دۇئا ھەققىدە
ئاپتورى : ئەمرى خالىد
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلالى
كۆزلىگەن ئارزۇسى بولسىمۇ, يولى ئېتىلىپ ئامالسز قالغان,كشلەردىن ياردەم تەگمىگەن, مەقسەتلىرىنى ئاشۇرالماي, تەنھا, بىچارە, قەلبى سىقىلىپ, كۆڭلى سۇنۇپ, كۆۈزلىرى ياشقا تولسمۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەنلەرگە بېغشلاندى .
ئالدىڭدا مەڭگۈ تاقالماس بىر ئىشىك تۇرۇپتۇ, ئۇنىڭ ئىگىسى سېخى, بىھاجەت, ھەتتا ئۆزىدىن ھاجىتىنى سورىمايدىغانلاردىن غەزەپلىنىدۇ..
.
بۇ كىتابىچنىڭ مەزمۇنى :
· ھەمممىز اللھ غا مۇھتاجمىز .
· ئۇلارىنڭ ھاياتىدىكى دۇئا .
· ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايلى .
· ياشلار بىلەن سۆھبەت .
· دۇئانىڭ ئىجابەت بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى .
· دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدىكى تۆت شەرت.
· كۆپچلىك! چىن قەلبىڭلاردىن دۇئا قىلىڭلار !
سۆزىمىز ئىبادەتلەر ئىچىدىكى بىر خىل ئىبادەت ھەققىدە بولماقچى, لېكىن بۇ ئىبادەت توغرىسدا سۆز ئېچىشتىن ئىلگىرى مەن سىلەرگە ھەمممىز ھېس قىلىدىغان بىر مەسىلىنى ئوچۇق دىيىشىم لازىم :
ئەمەليەت شۇكى, ھەر-بىرىمىزگە بەزى چاغلاردا قىينىچىلىقلار تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ, بارلىقمىز اللھ غا مۇھتاجمىز, ھەممىمىز اللھ ئالدىدا ھاجەتمەنمىز, ھەر قاندىقىمىزنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان ئارزۇلىرىمىز بار, ھەر قانداق بىرىمىزنىڭ اللھ كەچۈرسىكەن دەپ تىلەيدىغان گۇناھ – خاتالىقلىرىمىز بار, ھەر – بىرىمىزنىڭ اللھ قا ھەر خىل تىلىكى بولىدۇ, بۇنداق بولمايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق, مانا بۇ بىز "دۇئا " دەپ ئاتاۋاتقان نەرسىدۇر.
اللھ مۇنداق دەيدۇ: {ئى ئىنسانلار! سىلەر اللھ غا مۇھتاجسىلەر, اللھ (ھەممىدىن ) بىھاجەتتۇر, مەدھىيىگە لايىقتۇرۋ ..... (فاتىر سۈرسى ,15- ئايەت ) , مۇتلەق مۇھتاجلىق .... بارلىق نەرسىلەردە مۇھتاجلىق .... ھېچكىم بۇ ئاتالغۇدىن سىرت ئەمەس ! بايمۇ مۇھتاج, كەمبەغەلمۇ مۇھتاج, ھاكىممۇ (ھۆكۈمرانمۇ ) مۇھتاج, پۇقرامۇ مۇھتاج, خوجايىنمۇ مۇھتاج, خىزمەتكارمۇ مۇھتاج...
ھەممە – ھەممىمىز اللھ غا مۇھتاجمىز, ئۇ بولسا بىھاجەت تەنھا زاتتۇر, شۇڭا بىز اللھ غا ھاجەتمەنمىز .
اللھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ :{ رەبىبڭلار ئېيىتتىكى ,(ئى بەندىلىرىم !) دۇئا قىلىڭلار ,ئىجابەت قىلىمەن} (غافىر سۈرسى ,60- ئايەت )دېگەن سۆزى ھەققىدە, بۇنىڭ مەزمۇنى توغرسىدا بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىپ باقايلى, رەبىبمىز ئۆزىگە دۇئا قىلشمىز بىلەنلا ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ! بۇنىڭدىنمۇ قىزىقارلىقى بىر كىشى پەيغەمىبرىمىزگە كېلىپ مۇنداق دېدى : "ئى اللھ نىڭ رەسۇلى! رەبىبمىز بىز توۋلاپ چاقىرغۇدەك يىراقىتىمۇ ياكى سىرداشقۇدەك يېقىندىمۇ؟" يەنى , بىز يا رەببىم , يا رەببىم !دەپ توۋلغۇدەك يىراق ئارىلىقتىمۇ, ياكى جىمجىتقىنا سىرىمىزنى تۆككۇدەك يېقىن, يېنمىزدىمۇ؟ دېمەكچى ئىدى.
رەسۇلۇللاھ ئۇندىمەي تۇرۇپ قالدى ۋە شۇ ھامان اللھ نىڭ بۇ ئايىتى نازىل بولدى: { بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورسا (ئۇلارغا ئېيىتقىنكى ) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن, ماڭا دۇئا قىلسا, مەن دۇئا قىلغۇچىنڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمەن, ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۇچۇن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئشەنسۇن! } بەقەرە سۈرسى ,186-ئايەت.
دېمەك, بۇ مەسىلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاستچىلىقى لازىم بولمايىتى, اللھ تائالا ھەرگىزمۇ : ئى مۇھەممەد, مېنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىمنى ئۇلارغا دېگىن! دېمىدى, بەلكى ئۇدۇللا, مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن, ماڭا دۇئا قىلسا, دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن, دەپ بىلدۈردى, رەسۇلۇللاھ بولسا بىزگە مۇنداق دەپ يەتكۇزگەن :" كمكى اللھ دىن ھاجىتىنى سورىمسا اللھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ" تىرمىزى رۋايەت قىلغان.
دېمەك ,كمكى اللھ دىن ھاجىتىنى تىلەشكە ئادەتلەنمىسە, اللھ ئۇنىڭغا غەزەپلىنىدۇ, سەن مۇسۇلمان بولغانكەنسەن ئىككى قولۇڭ اللھ دىن ھاجەت سوراپ دايىم يۇقۇرى كۆتىرىلىپ تۇرۇشى تەبىئيلىكتۇر!
رەسۇلمىز بىزگە مۇنداق بىلدۇرگەن ئىدى: " دۇئا قىلشنىڭ ئۆزى ئىبادەت" تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان .
رەسۇلۇللاھ يەنە بىزگە شۇنداق بىر ئىسل ھەدىسنى ئۆگەتكەنكى , ھەر – بىرىمزنىڭ بۇ ھەدىس ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىمزنى ئارزۇ قىلىمەن, چۇنكى بۇ ئىسل ھەدىس ھەر – بىرىمىزنىڭ رەببىمىزگە دۇئا قىلىشى بىلەن روھىي دۇنيامىزدا زور قۇۋۋەت پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئىشارە ئىدى :" اللھ تائالا ھەقىقەتەن ھايالىقتۇر, سېخىدۇر, بەندە ئىككى قولىنى كۆتىرىپ دۇئا قىلسا ئۇلارنى ئۇمىدىسز قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ"، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان .
رەسۇلۇللاھنىڭ "ھايالىق" , "سېخى" ئىسملىرىنى تاللىغانلىقىغا قارىغىن, "ھايالىق", يەنى اللھ ئۆزلۇك سۇپىتىگە لايىق ھالدىكى ئىنتايىن ئۇياتچانلىق؛ "سېخى" , يەنى اللھ ساڭا سورىماستىنلا بېرىۋېرىدۇ... اللھ مۇشۇنداق ئۇلۇغ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغاچقا, دۇئا قىلىپ قولۇڭنى كۆتەرسەڭ ھېچ قاچان ئۇنى ئۈمىدىسز قايتۇرمايدۇ! قەلبىڭلار دۇئا قىلىشقا تەلمۇرۈۋاتامدۇ؟
ئەمدى مەن "دۇئانىڭ ئۆزى ئىبادەت " دېگەن ھەدىس ھەققىدە بىر سوئال سوراپ باقاي : دۇئانىڭ ئۆزى ئىبادەت بولسا نامازنى نېمە دېيىش كېرەك ؟ رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن ئىبادەت مەسىلىسدە دۇئانىلا تىلغا ئالغان؟
ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرى
* مېنىڭچە ناماز ئوخشىمايدۇ, چۇنكى بىز ناماز ئوقۇغىنمىزدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيمىز ھەمدە باشقا مەلۇم سۈرىلەرنىمۇ ئوقۇيمىز, ئەمما دۇئا بولسا, مەن اللھ غا بىۋاستە سۆزۇمنى دەيدىغان, ئىچىمدىكى ۋە قەلبىمدىكى بارلىق تىلەك – ئارزۇلىرىمنى يەتكۇزىدىغان بىردىنبىر ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ, ئىبادەت دېيىشتىن مەقسەت مۇشۇ .
* مەن مۇنداق دە پ قارايمەن :دۇئا دېمەك ئىبادەتتۇر, چونكى مەن بىرسىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلسام بۇ مېنىڭ شۇنداق دەپ ئىتراپ قىلغىنىم بولىدۇ: ئۇ بارلىق ئىشلارنى باشقۇرىدۇ, خالىغىنچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ, ئۆزى ياخشى كۆرگىنى بويىچە ئايماي بېرىدۇ, مانا بۇ رەۋىشتە ياراتقۇچىمىزنىڭ پەزلىنى ئېتىراپ قىلغىنمىز ئىبادەتنىڭ ئالى دەجسىدۇر.
*مېنڭ قارشىمچە, ئىنسان دۇئا قىلىپ, (ئى رەببىم, مەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىچارىمەن, سەندىن باشقا تايانچىم يوق) دەپ تۇرغان چاغدا, بۇ ئۇنىڭ اللھ نىڭ مۇھتاج بەندىسى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق پاكىتى بولىدۇ. مېنىڭچە رەببىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىز ھەرگىزمۇ پەرزلەرنى ئادا قىلىش – روزا, ناماز ئوقۇش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىقلار بولماستىن , بەلكى ئاساسى جەھەتتىن سۆيگۇ ئالاقسىدۇر, مەن بىرىنچى بولۇپ اللھ غا بولغان مۇھەبىبىتىم ۋە دۇئالىرىم ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشمەن, ئاندىن اللھ نى سۆيگەنلىكىمدىن ئۇنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ, دۇئا قىلىپ ۋە يېقىنلىشپ تۇرۇشۇم شەكسز......
ياشلار تەرىپىدىن دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپ قسمىغا قوشۇلۇشۇم بىلەن بىرگە, باشتىكىلەرنى يىغىنچاقلىشمغا رۇخسەت قىلىڭلار.
ئىبادەت سۆزى ئەسلىدە "قۇلچلىق" قىلماق, يەنى مەلۇم خوجايىنغا قۇل بولماق دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان, " قۇل " دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغىنمىزدا, تۇنجى بولۇپ نېمە ئويىڭىزغا كېلىدۇ؟ بىچارىلىق.... بويسۇنۇش, ئىلتىجا ۋە مۇھتاجلىق....
دېمەك ئىبادەت كەلمسىنىڭ ئەسلى مەنسى "بويسۇنۇش"، مەسىلەن بىر ئىنسان ناماز ئوقۇغاندا تولۇق بوي سۇنۇشنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن, يەنى نامازدىكى چالىلىق سەۋەبىدىن ئەمەس, بەلكى دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرەلمەسلىكتىن. مەسىلەن سەن يەنە زاكات پەرزىنى ئادا قىلىۋاتقىنىڭدا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ مەنىسىنى ھېس قلالماسلىقىڭ, نۇرغۇن ئىبادەتلەر بۇخىل بويسۇنۇشنى بىۋاستە سېزەلمەي قېلىشىڭ مۈمكىن .
ئەمدى سەن قولۇڭنى كۆتىرىپ :ئى رەببىم !مەن ساڭا مۇھتاجمەن , بۇ ئىشتا سەندىن باشقا ھېچكىم مېنى قۇتقۇزالمايدۇ! دېگەن ۋاقىتڭدا, قۇلچىلقنى سەزمىگەن ھالدا مۇنداق دىيەلىشىڭ مەڭگۇ مۇمكىن ئەمەس. دەل مۇشۇنىڭ ئۇچۇن ئىبادەتنىڭ ياكى قۇلىچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجسى اللھ قا دۇئا قىلىشتۇر , چۇنكى سەن بۇ چاغدا رەببىڭگە ئىنتايىن يېقىنلىغان بولسەن, ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ھەم كۈچلوك رەببىڭ ئىكەنلىكىنى, ئۆزەڭنىڭ ئۇنىڭغا مۇھتاج ئاجىز, زەئىپ بەندىسى ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ يەتكەن بولىسەن, شۇڭا سەن دۇئا قىلىۋاتقان چېغىڭدا شۇنى چۇشىنىشىڭ كېرەككى, سەن اللھ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىش ئۇچۇنلا دۇئا قىلىۋاتمايسەن, بەلكى ئۇنىڭغا تولۇق بوي سۇنۇشنى ئۆگنىش ئۈچۇن, قۇلچىلىقنى بىلىش ئۆچۇن , بۇ ئارقىلىق رەببىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۇچۇن دۇئا قىلىۋاتسەن ....
بۇلارنىڭ ھاياتىدىكى دۇئا
ۋەجدى ئەلئەرەبى..
ئۇستاز ۋەجدىدىن سورايدىغان سوئالمىز:
ھاياتىڭىزغا دۇئا قانداق تەسىر قىلىدۇ, تۇرمۇشىڭىزدا بۇ ئىبادەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟
* راستمنى ئېيتسام ئارىمىزدىكى ياشلارنىڭ دۇئانىڭ مەنىسى توغرسىدىكى مۇلاھىزىلىرىگە, ئۇنىڭ قانداق ئىبادەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە دىققەت قىلدىم, ماڭا شۇنداق ئوي كەلدى :ئىنسان دۇئا قىلىۋاتقاندا تولۇق بويسۇنۇش ۋە مۇھتاجلىققا چۆكۇپ تۇرۇشى چوقۇم, كىمگە ؟بىر خىل كۈچكە, بۇ كۈچ – اللھ تائالادىن ئىبارەت بۈيۈك كۈچتۇر.
رەسۇلىمز ئەلەيھسسلام بۇ خۇسۇستا قىلىدىغاننىڭ ھەممسىنى قويماي بىزگە ئۆگەتكەن ئىدى, يەنى بىزنىڭ پۈتۇن ھاياتىمىز دۇئادىن ئىبارەت, بارلىق ئىبادەتلىرىمىز دۇئادىن ئىبارەت .... ئۇيقۇدىن ئويغىنىىشتا دۇئا بار, ئۇخلاشىنىڭ دۇئاسى بار, ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دۇئا بار, ئۆيدىن سىرىتقا چىقىشتا دۇئا بار, ئۆيگە كىرشتە دۇئا بار, خالاغا كىرىشتە دۇئا بار,خالادىن چىقىشىتا دۇئا بار, ئاياللىرىمىزغا يېقىنلىششتا دۇئا؛ يېڭى كىيىم كيشتمۇ دۇئا .... شەخسەن مېنڭ دۇئا قىلىشتا بىر نەچچە خىل تەجرىبلىرىم بار: ھەر قانداق بىر مۇشكۈلات ياكى قيىنچىلىققا يولۇقسام, ئادىتىم بويىچە ئانام بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا :"بۇ كۈنلەردە مېنى ئۇنتۇپ قالمىغانسز؟" دەيمەن، ئۇ "ياق بالام, ھېچقاچان ئۇنۇتمىدىم, بامدات نامىزىمدا ساڭا ئۇزمەي دۇئا قىلىپ تۇرۋاتمەن" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ... يەنە مەسىلەنگە, بەزىدە پۇلغا مۇھتاج بولۇپ قالسام دەررۇ ھەل قىلىىش چارسىگە سۇرە (ۋاقىئەگە) ئىلتىجا قىلىمەن، چۇنكى رەسۇلىمىز بۇ سۇرە ھەققىدە مۇنداق دېگەن :" ئەگەر بۇ سۇرە بىر ئۆيدە ئوقۇلسا، بۇ ئۆيگە ھەرگىز كەمبەغەلچلىك يولمايدۇ" بەيھەقى, ئەبۇ يەئلا بۇ مەنىدە رىۋايەت قىلغان.
تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن ئايالىم بىلەن ئازراق پۇل لازىم بولۇۋاتقانلىقى توغرىسدا سۆزلەىشكەن چېغىمدا, ئۇ ماڭا :" نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ يۇرىمىز, بىزدە "ۋىتامىن" بارغۇ؟" دەيدۇ. اللھ رازى بولسۇن, ئايالىم ھەر قانداق نەرسە سېتىۋىلىشتا, ھەتتا ئاياغ سېتىۋىلشتىمۇ، اللھ خالىمغان بولسا سېتىۋىلىش قىيىنچىلىق تۇغۇلمسۇن دەپ، اللھ غا ئستىخارە قىلىپ ئاندىن ئالىدۇ ....
اللھ تائالا ھەدىس قۇدىسيىدا مۇنداق دېگەن :" بەندەم دايىم نەفلى ئىبادەتلەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىدۇ – دە, مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالىمەن, مەن بەندەمنى ياخشى كۆرسەم , ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقىغا, كۆرىدىغان كۆزىگە, تۇتىدىغان قولىغا, ماڭىدىغان پۇتىغا ئايلىنىمەن, مەندىن سورىغىنىنى بېرىمەن مەندىن پانالىق تىلسە, پانالىق بېرىمەن " بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەقىقەتەن كارامەت !مۇھىمى مەن "ۋاقىئە " سۇرسى بىلەن مەشغۇل بولدۇم,كېچە –كۈندۇزلۇك ۋەزىپەم قىلىپ, زىكرى – تىلاۋەت قىلىشتا ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتلاردا – بامداتتن كېيىن, شامىدىن ئىلگىرى تەكرارلىدىم. اللھ بىلەن قەسەمكى, ئويلىمغان يەردىن اللھ رىزقىمنى "تەلىۋىمنى "ئاتا قىلدى! مەن ئايالىمغا :"سۇرە ۋاقىئەنىڭ كارامتى " دېدىم . اللھ نىڭ غەمخورلۇق –كۆيۇمچانلىقىنىڭ ئىسپاتى قاتارىدا, ئۇ مېنىڭ تەلىۋىمىنى ئىجابەت قىلدى .
مەن بىر نەرسە دېمەكچىمەن, ھەمممىز ھاياتىمىزدا كۆپلىگەن بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن ئۆتىمىز, ئارىمىزدىكى ھەر- بىرىمىز مەلۇم بىر دۇئانى قىلغان ياكى باشقا بىرسى ئۇنىڭغا قارىتا دۇئا قىلغان بولىدۇ, بۇ دۇئانىڭ سەۋەبى بىلەن سەن بىر خىل ھالەتتىن يەنە بىر ئەھۋالغا ئۆتسەن. دۇئادىن ئىبارەت بۇ مەسىلە ئانىلارغا ئالاقىدارلىقى بار, ئىنتايىن ئاجايىپ ئالاقسى بار؛ بولمسا رەسۇلۇللاھ نېمشقا :" جەننەت ئانىلارىنىڭ قەدەملىرى ئاستىدىدۇر دەيدۇ؟" ئەھمەد رىۋايەت قىلغان .
اللھ بىلەن قەسەمكى, بۇرۇن مەن كۈنىگە تۆت قاپ تاماكا چېكەتتىم , اللھ غا يالۋۇرۇپ كۆپ دۇئا قىلدىم, "ئى رەببىم, ئى پەرۋەردىگارىم! دەيىتتىم. بەيتۇللانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان چېغىمىدا,كەبىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا مېنىڭ بىر ئىجابەت بولىدىغان دۇئايىم بارلىقىنى بىلگەچكە, دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن دۇئا قىلدىم : "ئى رەببىم! مېنى تاماكىدىن قۇتۇلدۇرغىن ! دېدىم. اللھ غا شۇكرى, ھەقىقەتەن دۇئايىم ئىجابەت بولدى, ئۇزۇنغا قالماي تاماكا چېكىشىتىن قۇتۇلدۇم. مەن يالغۇزلا دۇئا قىلمىغان ئىدىم , ئايالىم ۋە ئانام مەن بىلەن بىللە ئىدى .
ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرى
بىر مەسلە, بەزىلەر دۇئا قىلسىمۇ ئىجابەت بولمىغانلىقىدىن جىق داتلايدۇ, اللھ ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان تۇرۇغلۇق بۇنداق بولۇشىنى قانداق چۈشىنىسىز ؟
* بەلكىم تولۇق ئىشەنچ يوق بولغان بولۇشى مۇمكىن , يەنى ئەگەر مەن تولۇق ئشەنچ قىلغان ھالدا دۇئا قىلمسام , دۇئايىم ئىجابەت بولمايدۇ.
* بەلكىم ئىجابەت بولماسلىقتا بىر خىل ھېكمەت يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن . يەنى, رەببىمىز تىلىگەن نەرسىمىز ئۆزىمىزگە پايدىسىز بولغاچقا ئۇنى مەنئى قىلغاندۇر. ئەمەلىيەتتە, ئىجابەت كېچىكىشنىڭ سەۋەبى, اللھ نىڭ بۇ بەندىنى سۆيگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن, بۇ سۆزىمىزنى تەكىتلەيدىغان بىر ئەسەر ( ھەدىس )كەلگەن :" اللھ تائالا, ئى جبىرىل, بەندەم ماڭا دۇئا قىلدىمۇ؟ دەيدۇ, جىبرىل, شۇنداق رەببىم، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. اللھ تائالا :ئى جىبرىل, بەندەم ماڭا يالۋۇرۇپ سورىدىمۇ؟ دەيدۇ, جىبرىل :شۇنداق ئى رەببىم! دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. اللھ تائالا: ئى جىبرىل ,بەندەمنىڭ تىلكىنى كېچكتۇرگىن, مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن ,دەيدۇ".
بەزىدە بولسا, اللھ تابارەك ۋەتەئالا ساڭا قۇلچىلىق قىلىشىنى ئۆگتىشنى ياخشى كۆرگەچكە, سەن دۇئا قىلساڭ, ئىجابەت قىلىشنى كېچىكتۇرىدۇ – دە, سەن بۇ ئارقىلىق اللھ غا يېقىنلىشىشنىڭ لەززىتىنى سېزىشكە باشلايسەن, رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئاڭلىغىن :" دۇئا قىلىغان ھەر قانداق ئادەم بولىدىكەن, ئۇنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بۇلىدۇ: بىر بولسا دۇنيادىلا مەقسىدىگە يەتكوزىدۇ , ياكى ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى مەرتىۋسى ئۇچۇن ساقلاپ قويىدۇ, كىشلەر قىيامەت كۇنى كەلگەندە, رەببىمز ئۇلارغا : جەننەتتىن بۇلارنى, يەنە بۇلارنى ئالغىن دەپ ئىلتىپات كۆرسەتكەندە, بەندە : ئى رەبىبىم بۇ قايسى ئەمەلىمنىڭ ھېسابىغا ؟ دەپ سورايدۇ , اللھ ئۇنىڭغا : دۇنيادا قىلغان مۇشۇ مەرتىۋەڭ ئۇچۇن ئىجابەت قىلىنمىغان دۇئالىرىڭ ھېسابىغا بېرىلدى,دەيدۇ, ھەتتا بەزى مۆمىنلەر :ئى رەبىبىم , مەن بۇرۇن قىلغان دۇئالىرىمدىن ھېچ نەرسىنى ئىجابەت قىلمىغان بولساڭچۇ! دەيدۇ". تىرمىزى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن مۇشۇ مەنىدە رىۋايەت قىلغان.
يەنە شۇنداقلا , بىرسنىڭ دۇئاسنىڭ مىقدارىدا ئۆتكۆزگەن گۇناھلىرىنى ئۆچۇرۇش ئۇچۇن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ.
سەن بىر ھەپتە, بىر ئايلارغىچە داۋاملىق ئۇزمەي دۇئا قلساڭ, ئىجابەت بولۇشى كېچىكسە , ئەمەليەتتە ئىجابىتى كېچىككەن ھەر بىر دۇئايىڭنىڭ بەدىلىگە گۇناھلىرىڭنىڭ مەغفىرەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىن !
دېمەك , بەزى چاغلاردا دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى كېچىكسە, بۇ ئىنسانغا پايدىلىق بولىدۇ.
ئۇنداقتا اللھ بىر بولسا, سىنېڭ ئاۋازىڭنى داۋاملىق ئاڭلاشنى ياخشى كۆرگەنلىكىتىن ئىجابەت قىلىشنى كېچكتۇرىدۇ, بەزىدە بولسا, اللھ ساڭا قارىمىدى, دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلمىدى دەپ ساڭا ۋەسۋەسە سېلش ئۇچۇن كەلگەن شەيتانىڭ بىلەن قانداق كۆرەش قىلىشنى ساڭا ئۆگتش ئۇچۇن اللھ ئىجابەتنى كېچىكتۈرىدۇ. دېمەك رەببىمىز سېنى سناش ئۇچۇن, ياكى سېنى شەرمەندە قىلغان ھالدا اللھ ئىجابەت قىلىدۇ, دەپ شەيتانىڭنى قوغلىۋېتشىنى ساڭا ئۆگتىش ئۈچۇن ئىجابەتنى كېچكتۈرىدۇ. بەزى چاغلاردا ئىجابەتنى كېچكتۈرۈش ساڭا پايدىلىق بولغاچقا كېچكتۇرسە, يەنە بەزىدە سېنىڭ گۇناھ قىلۋاتقانلىقىڭنى چۇشەندۇرۇپ قويۇش ئۇچۇن ئىجابەتنى كېچكتۇرىدۇ, بۇ چاغدا بۇنداق گۇناھتىن تۆبە قىلساڭلار, اللھ چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ.
تەۋبە قىلغان بىر ياشنىڭ دۇئاغا ئالاقىدار كەچۇرمشلىرى
" ئسمىم ئابدۇللا, يىگرمە تۆت ياشقا كىردىم, مسىردا ئېلان ــ تەشۋىقات شركەتلىرىنىڭ بىرىدە ئشلەيمەن, تەقۋادارلىققا ئۆتۇش جەريانىمنى ئاددى ھالدا بايان قىلسام ,16 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا (كۇلەيىب سىنئالغۇسى ) دا كيىم مودىلى بولۇپ ئشلەشكە باشلىدىم , نەتىجىدە, ئاتا - ئانامنىڭ ياخشى تەربىيىلىگىنىگە بولۇپمۇ ئانامنىڭ ئالاھىدە تەسىر سىڭدۇرگىنىگە قارىماستىن, بۇزۇقچىلىققا تولغان ئاتموسفېرا بىلەن تونۇشتۇم, مەن كچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ناماز ئوقۇش ئاساسىدا ياخشى تەربىيە ئالغان بولساممۇ, ئەپسۇسكى ناچار كىشلەر بىلەن ئارلىشىپ قالغان سەۋەبىمدىن ئۆيۇمدىن ئالغان تەربىيەمدىن يىراقلىشىپ كەتىتم , قىسقسى ناچار ئىشلار تەرەققى قىلىپ, شەيتان ھەقىقەتەنمۇ ماڭا ئىنتايىن كۆڭۇل بۆلۈۋاتاتتى. مەسىلە سىرتلارغا چىقىپ, تاماشا قىلىش, ئاشخانلاردا تاماقلىنىش بىلەن باشلاندى – دە, يۇرۇشۇپ كەتتى.... بىراق ئىشلارنىڭ كەينىدىن : ھېچقانچە ئىش ئەمەسقۇ, سىرتتا يەپ ــ ئىچىش ــ بەس, يېڭى ئىشلارنىمۇ قىلىپ باقاي : دەيتتۇق. نېمە يېڭى ئشلارنى قىلسامكەن دەپ يېڭىلىق ئىزدەپ بىر مەزگىل يۇردۇق, ئاخىرى ئىشلار ھاراققا, زەھەرلىك چىكىملىككە قاراپ تەرەققى قىلدى, كوللېكتىپ تانسا- ئۇسۇل كېچلىكلىرىگە, سىنئالغۇخانىلارغا قاتنىشىپ, نەچچە كۈنلەپ ئۆيگە بارماي سىرتلاردا تۈنەپ قالىدىغان بولدۇق .
ھەر قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ قالغان چېغىمدا مەيۈسلىنىپ, مەن قىلىۋاتقانلىرىمدىن ھەقىقەتەن بەخىتلىكمۇ؟ ياكى ئۆزەمنى ئالداش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق دەۋاتامدىمەن؟ دەپ ئۆزەمگە سوئال قۇياتتىم.
بىراق دوستلىرىم بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارنى كۆرگەندە بولسا, بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا قىلىۋاتلار بولۇپ يالغۇز مەنلا توغرا قىلارمەنمۇ؟ دەيتتىم - دە! ئۇلار نېمە قىلسا شۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتەتتىم...ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئىشنى توغرا دەپ قارىغان ئىكەن, ماڭىدىغان يولۇڭ مۇشۇ دە! ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ كەتكىنىمدە خۇددى ئۆزەمنى يوقتىكىدەكلاسېزەتتىم, ئەتراپىمغا قاراشقا پېتىنالمايتتىم, خۇددى مەن ئۆلۈكتەك... تامامەن ئۆلۈكتەك ياشاۋاتاتتىم...
مەندە ھەر قانداق ناتوغرا ئىشنى ئىككىلەنمەستىن قىلالايدىغان قاپ يۈرەكلىك بار ئىدى, ھەتتا مېنىڭ نەزەرىمدە خاتا ئىش توغرا, توغرا ئىش خاتا بولۇپ قالدى, ناماز,قۇرئان ئوقۇشتەك ئىشلاردىن قېچىشىم لازىم ئىدى...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەمرالىرىم بىلەن بىللە ئۆلگەن ئادەملەر توغرىسىدىكى فانتازىيىلىك سىنئالغۇ فىلىمىنى كۆرىۋاتاتتۇق, فىلىمدە شەيتان قاقاقلاپ كۈلۈپ كىشىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزەتتى, شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزەمنى ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالغاندەك, شەيتان ماڭا كۈلۈۋاتقاندەك ھېس قىلدىم-دە, غەلىتە بىر خىل قورقۇنچقا چۈشۈپ قالدىم, ھېستىرىيەلىك قورقۇنچ سەۋەبىدىن ھەمرالىرىم ئارىسىدا قاتتىق چىقىراپ تاشلاپتىمەن, بىز تۇرغان ئۆيدە جىن ــ شەيتانلار باردەك ھېس قىلىپ, بۇ يەردە تۇرۇشقا پېتىنالمىدىم ۋە ئۇلارغا : مەن كېتىمەن! دېدىم. مەن ھۇشۇمنى بىلىپ - بىلمەي ئۆيۈمگە باردىم, پۈتۈن بەدىنىم لاغىلدايتتى, نېمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم, شۇ چاغدا بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىلدى, مەن, تاھارەت ئالاي, سۈرە ياسىننى ئوقۇي دېدىم, لېكىن ھېچ نەرسە ئوقۇيالمايۋاتاتتىم, چۈنكى شەيتان روھى دۇنيارىمنى ئىگەللىۋالغانىدى...قۇرئان ئوقۇساملا بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ, تېخىمۇ قورقۇنچقا چۈشەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولدۇم. ئۆي بىلەن مەسجىدنىڭ ئارلىقى يۈز مېتىرلا كەلسىمۇ, لېكىن ئۆزەمنى قاھىرەدىن ئاسۋانغا بارغاندەك ھېس قىلاتتىم. قورقۇپ ئاران ماڭاتتىم, كېيىن يۈگرەشكە باشلايتتىم, شەيتان ماڭا ۋەسۋەسە قىلىپ, سەن ساراڭ بولۇپ قالدىڭ, ناماز ئوقۇش كېرەك ئەمەس, دەيتتى. ئۈچ ئاي(90كۈن) شەيتان بىلەن توختىماي تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلدىم.
اللھ غا شۈكرى, اللھ مېنى ئۆز پەزلى ئارقىلىق شەيتان ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە مۇيەسسەر قىلدى, ئۇ مېنى بەك چارچىتىۋەتكەنىدى, تاھارەت ئالساممۇ, ناماز ئوقۇساممۇ, قۇرئان ئوقۇساممۇ شەيتان مېنى قىيناتتى, ھەتتا مەن ئانامغا ئۆزەمنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم, ئانام نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەندىن سورىدى, مەن ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنى دەپ بەردىم, بۇنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقىنى, قايسى كۈنى بولغانلىقىنى ئېيتتىم. ئانام سۇبھاناللھ دەپ اللھ نى ئۇلۇغلاپ توۋلاپ كەتتى ۋە، " دەل ئاشۇ كۈنى مەن سەن ئۈچۈن كۈن بويى دۇئا قىلغان ئىدىم, اللھ نىڭ سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن ساپ قەلبىم بىلەن, خالىس نىيىتىم بىلەن دۇئا قىلغانىدىم " دېدى...
مەن ھەقىقەتەنمۇ قەلبىمگە ھىدايەت ئورناۋاتقانلىقىنى, خۇددى ماڭا سىڭىپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. گوياكى ئانامنىڭ دۇئالىرى اللھ تەرىپىگە ئۆرلەپ, اللھ ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئاندىن دەرھال چۈشكەندەك, شۇ ھامان 180گىرادۇس بۇرۇلدۇم ۋە ئانامغا:" ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ " دېدىم.
ئۇ:" ئىنشائاللاھ, رەببىمىز دۇئايىمنى قوبۇل قىلىپ, سېنى توغرا يولغا - مەسجىدكە-يېتەكلىگەي, سەن ئەمدى ئۆزەڭ بىلەن ھەم شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىشىڭ كېرەك, اللھ سېنى مۇۋەپپەق قىلغان يولدىن ھېچ قاچان ئايرىلماسلىققا تىرىشقىن, رەببىمىز ساڭا جەننەتكە كىرىشنى نېسىپ قىلغۇچە تىرىشقىن" دېدى.
مەن ھەقىقەتەنمۇ چىداپ كېتەلىشىمگە كۆزۈم يەتمىگەن ئىدى, بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقىمنى پەقەت "جەڭ" دېگەن سۆز بىلەنلا تەسۋىرلەپ بېرەلەيمەن. كېچە- كۈندۈز ئىچىمدىمۇ, سىرتىمدىمۇ جەڭ بولۇۋاتاتتى. ئاخىرى بىر مەسجىدكە بېرىپ, ئاخۇنۇم بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ئۇ كىشىگە مەندە يۈز بېرىۋاتقان قاتتىق قورقۇنچنى, شەيتان مېنى قانداق ئالداپ مېنىڭ ساراڭ ئىكەنلىگىمنى خىيالىمغا ئورنىتىۋەتكەنلىگىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ كىشى ماڭا "شەيتاننىڭ ئۇسۇلى مۇشۇنداق, ئۇ ئۆزىدىن يىراقلاشقانلارنى كۆرگەن چاغدا مۇشۇنداق قىلىپ بارلىق قورالنى ئىشقا سېلىپ باقىدۇ, شەيتاننىڭ ھېلىسى ئاجىز, بارا-بارا ئىچىڭدىكى شەيتان ئويۇنلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئۆلۈپ تۈگىشى بىلەن ئۇ سېنى تاشلايدۇ, سەنمۇ ئۆز قورالىڭ ئارقىلىق شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىشىڭ كېرەك, قۇرالىڭ بولسا, ناماز, قۇرئان ۋە تەقۋادارلىقىڭدۇر"دېدى.
مەن رامىزاننىڭ 28- كۈنى كەلگىچە مۇشۇنداق ھالەتتە كېتىۋەردىم .دوستلىرىمدىن بىرى مېنى شۇ كېچىسى مەلۇم بىر مەسجىدتە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشقا چاقىردى. بۇ يەردە ماڭا، بىللە سوھۇرلۇق يەيلى، دەپ سوھۇرلۇق تاماق بەرگەنلەرنى ئۇچراتتىم ۋە بۇلار نېمە دېگەن ياخشى ئادەملەر دېدىم, ئۇلارغا بەكمۇ مەستلىكىم كېلەتتى, چۈنكى مېنىڭ خىيالىمدا دائىم ئويلايدىغىنىم, ھەرقانداق كىشى ساڭا بىر خىل ياخشىلىق قىلسا ياكى مۇلازىمەت قىلسا, ئۇ چوقۇم سەندىن بىر نەرسە تەلەپ قىلاتتى. تەبىئىكى بۇ ناچار ھەمرالىرىمدىن يۇققان ئىللەت ئىدى, شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسە بىرگە بىر مۇناسىۋەتتە بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ ساۋاپ ئىزدەيدىغانلىقىنى, ئاخىرەت ئۈچۈن ساۋاپ توپلايدىغانلىقىنى بايقىدىم, ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغان چاغلىرىمدا شەيتان مەندىن تامامەن يىراقلاشتى, ھەتتا شەيتان ماڭا كېلىپ :ئۇلار سەندىن نېمىگە ئېرىشمەكچى؟نېمە ئۈچۈن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ؟ دەپ ۋەسۋەسە قىلغان چاغدا, مەن بۇلار بىلەن ئارلىشىپ يۈزلىرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈشۈم بىلەنلا شەيتان ۋەسۋەسىسى دەررۇ يوقىلاتتى.
قىسقىسى, مەسجىدتە ئىككى كۈن ئېتكاپ قىلغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. شەيتان مەن بىلەن قايتىدىن ئېيتىشىشقا باشلىدى, قىزلار بىلەن تېلېفۇندا ئالاقىلىشىپ پاراڭلىشىشقا باشلىدىم, بۇرۇن ئۇلارنىڭ قايسىسىدۇر بىرىنىڭ ماڭا لاپپىدە قاراپ قويۇشىنى ياكى ئىشارەت قىلىپ قويۇشىنى مەن ئارزۇ قىلىدىغان قىزلار ئەمدى ماڭا تېلفۇن قىلىپ, كەلسىڭىزچۇ؟ شەرم-شەيخ شەھرىگە بېرىپ ئويناپ كېلەيلى دېگىلى تۇردى. مىڭ ئەپسۇسكى ئاشۇ ھەمرالىرىم بىلەن بىر يەرلەرگە باردىم, شەيتان ماڭا بولسا كۈلۈپ, سىناپ باقمامسەن, دەيتتى...
بىراق مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ, ھاراق ۋە زەھەرلىك چىكىملىككە يولۇقماسلىققا قارار قىلغان ئىدىم, شۇنداقتىمۇ ھېچقاچان كۆڭلۈم ئارام تاپمايۋاتاتتى, مەن خۇددى ئۇلارغا ياتتەكلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كېتەلمىدىم, قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن ئىنشائاللاھ, اللھ مېنى مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە قىلغاي, مەسجىدتىكى دوستلىرىمدىن مەڭگۈ ئايرىلماسلىق قارارىغا كەلدىم.
ئەلۋەتتە, بۇرۇنقى ھاياتىم بىلەن ھازىرقى ھاياتىمنى سېلىشتۇرالمايمەن, ھازىر تۇرمۇشۇم ھەقىقى مەنىگە ئىگە بولدى, مەنىلىك, غايىلىك ھاياتقا ئۆتتۈم, سەن جەننەتكە ئېرشىش ئۈچۈن ياشايسەن, جەننەتكە كىرىشىڭگە سەۋەپكار بولىدىغان ياراملىق ياخشى پەرزەنتلەرنى تېپىشىڭ ئۈچۈن توي قىلىسەن, ھازىر ھالال پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قانداق ياخشى ئەمگەكنىڭ ئاخىرەتتە ساڭا ساۋاپ ئېكىلىدىغانلىقىنى سەزدىم ۋە "اللھ غا مەدھىيەلەر بولسۇن! جەننەتنى سېتىۋېلىپلا قالماستىن, ياخشى ئەمگەك ئارقىلىق اللھ خالىسادۇنيادىمۇ بەختلىك ياشايدىكەنمەن"دەيمەن!
اللھ غا شۈكرى اللھ ئۆز پەزلىدىن ئايرىمىسۇن, اللھ نىڭ مېنى بۇ يولدا مۇستەھكەم ماڭدۇرىشىنى تىلەيمەن".
تەۋبە قىلغان بىر قىزنىڭ دېگەنلىرى
" مەن ئەمەلىيەتتە ئابدۇللا باشتا دەپ ئۆتكەن سۆزلەرنى ئېيتماقچىمەن, مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تامامەن قايىلمەن, ئۇ دەپ ئۆتكەن ھەر- بىر سۆزنى مېنىڭمۇ سۆزوم دەپ ھېس قىلىۋاتمەن, چۇنكى مەنمۇ تامامەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۇم. پەرق شۇكى, ئۇ ئوغۇل, مەن قىزمەن .... دەل ئابدۇللا يولۇققان ئاتموسفېرا, ئېلان ۋە (كۇلەيب سنئالغۇسىدا ) مودىل بولۇپ ئىشلەش .... ئۇنىڭ ئۇيغىنىش سەۋەبى ھېلقى فىلىم بولۇشى مۇمكىن, ئەمما مەن تەساددىبى بىر سەۋەپتىن ئويغاندىم, بىر كۇنى كونا دوستلىرىم بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىمدا, بامدات نامىزىنى ئوقۇش ئارزۇسى پەيدا بولدى ۋە ناماز ئوقۇۋېتىپ ئۇزاق دۇئا قىلدىم, (ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى ئۆزەڭ ياخشى كۆرىدىغان يولغا يېتەكلىگىن!) دېدىم, ھەقىقەتەنمۇ, اللھ ئۆزى گۇۋاھ, مەن شۇ ۋاقتتىن باشلاپ ئازغۇن ئۆتمۇشۇمدىن تامامەن ئالاقەمنى ئۇزدۇم.
مەن ھەقىقەتەن بىر نەچچە نۇقىتىدىن تەسىرلەندىم:
بىرىنچسى, ئابدۇللانىڭ :" مەن تىرىك شەكىلدىكى ئۆلۈك ئىدىم" دېگەن سۆزى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. سۇبھاناللاھ! ئۇ يۇقۇرقى سۆزنى قىلغان ۋاقتتا بەلكىم قۇرئاندىكى بۇ ئايەتنى كۆرمىگەن بولۇشى مۈمكىن : { ئەسلىدە ئۆلۈك بولۇپ, بىز ئۇنى تىرىلدۇرگەن, بىز ئۇنىڭىغا ھېدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟}، ئەنئام سۈرسى 122-ئايەت .
يەنى ئابدۇللا مەزكۇر ئايەتتىن خەۋرى بولمىسمۇ, شۇنداق تۇيغۇنى تىلغا ئالدى, دېمەك كىمكى اللھ نى تونۇمسا تىرىك دەپ ھېسابلاش قىىيىن .
يەنە بىر نۇقتا شۇكى, ئابدۇللا ئانسىنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلغان مەزگىلى دەل ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن كۈنى بولۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى, ئۇستاز ۋەجدىمۇ ئانىسىدىن ئۆزىگە دايىم دۇئا قىلىپ تۇرۇشىنى ئۆتۈنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى, ئاننىڭ دۇئاسىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنىڭ مۇھملىقى بۇنىڭدىن ئېنىق بىلىندى, ئانىنىڭ دۇئاسنىلا ئەمەس, بارلىق كىشلەرنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بەزى چاغلاردا ئۆزەڭ ئۈچۈن قىلغان دۇئايىڭدىن باشقىلار ساڭا قىلغان دۇئا تېخمۇ كۈچلۈك بولىدۇ, رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە مۇنداق بىر مەزمۇن ئايان :" مۇسۇلمان ئىنساننىڭ مۈسۇلمان قېرىندىشىغا غايۋانە قىلغان دۇئاسى ئىجابەتتۇر, ئۇنىڭ بېشىدا بىر مۇئەككەل پەرىشتە بار, ھەر قاچان ئۆز قېرىندىشىغا ياخشى دۇئا قىلسا, ئۇ پەرىشتە :ئامىن! سەنمۇ مۇشۇنداق ياخشىلىققا ئېرشەرسەن! دەپ تۇرىدۇ"، (سۇيۇتى جامئۇسسەغىردا ئەبۇ دەردادىن رىۋايەت قىلغان).
تەسەۋۋۇر قىلغىنكى, اللھ تائالا سېنىڭ دۇئايىڭنىڭ ئىجابەت قىلىنىشنى تىلەپ تۇرىدىغان مەخسۇس پەرىشتىنى ساڭا بەلگىلىگەن, خۇددى ئابدۇللانىڭ ئانسى اللھ غا يالۋۇرۇپ ئابدۇللا ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا بۇنىڭ خاسىيتىدىن ئابدۇللا ئوڭشىلىپ اللھ غا يۈزلىنىشكە باشلىغان.....
دېمەككى, اللھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ تىلىكىگە يەتكۇزگەن.
بىراق بۇ يەردە بىر سوئال بار, بەندە اللھ نىڭ يولىدىن يىراق تۇرۇۋاتقان چاغدا دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىنامدۇ؟
ياشلارنىڭ كۆزقارشى
* " مەن بۇ ھەقتە مۇنداق تەپەككۇر قىلدىم: بىر ئىنساندىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغاندا ۋاقتمدا ,كەم دېگەندىمۇ بۇ ئىنساننىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغان بولۇشۇم كېرەك, ئۇنىڭ ھەقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلمىغىنىم ھالدا قانداقسىگە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشقا پتېنالايمەن ؟"
* "مەسىلە باشقىدا, يەنى ئىتائەتچان ياكى گۇناھكار مەسىلىسى ئەمەس. شەخسەن مەن ھىجابلىق بولۇشتا چىڭ تۇرىمەن, ھەقىقى مۇسۇلمان ئايال بولۇپ, اللھ نى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن ۋە تايىنى يوق قىز - ئاياللار بىلەن سۆزلەشمەيمەن، ئەلۋەتتە, بىز كامالەتكە يەتتۇق دېمەيمەن, چۈنكى كامالەت تەنھا اللھ غا خاس. لېكىن ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز, بەزى - بەزىدە اللھ نىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرىمىز, يەنى قىلغان دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولۇشى ياكى بولماسلىقى مۈمكىن, اللھ غا دۇئا قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى بۇنداق سىناقلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ..."
ھەقىقەتەن بۇ يەردە تابىئىنلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرى بولغان سۇفيان سەۋرىنىڭ ئىنتايىن ساز بىر سۆزى بار:" بىرىڭلار ئۆزى بىلىدىغان يامان ئىللەتلىرى تۈپەيلىدىن دۇئا قىلىشتىن چەكلەنمىسۇن" دەيدۇ بۇ زات.
بۇ ئىنتايىن گۈزەل مەنىگە ئىگە سۆز, بۇنىڭ دەلىلىمۇ بار تېخى, اللھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئىبلىسنىڭ تىلىكىنىمۇ ئىجابەت قىلىپ, مۇنداق بايان قىلغان:{ ئىبلىس:" ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرىلىدىغان كۈنگىچە (قىيامەت كۈنگىچە) مۆھلەت بەرگىن" دېدى. اللھ :" ساڭا مۆھلەت بېرىلدۇ" دېدى}، [ئەئراف سۈرىسى, 14ـ 15 ئايەتلەر[.
قېنى, ئۇنداقتا ئىلمي نۇقتىدىن گىپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى, ئەگەر سەن دۇئايىڭنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى خالىساڭ, ئالدى بىلەن ھازىرلاشقا كېرەكلىك بولغان تۆت شەرت بار :
1 . تولۇق ئىشەنچ, يەنى اللھ نىڭ چوقۇم ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشۇڭ لازىم.
2 . پۈتۈن ھېس تۇيغۇ بىلەن بېرىلىپ دۇئا قىلىش. بۇنداق بېرىلىش ھەققىدە تابىئىنلارنىڭ بىرى دەپ ئۆتكەن تۆۋەندىكىدەك ئىنتايىن ياخشى بىر سۆز بار, ئۇ:" قىلغان دۇئايىم قاچان ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن" دېگەن, باشقىلار ئۇنىڭغا :" قانداق بىلىسەن؟" دېگەندە, ئۇ :" قەلبىم لەرزىگە كېلىپ, كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلۈپ, بەدەنلىرىم سۇكۇناتقا چۈمۈلگەنلىكىدىن بىلىمەن" دەپ جاۋاب بەرگەن.. بۇ خىل مەنانى رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدىن ئۇچىرتىمىز :" بېلىڭلاركى, اللھ ھەرگىز غەپلەتتىكى بىپەرۋا قەلىبتىن چىققان دۇئانى ئىجابەت قىلمايدۇ". ئىمام ئەھمەت, تىرمىزىلار ئەبۇھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلغان.
يەنى, سەن بىپەرۋا, غەپلەت باسقان ھالدا : " ئى رەببىم, ماڭا بىر ماشىنا لازىم, ئى رەببىم, مېنى جەننەتكە كىرگۈزگىن" دەۋەرسەڭ اللھ نەدىمۇ ئىجابەت قىلسۇن؟ سەن چوقۇم اللھ غا پۈتۈن ھېس تۇيغۇلىرىڭ بىلەن بېرىلىپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ ئىلتىجا قىلىشىڭ لازىم. ھەتتا بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل مۇنداق دېگەن:"دۇئاسىنى اللھ ئىجابەت قىلىدىغان مۇسۇلماننى ىپەقەت بىرلا نەرسىگە ئوخشىتالايمەن, ئۇ خۇددى دەھشەتلىك دولقۇنلاۋاتقان دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىدا ھالاكەتكە كۆزى يەتكەن ھالدا بىر تال ياغاچقا ئېسىلىۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ".
دۇئانىڭ شەكلى قانداق بولىدۇ؟سەن چوقۇم اللھ غا ئىلتىجا قىلىپ, يالۋۇرۇپ, چىن قەلبىڭدىن بېرىلىپ روھى دۇنيارىڭ لەرزىگە كەلگەن ھالدا, ئى رەببىم!مېنى ئۆزەڭ ساقلىغىن! ئى پەرۋەردىگارىم, مېنى ئۆزەڭ قۇتۇلدۇرغىن! دەپ ئېرىپ كېتىشىڭ لازىم, شۇڭا اللھ تائالا ئۆزى ھەققىدە :{ بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىدىغان زات...}دېگەن,(نەھلى سۈرىسى 62 - ئايەت).
نېمە ئۈچۈن بېشىغا كۈن چۈشكەنلىك زىكرى قىلىنىدۇ؟چۈنكى بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم پۈتۈنلەي اللھ غا بېرىلىدۇ.
3-ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق. بۇنداق ئالدىراقسانلىقتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگىن, رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:"بەندە گۇناھ بولىدىغان ئىشقا ياكى سىلە- رەھىم قىلماسلىققا دۇئا قىلمىسىلا, ئالدىراقسانلىق قىلمىسىلا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ"باشقىلار:" ئى رەسۇلۇللاھ ئالدىراقسانلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟"دەپ سورىغاندا, رەسۇلۇللاھ :"نۇرغۇن دۇئا قىلدىم, ئىجابەت قىلىنمىدى, دەپ مەيۇسلىنىپ دۇئانى تاشلىۋېتىش"دەپ جاۋاپ بەرگەن.
4-مال-مۈلكىڭ ھالالدىن تېپىلغان بولۇشى لازىم. چۈنكى رەسۇلۇللاھ:"اللھ پاكتۇر, پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ"دېگەن ۋە شۇنداقلا چېچى چۇۋۇق, يۈز-كۆزىنى تۇپا باسقان مۇساپىر, مۇھتاج بىر ئادەمنى تىلغا ئېلىپ, ئۇ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ اللھ غا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلسىمۇ, يېگەن تامىقى, كىيگەن كىيىمى ۋە ئوزۇقلۇقى ھارامدىن كەلگەن بولغاچقا دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى...
ئاخىرقى سۇئال: مەن راستىنلا ئاللاھغا كۆركەم, تەرتىپلىك سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلالمايمەن, ئويۇمغا كەچكىنى بويىچە دۇئا قىلىۋەرسەم بولامدۇ؟
يا اللھ! كىشىلەردىن بىرى بۇ سۇئالنى دەل رەسۇلۇللاھدىن سورىغانلىقىغا ئىشىنەمسىلەر؟ ئويۇڭلارغا كەلدىمۇ؟ بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا كېلىپ:"ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى, مەن سىزدەك ۋە مۇئازدەك قاپىيلەشتۈرۈپ ئوبدان دۇئا قىلالماۋاتىمەن" دېگەن, يەنى دەل ئاۋۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالىدەك, كۆركەم, تەرتىپلىك ھالدا دۇئا قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا, رەسۇلۇللاھ:" ئۇنداقتا نېمە دەپ دۇئا قىلىسەن؟"دەپ سورىغان. ئۇ:" ئى اللھ سەندىن جەننەتنى سورايمەن, ئى اللھ دۇزاختىن مېنى قۇتۇلدۇرغىن!"دەيمەن, دېگەن چاغدا, رەسۇلۇللا :"بىز مۇشۇ جەننەت توغرىسىدا دۇئا قىلىمىز"دېگەن. (ئىمام ئەھمەد,ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان)
كۆپچىلىك! قەلبىمىزدىكىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلايلى.
ئاخىرقى نەسىھەت
ھېسسىياتىڭلار بويىچە دۇئا قىلساڭلار بولىدۇ, سۆزلەرنى بەكمۇ ياساپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. قەلبىڭدىن چىقىرىپ: ئى رەببىم! مەن ساڭا مۇھتاج, ئى پەرۋەردىگارىم, مەن ئالدىڭدا بىچارىمەن! قىلمىشلىرىمنىڭ ھەممىسى گۇناھ ئىشلار بولدى, ئەمدى ساڭا تەۋبە قىلىمەن, سەندىن ئۆتۈنۈپ كەچۈرۈم سورايمەن, ئى رەببىم, ماڭا ياردەم قىلغىن, ياردىمىڭنى ئاتا قىلغىن! ئى رەببىم! مېنى جەننىتىڭگە كىرگۈزگىن! ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن, ئى رەببىم! مەندىن رازى بولغىن! سەندىن باشقا ھېچ پاناھىم يوق! مەن ئاجىزمەن!
دېگەندەك دۇئا قىلساڭ بولىدۇ. اللھ تالا ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دەيدۇ:" ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەتكە باشلىغان ئادەمدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇنسىلەر, شۇڭا مەندىن ھىدايەت تىلەڭلار, ھىدايەت قىلىمەن, ئى بەندىلىرىم ! مەن تويغۇزغان ئادەمدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچسىلەر, مەندىن رىزقى تىلەڭلار, تويغۇزىمەن! ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم كەيگۈزگەن ئادەمدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچسىلەر, مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار, كىيىملىك ئاتا قىلىمەن؛ ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە - كۈندۈزلەپ خاتالىق ئۆتكۈزىسىلەر, مەن بولسام بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىمەن, مەندىن مەغپىرەت تىلەڭلار, مەغپىرەت قىلىمەن!" ئىمام مۇسلىم, تىرمىزى رىۋايىتى.
كۆرگىنكى, اللھ بىزدىن قانچە قېتىملاپ دۇئا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ! يەنى سەن ئۆزەڭ خالىغان بارلىق نەرسە ھەققىدە, ھەرقانداق ئىشتا اللھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغىن!..
ئاخىردا سۆزومنى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى توغرا دەپ قارايمەن, اللھ تائالا تىلكىمىزنى ئىجابەت قىلىپ قالار, ھەمدە بىزمۇ رەببىمىزنىڭ ئىجابەت قىلىشىغا تولۇق ئىشەنگەن ھالدا, ئالدىراقسانلىق قىلماستىن, پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بېرىلىپ, اللھ خالىسا بارلىق مال - مۈلكىمىز ھالالدىن بولغان دېگەن نىيتىمىز بىلەن دۇئانىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنداپ مۇنداق دۇئا قىلايلى:
ئى پەرۋەردىگارىمىز ! زاتىڭنىڭ ئۇلۇغلىقى, پادىشالىقىڭنىڭ كاتتىلىقىغا لايىق ھالدا بارلىق ھەمدۇ - سانالار ساڭا بولسۇن! جىمى ھەمدۇ - سانا اللھ غا خاس! ئاسمان - زېمىننى ياراتقان اللھ غا ھەمدۇ - سانالار بولسۇن! كۈن - تۈننى ياراتقان اللھ غا ھەمدۇ - سانالار بولسۇن! بىزنى بۇ ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان اللھ غا ماختاشلار خاستۇر, اللھ بىزنى ھىدايەتكە باشلىمىغان بولسا بىز ھىدايەت تاپالماس ئىدۇق... ئىسلام , ئىمان ۋە قۇرئان ئاتا قىلغان اللھ غا گۈزەل مەدھىلەر بولسۇن! ئى اللھ ! خوجىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇرۇنقىلار ئىچىدە رەھمەت - بەرىكەت ياغدۇرغىن! ئۇنىڭغا كېيىنكىلەر ئىچىدىمۇ رەھمەت - بەرىكەت ياغدۇرغىن! قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭغا پەرىشتىلەر ئارىسىدا رەھمەت بەرىكىتىڭنى ياغدۇرغىن ! ئى پەرۋەردىگار! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن! بىزنى مەغپىرەت قىلغىن! ئەيىپلىرىمىزنى ياپقىن! ئاجىزلىقىمىزغا رەھمى قىلغىن! كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلىغىن! نامە - ئەمەلىرىمىزنى ئوڭدىن بەرگىن! ھېسابىمىزنى ئاسان قىلغىن! ئىشلىرىمىزغا ئۆزەڭ ئىگە بولغىن! بىزنى دوزاختىن ئازات قىلغىن! بىزدىن رازى بولغىن, بىزگە رەھىم قىلغىن, بىز جەننەتنى سورايمىز, دوزاختىن قوتقۇزۇشۇڭنى تىلەيمىز!
ئى اللھ ! بىزنى ئەھلى جەننەت قاتارىغا پۈتكىن! ئى پەرۋەردىگار! بىزگە رەھىم قىلغىن, چۈنكى سەن بىزگە رەھمىدىلسەن. ئى, ماڭا دۇئا قىلىڭلار, ئىجابەت قىلىمەن دېگۈچى زات! دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغىن, گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن! ئى سۆيۈملۈك اللھ , ئى رەھىم شەپقەتلىك اللھ, ئى بىزگە يېقىن اللھ, ئى, دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى اللھ ! ئى, ئۇلۇغلۇق, يۈكسەكلىك ئىگىسى! ئى اللھ, بارلىقىمىزنى ئەپۇ قىلىشىڭنى سورايمىز, ئى بۈيۈكلۈك, ئۇلۇغلۇق ئىگىسى! مۇسۇلمان ياشلىرىنى ھىدايەتكە باشلىغىن, مۇسۇلمان قىز - ئاياللىرىنى ھىدايەتكە باشلىغىن! ھەممىمىزدىن رازى بولغىن!
ئامىن , ئامىن!
مەنبەسۈ:ھەمشۈرۈلەر بۈلوگۈhttp://hemshire.blogbus.com/