مىكروسىوفىت شىركىتىنىڭ نەچچە يۈز مىليۇن ئىشلەتكۈچىسىگە ئىگە ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان م س ن ( مەسىنگىر ) پاراڭلىشىش دىتالىنى مۇشۇنداق بەس-بەستە نومۇر ئىلتىماس قىلىشىپ، قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەتكەن بولساڭلار، قانچىلىك ياخشى بولغان بولار ئىدى.
شۇ باھانىدا ئۇيغۇرچە بېسىشنى، يېزىشىى ۋە ئىملايىمىزنى توغۇرلىۋىلىشقا ئۈلگۈرگەن بولاتتۇق ئەمەسمۇ؟ توۋاھ، دەيمەن، بىھودە، ئارتۇقچە نەرسىلەرگە خۇددى بۇدۇشقاقتەك چىڭ چاپلىشىۋالدىكەنمىز. مۇنبىرىمىز كەڭساي مەسىنگىر توپى قۇرۇلغىلى يېرىم يىلدەك ۋاقىت بولدى، مۇنبىرىمىزدىكى ئېرا، سامانيولى ، مەنزىرە قاتارلىق بىر قانچە قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىتىشنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلدى، لىكىن ئىش يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقى، يەنىلا ئىككى-ئۈچلا ئەزا بىلەن چەكلىنىپ جىمىپ قالدى.
ئەسلىدە مۇنبەر ئۈچۈن ئازغىنە كۈچ چىقىرىپ، جۈملىدىن ئانا يېزىق ئۈچۈن راسلانغان كىچىك سەھنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇنبەر ئاتامانلىرى، باشقۇرغۇچى ۋە كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىھتىياجلىق ئىدى.
بوپتۇ، رەنجىمە كۆڭلۈم، يامان دىسەڭ بالاڭنى كىم بېرىدۇ ياخشىنى دەپ، يۈرۈپ تۇراي، ئوڭشىلىپمۇ كېتەر خۇدايىم بۇيرىسا.