باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6450 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇسۇلمانلارغا قايغۇلۇق خەۋەر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8965
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 511 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-11-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-09 21:11

مۇسۇلمانلارغا قايغۇلۇق خەۋەر.

[color=#6666CC]ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،2011-يىلى11-ئاينىڭ8-كۇنى يەنى قۇربان ھىيىتنىڭ 2-كۈنى. دىننى ئالىم ،غۇلجا قاردۆڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەبۇبەكرى خەلپىتىمدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدۇق.مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن!
ئەبۇبەكرى خەلپىتىم 1968-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان(بىر تۈققىنىدىن بىلىشىمچە،بەزىلىرى1969-يىلىلىرى تۇغۇلغان دەپمۇ قارايدىكەن)10يىشىدىن تارتىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىغان،كىيىنكى 32 يىل ئۇنتۇنسىز ئىلىم ئىلىشى بىلەن ھازىرقى ئالىملىق كامالىتىگە يەتكەن.نۇرغۇن شاگىرىتلارنى يىتىشتۇرۇپ چىقارغان، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا غۇلجا چەيلەڭزە مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولغان،كىيىنچە غۇلجىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن غۇلجا شەھرىگە يىنىپ كىرگەن،ۋە قاردۆڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆتەپ كەلگەن.
مەرھۇمنىڭ مىيىت نامىزى،ۋە دەپنە قىلىش جەريانى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى،خەۋەر تاپقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك قاتناشتى، بولوپمۇ مەرھۇمنىڭ مىيتىنى غۇلجا شەھرىدىن ئەپچىقىپ چەيلەڭزە يىزىسىغا ئازقالغاندا جامائەتنىڭ جىنازىنى تالىشىپ تۇرۇپ تۇپىراق بىشىغا ئەپچىقىش جەريانى بەكلا ھەيۋەتلىك بولدى،
جمجىت بىر يىزا ئادەم دىڭىزىغا ئايلاندى. بۇنداق كۆرنۇش غۇلجا تارىخىدا پەقەت يىقىنقى 30 يىل جەريانىدا ئىككىلا قىتىم يۇز بەردىمىكى دەپ قارايمەن.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئالىم دىگەن نەچچە يۇزمىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرسا چىقسا چىقىدۇ بوممىسا چىقمايدۇ.
مانامەرھۇمنىڭ ھايات چىغىدا شۇنچىلىك ھۆرمىتىنى يا قىلدۇق يا قىلالمىدۇق،ئەمدى بىزدىن ئايرىلىپتى غۇلجا ئاسمىنىدىن بىر نۇرلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۆچكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق.
قىرىنداشلار بىز مەيلى نەدىلا بولايلى مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلدىكەنمىز، ھەقىقى دىننى ئالىملىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى، قەدىرلەيلى! ئۆلىما ئالىملىرىمىز قانچىلىك ئازىيدىكەن بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى زالالەت بولىدۇ قېرىنداشلار!
ئۇلۇغ ئاللاھ ئالىملىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت زىھنىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن،ئامىن!

دەپنە جەريانىدىكى فىلىملەر بار ئىدى،ئاپىراتتىن مەسىلە كۆرلۇپ يوللاش ئەپسىز بوپ قالدى كەچۇرۇڭلار قىرىنداشلار. باشقا فىلىمغا ئېلىۋالغان قېرىنداشلار بولسا يوللاپ قويساڭلار.

مەنبە: پىدا
[ بۇ يازمىنىpida.n 2011-11-09 21:17قايتا تەھرىرلىدى ]
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 736
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە736دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12377 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-10 02:46

 ئىننا لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن.
ئاللاھ تەئەلا ئۇ رەخمەتلىكنى جەننەت ئەھلىدىن قىلسۇن، بىزلەرنى ئالىملىرىمىزدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، ئامىن.
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...