ئەرزىيەتچىنى كامېرا ئارقىلىق كۈزىتىش پۇقرانىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر
2011-يىلى 27-ئۆكتەبىر خېبېي ئۆلكىسى لۇچۈەن شەھىرى داخې بازىرى دۇتوڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى خەن شىنگو دېھقان خەن مېڭيىننىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا: «كەنتنىڭ كامېراسىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك بېشىغا بېكىتىپ بېرىشنى باشقا دېھقانلار تەلەپ قىلىپمۇ ھەل قىلالمايدۇ» دېگەن. ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ستولبىغا كامېرا ئورنىتىلغانلىقتەك «ئالاھىدە ئىززەت-ئىكرام»غا قانداق بولۇپ نائىل بولغانلىقىنڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، خەن مېڭيىن قىلچە يوشۇرماستىنلا «چۈنكى مەن- كونا ئەرزىيەتچى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كامېرا ئورنىتىش ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەرز قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۈزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. («جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى)
ئەرز قىلىش ئاۋام-پۇقرانىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقىدۇر، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋام-پۇقرا بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆزنىكى ۋە بەلبېغىدۇر. ئەرز قىلىشتىن ئاۋام-پۇقرانىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچى نامايان بولىدۇ. ئاساسىي قانۇندا: پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئەرز قىلىش پۇقرانىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقى بولۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئەرزىيەت نىزامىدا نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق بولمىغان رايون دەپ ئايرىلمىغان، ئەرزىيەتچىلەرنى قاماپ قويۇش، ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش توغرىلىق بەلگىلىمىمۇ چىقىرىلمىغان. پۇقرالار دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپ ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن بولسا، ئەرز قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىنىشى زۆرۈر.
باھانە-سەۋەپتىن بىرنى توقۇپ، قانۇنسىز ئەرز قىلغان دەپ خەن مېڭيىننى بىر يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتكەننى دېمەي تۇرايلى، كامېرا ئورنىتىپ ئۇنى كۈزىتىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئەرزىيەت نىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق،
ئاۋام-پۇقرانىڭ قانۇنلۇق ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتەك قانۇنسىز قىلمىشتۇر.
جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مەنپەئەت، ئەندىزىلەر داۋاملىق تەڭشىلىۋاتقان بۇ ئاي- بۇ كۈنلەردە ھەرخىل زىددىيەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ، ئاۋام-پۇقرا مەسىلىسى ھەل بولمىغاندىلا پارتىيە-ھۆكۈمەتتىن ئادىللىق تىلەپ ئەرز قىلىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئوبېكتىپ ئىنكاسى بولۇپ، ئاۋام-پۇقرانىڭ ئەرز تەلىپى ئەنە شۇ. نوپۇزلۇق تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئاۋام-پۇقرا ئەرز قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ٪80 نىڭ ئاساسى بار، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىكەن، ٪80 تىن كۆپرەگىنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم-ھۆكۈمەتلەر ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ئىكەن. گۇاڭجۇدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «كۈتۈپ تۇرماسلىق، باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماسلىق، ئارقىغا سوزماسلىق» پىرىنسىپى بىلەن ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.
موشۇ ئاي-موشۇ كۈنلەردە بەزى جايلاردا ئەرزىيەتچىلەر جىن-ئالۋاستىدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى، نۇرمال ئەرز قىلىش جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىق، مۇقىمسىزلىق ئامىلى، چاتاقچى پۇقرا، دەپ قارالدى، بەزى جايلاردا مۇقىملىقنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئەرز قىلغان ئاۋام-پۇقراغا زەربە بېرىلىپ ئۆچ
ئېلىندى، بېسىۋېتىلدى، ئاۋام-پۇقرانى كامېرا ئارقىلىق چەكلەپ تۇرۇش ئۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ئاقىۋەتتە قانداق بولدى؟ ئاددىي مەسىلىلەر مۇرەككەپلەشتۈرۈلدى، زىددىيەت ئۆتكۈرلەشتى، توپلىشىپ ئەرز قىلىدىغانلار پەيدا بولدى.
قانۇننى ئادىل، ھەققانىي ئىجرا قىلىپ، ئەرزىيەت نىزامى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئاۋام-پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرغاندىلا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىدارە قىلىشقا ماھىر ھۆكۈمەت ئەرزىيەتچىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاۋامنىڭ تەلەپ-پىكرىنى ئېيتىشىغا يول ئېچىپ بەرمىكى زۆرۈر. ئەرزىيەت ئىشىنى ئوبدان قىلىش خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەقەللىي تەلىپىدۇر. ئەرزىيەتچىنى كامېرا ئارقىلىق كۈزىتىپ تۇرۇش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. يەنە، ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى «كامېرا»لارنى تەلتۆكۈس تازىلىۋېتىش كېرەك. مانا-بۇ ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
ئاپتورى: ۋۇلىڭ
قۇياش قۇشى ئوبزورلىرى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=417