىجاڭ :«مەن مادوتەيگە ۋەكىل ئەۋەتتىم، تىچلىق بىلەن قورال تاپشۇرۇش ياكى ئۇرۇشۇش توغرىسىدا ئەتە-ئۆگۈن جاۋاب كېلىدۇ. ماجەنساڭ (مازىخۇي)مۇ ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە پەيزاۋاتقا يېتىپ كېلىدۇ، شۇ چاغدا مادوتەينىڭ جاۋابىغا قاراپ مازىخۇي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قەشقەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىمىز، شۇنىڭغىچىلىك سىلەر يەنىلا قەشقەر ئەتراپىدا، شەھەرگە تەگمەي تۇرۇڭلار، قەشقەر شەھىرىدە ئادەم كۆپ، ئۇرۇش بولۇپ قالسا، كۆپ ئادەم قىرىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا مۇمكىن قەدەر ئۇرۇش قىلماي تىنچلىق بىلەن كىرگىنىمىز تۈزۈك» دېدى. ئوسمان ئېلى بۇ پىكىرگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئاياغلىشىپ ئەتىسى (4-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئەتىگەندە يولغا چىقىپ ئاخشىمى ئاتۇشقا يېتىپ كەلدۇق. داۋمى بار


شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى   1996-2-ئاينىڭ -1 كۉنى
[ بۇ يازمىنىoguzhan 2011-11-10 00:08قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8972
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-28

بېشى  يوقمىدۇ؟
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 16:16

    بەك ياخشى تىمىكەن     داۋامىنى كۇتىمىز يوقاپ كەتمەي تىزراق يوللاسىز قىرىندىشىم
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1547
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1547دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 17:01

داۋامى قانداق بوللاتتى ،،،،،،،،،،،
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 288
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 18:33

مەن مۇشۇنىڭغا دائىر ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ئامراق ، تولۇق ئوتتۇردا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە داۋاملىق مۇشۇ  توغۇرلۇق سۆزلىسە  بويۇن تۇمۇرلىرى چىقىپ كېتەتتى ....    داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ... رەھمەت ..
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5623
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 187
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3178 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-09
ئاخىرقى: 2012-02-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 18:56

ياخشىكەن.
LoneWolf
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9533
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-09
ئاخىرقى: 2012-01-02
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 19:08

بۇماتېرياللار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ! 1-16قىسمىلىرىنى نەدىن تاپىمىز؟؟؟
بىلگەننى يوللاڭ بىلمگەنلەر بىلىۋالسۇن ،بىلمىگەننى يوللاڭ بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن!
دەۋراندىن...
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 516
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە516دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 6356 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-03-27
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 22:20

بۇ كىتاپلارنىڭ 12-قىسىمدىن 17-قىىمغىچە يېقىنقى زامان تارىخلىرى بولغاندىكىن بىزلەر  چۇشەنمەك ئاسانراق كەن بۇ كىتاپلار نىڭ دەسلەپتە بىرىنجى نەشرى86-يىلى بىرىنجى ئايدا چىقىپتىكە 2-قېتىم نەشرى 96-يىلى بىر چىقىپ تۇگەپ كىتىپ ئىككىنجى كورۇنمەپتۇ  12-قىسىمدىن 17 قىسىمغىچە مەزمۇنى بىربىرىگە مۇناسىۋەتلىككەن