ئۇيغۇر سەنەملىرى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن سەنئەت غەزىنمىزدىكى چىرايلىق مەرۋايىت ھىساپلىنىدۇ، قېنى ئەمسە ھەممەيلەن قەشقەر سەنىمىگە جۆر بولمامدۇق:
مەشرەپ-خۇددى 12-مۇقامغا ئوخشاش بىباھا گۆھەردۇر، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ مەكتىپى بولغان، ئۇنىڭ سىھرى كۈچى ھىلىمۇ يوقالغان ئەمەس. بالاڭنى مەكتەپكە بەر، ئاندىن مەشرەپكە بەر، دەيدۇ دانا خەلقىمىز.
نۆۋەتتە ئۈچ يىگىتىمىزنىڭ ئورۇنلىشىدا مەشرەپ ناملىق ناخشىنىڭ ھەر بىر مىسرالىرىغا قۇلاق سېلىڭ، ئۇ سىزنى مەشرەپنى يەنىمۇ چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بولغۇسى.
مۇقام-ئۇ ئۆزى بىر سەنئەتنىڭ تاجىسى، ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق جاھان ۋە تۇرمۇش كەشمىشلىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ كۈي قامۇسى بولۇشتىن تاشقىرى، تارىخ قامۇسىدۇر، شۇنداقلا تىل قامۇسىدۇر، ئەجداتلار ئەۋلاتلارغا يادنامە قىلغان بايلىقتۇر. نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى چەبىيات مۇقامىدىن ئارىيە ( دىيار ئانسامبىلىنىڭ نۇر ئانسامبىلى كېچىلىكىدە ئېيتقان كۈي سوۋغىسى )
شۇ تاپتا پۈتۈن جاھان قۇربان ھىيت تەنتەنسىگە چۆمدى، قۇربان ھىيت بىز ئۈچۈن خوشاللىق، جەم بولۇش شاتلىقى ئېلىپ كېلىدۇ، يىراقنى يىقىن قىلدۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۇلۇغدۇر، سىغىنىشلىق ئوتلىرى ئۇنىڭ بىلەن ۋىسال تاپىدۇ.
نۆۋەتتە قەلىب تاراڭلارنى چەككۈسى بولغان كۈي- جاھانىمغا قۇلاق سېلىڭلار.
خەلق ناخشىلىرى- يۈرەك-يۈرەكلەرگە سىڭىپ كەتكەن، ۋاپادارلىق، مىھرى-مۇھەببەتنى، چىن ھىسىياتنى مەنبە قىلغان بۇ كۈيلەر قەلىبلەرنىڭ ساداسى ۋە دىل ناۋاسىدۇر، ئۇ كۆڭۈللەرگە ياخشلىقلارنى خىتاپ قىلىدۇ، نىدا قىلىدۇ.
<< يۇمىلاق >> ناملىق كۈي سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالامدۇ، قېنى نەزەر ئاغدۇرۇپ باققايسىز!
ئەلسۆيەر ئىجادىيەتچىلىرىمىز، كۈيچىلىرىمىز- سەنئەت بايلىقىمىزنى موللاشتۇرغۇچى مىھنەتكەشلەر، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن دەۋر دەۋرلەرگە چىرايلىق ئەسلىمىلىك ئۆچمەس سۈرەتلەر سىزىلغان. مۇقەددەس كىتابىلىرىمىزدا شۇنداق دىيىلگەن: ئاناڭغا ياخشلىق قىل، ئاتا-ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئال، چۈنكى ئۇلار سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان. ئاتا-ئانىمىزغا تۆۋەندىكى كۈينى سوۋغا قىلىمىز، ئۇلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز. ئۇلارنى ھەردەم خوش بولسۇن دەيمىز.
قۇش-جانۋارلارمۇ ئۆزى ئاپىرىدە بولغان ماكانىنى كۈيلەپ سايرىشىدىكەن، شۇنداق ئىنسان ئۈچۈنمۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا دىيارى ئەزىزدۇر، يۇرتنى سۆيۈش ۋەتەننى سۈيۈش دىمەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن جاننى تەسەددۇق قىلىش ئەقلى ئۇيغاق كىشىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىدۇر. تۆۋەندىكى يۈرت سۆيگۈسىگە ئاتالغان كۈي ھەر بىرىمىزنى ئۆز ماكانىمىز ھەققىدە قايتا ئويغۇ سالامدۇ-قانداق؟
بىر -بىرىمىزنى يوقلاپ تۇرايلى، ھالىغا يېتەيلى، چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا مىھمان، ئىنسان بولغانلىقىمىز ئىنسان ئارىسىدا بىلىنسۇن، ئىز-خاتىرە قالسۇن، ئەجىرلەر ئۇنتۇلمىسۇن، كېلەچەككە ئۆرنەك بولسۇن!
بۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە، ئىزدەپ تېپىلماس، بىرى ئاتا، بىرى ئانا، يەنە بىرى قېرىنداشتۇر. قىرىنداشلىق مىھرى چىڭ-مەھكەم باغلانسۇن، ھەرگىزمۇ ئۈزۈلمىسۇن، مەرھوم ئاتا-ئانا روھى قورۇنمىسۇن!
بالىلىق ئەستىن چىقمايدىغان ئىسىل چاغلار، قېنى سىز باللىق ھاياتىڭىزنى ئەسلەۋاتامسىز، سەبىيلىكتە ئوينىغان، كۈلگەن، شوخلۇق- قەغىش قىلغان مىنۇتلار يادىڭىزدىن كېچىۋاتامدۇ؟ قېنى تۆۋەندىكى شاكىچىك سىزگە نىمىلەرنى دەيدىكىن ئاڭلاپ باقامسىز؟
ياشلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئۈمىد ياشلاردا، دەۋرنىڭ چاقىنى ئايلاندۇردىغانلار-ياشلاردۇر، سىلەر ھارمايسىلەر، شۇڭا شىجائەتلىك، زەپەردەس، جۇشقۇن ۋە جەڭگىۋار بولالىدىڭلار. سىلەرگە قىلىنغان تۆۋەندىكى سوۋغىنى قوبۇل قىلغايسلەر.
قۇربان ھېيتىمىزنىڭ تەنتەنسى ئۈزۈلمەس، ئۇنىڭ خاسىيىتى بارچە دىللارنى مەڭڭۇ شاتلاندۇرغۇسى.
[ بۇ يازمىنىalmiliq 2011-11-05 16:15قايتا تەھرىرلىدى ]