ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كۆۋرۈك ئاكا، سىزنىڭ ۋە مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھىيتىنى مۇبارەكلەيمەن، ھەممىمىزنىڭ ئەزىز تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
ھەمدە مۇنۇ مىسرالارنى سىلەرگە ھىيتلىق كۆڭۈل سوۋغىسى قىلىپ سۇنماقچى:
قېرىنداشلار جەم بولغان،
ئاتا-ئانا خوش بولغان.
سەبىي دىللار يايرىغان،
ئۇلۇغ قۇربان ھىيت كەلدى.
ساقلىق ئۆزى بىر بەخت،
خاتىرجەملىك بىر دۇنيا.
باسقان قەدەم بەرىكەت،
ئاسايىشلىق كۈن كەلدى.
خاسىيەتلىك قۇربان ھىيت،
تۇتاشتۇرار دىللارنى.
ئاللاھىمدىن تىلەيمەن،
ئاسان قىلسۇن ئىشلارنى.