باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 744 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇربانلىققا دائىر پەتىۋا ۋە ھۆكۈملەر
دوستلىشىش
ئىھتىيارلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 342 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-11-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 02:31

قۇربانلىققا دائىر پەتىۋا ۋە ھۆكۈملەر

قۇربانلىققا دائىر پەتىۋا ۋە ھۆكۈملەر 
 قۇربانلىق قاچاندىن باشلاپ قىلىنىدۇ؟
 - قۇربانلىق كۆپىنچە مەزھەبلەردە سۈننەت مۇئەككەدە (تەكىتلەنگەن سۈننەت)، ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەزھىبى (ئىمامى ئەزەم) نىڭ مەزھىبدە ۋاجىپتۇر. قۇربانلىق مالنى بۇغۇزلاشنىڭ ۋاقتى ھېيىت نامىزىدىن باشلاپ تاكى ھېيىتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. قۇربانلىق ئۈچكە تەقسىم قىلىنىپ، بىر قىسىمى كەمبەغەل، پېقىرلەرگە، بىر قىسىمى يېقىن - يورۇقلارغا بېرىلىپ، قالغان بىر قىسمىنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە قالدۇرىلىدۇ.
ـ شەيخ يۈسۈف قەرداۋىي مۇنداق دەيدۇ: بۇ بىر  ۋاجىپ بولۇپ، ئىمكانىيىتى بار تۇرۇغلۇق بۇنى تەرك قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق ھەققىدە سورالغاندا "ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى" دەپ جاۋاب بەرگەن.
ـ كۆپىنچە مەزھەبلەر يوقسۇللارنىڭ قۇربانلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ. قۇربانلىق قىلغانلارنىڭ ئۇنى يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئۈچكە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشى سۈننەتتۇر. ئۆزىگە ئازراق ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى سەدىقە قىلىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى.
ـ قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى ھېيىت نامىزىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. بەزى خاتا ھالدا، قاسساپ تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەپ قۇربانلىقنى ھېيىت كۈنى كېچىسى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇنداق بوغۇزلانغان مال قۇربانلىق بولماستىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك "ئۆلتۈرگەن قويى گۆشتىن باشقا نەرسە ئەمەس" يەنى ئۇنىڭغا قۇربانلىقنىڭ ئەجرى يېزىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىقنى ھېيىت نامىزىدىن كېيىن قىلىش لازىم.
ـ قۇربانلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرغۇچى ئىبادەتتۇر. ئىبادەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئىجرا قىلىش پەيتى بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەر بار, قۇربانلىق بولسا بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. شۇڭا ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا قىلىش لازىم. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىگە كىچىكتۈرۈشمۇ جائىز.         
ـ شەيخ يۇسۇف قەرداۋىنىڭ شۇ ناملىق پەتىۋاسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 قۇربانلىقنى زاكات ھېسابىغا قىلىشقا بولامدۇ؟
 
ـ ھەرقانداق ئەھۋالدا قۇربانلىقنى زاكات مالدىن چىقىرىپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى زاكات يوقسۇلنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇنىڭغا باينىڭ قولى يېقىن كەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت زاكات ۋاجىب بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئايرىلغان مەخسۇس مالدۇر.
 ـ ئەزھەر ئۆلىمالىرىدىن شەيخ جەئفەر ئەلتەلھاۋىي مۇنداق دەيدۇ:
-
زاكات پەرز ئەين بولۇپ، ئىسلامنىڭ رۇكنى، ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. بىر سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئىسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قورۇلغان ئۇلار، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، دەپ شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بىرىش..."
ـ قۇربانلىق بەزى ئۆلىمالارنىڭ دېيىشىچە سۈننەتتۇر. بۇنى قىلمىغان كىشىگە زاكاتنى بەرمىگەن كىشىگە قىلىنغان مۇئامىلە قىلىنمايدۇ.
 ـ قۇربانلىقنىڭ زاكاتتىن پەرقىلىنىدىغان تەرەپلىرى بار؛ قۇربانلىقنىڭ بىر قىسىمى ھەدىيە قىلىپ بېرىشكە، بىر قىسمى يېيىلىدۇ، يەنە بىر قىسمىنى مىسكىن، كەمبەغەللەرگە بىرىلىدۇ. ئەمما زاكات قۇرئاندا بايان قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىگە بېرىلىدۇ. زاكاتنى ئۆزى يېيىشكە، سەدىقە ياكى ھەدىيە قىلىپ بېرىشكە بولمايدۇ.
ـ قۇربانلىق مەيلى مۇقىم ياكى سەپەردىكى كىشى بولسۇن ئىمكانىيىتى يەتسىلا قىلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىر ئائىلىگە بىر مال قۇربانلىق قىلىنسا يېتەرلىك.
ـ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، زاكاتمۇ، قۇربانلىقمۇ ئېھتىياجىڭدىن ئاشقان مالدىن ئېلىنىدۇ.
                              -
شەيخ جەئفەر ئەلتەلھاۋىينىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 قۇربانلىق قىلغان ياخشىمۇ ياكى پۇلىنى سەدىقە قىلغان ياخشىمۇ؟
 
ـ ھايات كىشى بولسا، قۇربانلىق قىلغان ياخشى. چۈنكى قۇربانلىق ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتتۇر. بىز قۇربانلىقنى ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن ۋە شۇ بۈيۈك ھادىسىنى خاتىرلىگەن ھالدا كېسىمىز. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا چۈشىدە بالىسى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە ۋەھيى كەلگەندە بۇ ۋەھيىگە باش ئىگىپ ئۇنى ئىجرا قىلىشقا تۇتۇندى... ئوغلى ئىسمائىلمۇ ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.... ئاخىرىدا ئۇ ئاللاھ تائالا بۇ قېيىن سىنىقىدىن ئۆتتى.
بارلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ۋەقەلىرىنى خاتىرلەش، ئۇنى ئولۇغلاش... قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ... ئەمما بۇ كۈن ئاللاھنىڭ كۈنى، پۇتۇن ئىنسانىيەتنىڭ كۈنى، ئىمان كۈنلىرىنىڭ بىرى، بۇ قەھرىمانلىق كۈنى... بۇ كۈندە مۇسۇلمان كىشى قۇربانلىق قىلىدۇ. بۇ سۈننەت بولۇپ، پۇلىنى سەدىقە قىلغاندىن كۆپ ياخشى. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق مېلىنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغىلى تۇرسا، ئۇ ھالدا بۇ ئىبادەت ئۆلگەن بولىدۇ. ئىسلام ئۇنى جانلاندۇرۇشنى خالايدۇ. شەكسىزكى، قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەل. ئەمما بۇ ئۆزى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان ھايات كىشى توغرىسىدىكى مەسىلە.
ـ ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە ساۋابىنى ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا قانداق قىلىدۇ؟ قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى پۇلىنى سەدىقە قىلامدۇ؟ مەن كۈچلۈك دەپ قارايدىغان ۋە كۆڭلۈم راھەتلىك ھېس قىلىدىغىنى، كۆپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان، كىشىلەر گۆشتىن بىھاجەت يۇرت بولسا، ئۆلۈكنىڭ نامىدىن قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغان ئەۋزەل؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ھېيىت كۈنلىرى يەتكۈدەك گۆشلىرى بار، ئەمما بالىلىرىغا كىيىم - كېچەك ئالىدىغانغا پۇلى بولماسلىقى مۇمكىن... شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق يۇرتتا، ئۆلگەن كىشىنىڭ نامىدىن قۇربانلىق قىلغاندىن، ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغان ئەۋزەل... ئەمما، يۇرتتا گۆشكە ھاجىتى بار كىشىلەر بولسا، پۇلىنى سەدىقە قىلماستىن مال قۇربانلىق قىلىش لازىم.
                                              
 ـ شەيخ يۇسۇف قەرداۋىنىڭ شۇ ناملىق پەتىۋاسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
ئۆلۈمنى ئويلا ! قەبرىنى ئويلا! دوۋزاخنى ئويلا!!!!!
i love islam
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 5554 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2012-01-07

ھىيت كۈنسى ئەتتىگەندە نامازغا مەسچىتكە بارغۇچە يەتتە يەردە توختاپ تەسبىھ ئىيتىپ ماڭدىغان ئىش بار . مۇششۇ توغرىسىدىكى ھەدىسنى  يۇللاپ قۇيغان بولساڭلار .........رەھمەت
ئۆزۇمنىڭ مۇسىلمان بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8365
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 12:04

بۇنىڭدىن باشقىمۇ پەتىۋالار بولسا داۋاملىق كۇرۇپ تۇرغان بولساق ياخشى بۇلاتتى، تېمىڭىزغا كوپ رەھمەت قېرىندىشىم .اللا ئەجىر ئاتا قىلغاي ،امىن!!!!
ئۆز خاتالىغىنى  تۇنىغان  كىشى ،ئەڭ ياخشى كىشىدۇر..!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1161
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-25
ئاخىرقى: 2011-12-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 14:17

قۇربانلڭق گۆشنى غەيرى مۇسۇلمانلارغا يىگۈزسە بولامدۇ؟
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2011-12-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-07 17:09

بولمايدۇ ....   يا  ئۇلارنىڭ  ھېيتى بولمىسا ...   ئەگەر  ئۇلارنىڭ يىگۇسى كەپكەتسە  بازادا  چوشقا گوشى جىقكەن  شۇنى ئېلىپ يىسە بولىدۇ ...  ھىي ھىي ھىي ھىي    ..    ئۇلار اللە قا ئىشەنمىسە يا  پاك دىن بولغان ئىسلامغا ئىشەنمىسە....  
ئەگەر بىرەر   مۇسۇلمان ئەمەس بىرەرسىنى ئۆيىڭىزگە چاقىرىپ گۆش بەرگۈڭىز كەلگەن بولسا،  بىزنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىىنداشلىرىمىزنى ئويلاڭ ....   بەزىلەر  شۇ گۆشكە ئىنتىزار .............     كافىرلارغا بەرگۈچە ، ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ، مۇسۇلمان يوقسۇللارغا بەرگەن مىڭ ئەۋزەل ....  
بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار داۋاملىق   يولداش ئوقۇتقۇچىمىزنى  ئۆيگە چاقىراتتى ..... ھەم ئۆيىگە باراتتى  چاغانلاردا  .....  
ھەي توۋا ....  اللە  ئاجىز ، فەقىر ، مىسكىنلەرنى  مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن .....
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....