ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى شېھىت سەييىد قۇتۇب (ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن) نىڭ ”قۇرئاننىڭ سايىسىدا“ ناملىق تەپسىرىگە يازغان مۇقەددىمىسى
كامىلجان تەرجىمىسى
قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش ئەڭ ئۇلۇغ بىر نېمەت . ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىپ باققان ئادەملا ئۇنىڭ قەدرىگە يېتەلەيدۇ. ئۇ ئىنسان ھاياتىنى شان - شەۋكەت، بەرىكەت ھەم گۈزەللىككە چۆمدۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ماڭا قىلغان ئۇلۇغ شەپقىتى مېنى شۇنچە زامان قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈشكە سازاۋەر قىلدى. مەن بۇ جەرياندا گويا مەندەك ئەرزىمەس، خەستە بىر بەندە ئەشۇ بۈيۈك تەڭداشسىز ئاللاھقا بىۋاسىتە ھەمسۆھبەت بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئاللاھنىڭ بۇ كاتتا مېھرىبانلىقىغا قارىمامدىغان! ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ شەرەپ بولماس، بۇنىڭدىنمۇ يۈكسەك مەتىۋە، كاتتا مەقام بولماس!
شۇنداق، مەن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، ئاشۇ مۇقەددەس يۈكسەكلىك بۇرۇجىدا ئولتۇرۇپ، گويا يەر يۈزىدىكى جاھالەت كەلكۈنلىرىنىڭ دولقۇنلىرىغا نەزەر سالدىم. جاھالەت مۇرىتلىرىنىڭ پەسكەش تۈزىتلىرىگە نەزەر سالدىم. مەن گويا جاھان كۆرگەن دانىشلاردەك، جاھالەت ئەھلىنىڭ چولتا تەپەككۇر، تەسەۋۋۇرلىرىغا، بالىلارچە قائىدە - ئەنئەنىلىرىگە نەزەر سالدىم. ئۇلارنىڭ گۆدەك بالىدەك سۆزلەپ توۋلاشلىرىغا، قۇمدا ئۆي ياساپ ئويناشلىرىغا نەزەر سالدىم. ئىنسان ھاياتىنى شان شەۋكەت، بەرىكەت، ھەم گۈزەللىككە چۆمدۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئىلاھىي سادالارغا ئۇلارنىڭ قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىغا، ۋابا قاپلىغان پاتقاقلىققا نەقەدەر چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىغا تەئەججۇپلەنمەي تۇرالمىدىم.
مەن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، ئىنسان ۋۇجۇدى ھەققىدە ئەڭ گۈزەل، مۇكەممەل بىر تەسەۋۋۇردىن ھۇزۇرلاندىم . پۈتكۈل شەرق ۋە غەربتىكى ئىنسانلار ئۆز تۇرمۇشلىرىغا ئاساس قىلىۋالغان جاھالەت ھاياتلىق تەسەۋۋۇرىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. شۇ چاغدا، "ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە گۈزەل ياپ - يېشىل سەيلىگاھلار، شۇنچە يۈكسەك مەقام، ئۆچمەس چىراغلار تۇرۇقلۇق يەنە نېمە دەپ، شۇنچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتا، خار - زەبۇنلۇق، ئىزىتقۇلۇقتا ھايات كەچۈرىدىغان ؟!" دېگەنلەرنى ئويلىماي تۇرالمىدىم.
مەن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ھەرىكەت، پائالىيىتى بىلەن كائىناتنىڭ ھەرىكەت، پائالىيىتى ئوتتۇرىسىدا تەقدىرنىڭ ئىرادىسى بىلەن نەقەدەر گۈزەل مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمما ئىنسانلار مانا بۇ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلى ئازغۇنلۇققا، ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇپ كەلمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام تەبىئىتى بىلەن ئۇنى ئەتراپتىن مەھكەم قورشاپ تۇرغان خاتا تەلىمات ۋە بۇلغانغان مۇھىت ئوتتۇرىسىدا توختاۋسىز كۈرەش داۋام قىلماقتا. مەن "چوقۇمكى، ئىنسانلارنى بۇ جەھەننەم تەرەپكە شەيتاننىڭ سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق . ئەمما ھەيران قالارلىقى، ئىنسانلار چۈشەنمەيدۇ." دېگەنلەرنى ئامالسىزلارچە ئويلىماي تۇرالمىدىم.
مەن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، كائىناتنىڭ سىرتقى شەكلىدىن نەچچە ھەسسە پايانسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئۇنىڭ بىر ئۇلۇغ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، تۈرلۈك قاتلاملارغا بۆلۈنگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا تاشقى ئالەملا ئەمەس، بەلكى بىر ئىچكى غايىب ئالەمنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ، ئۇنىڭ دۇنيالا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ھەم ئاخىرەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئىنسان ھاياتىنىڭ سەپەر داۋامىدا يۈكسىلىدىغانلىقىنى، ئۆلۈم بۇ ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ئەمەس، بەلكى دەسلەپكى ھالقىلىق باسقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ دۇنيادا ئېرىشكەنلىرى ئۇنىڭغا تېگىشلىك بولغاننىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى دەسلەپكى بىر ئۇلىشى ئىكەنلىكىنى، ئىنسان دۇنيادا تولۇق ئەجىرگە ئېرىشەلمىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئاخىرەتتە تولۇق بەدەلگە ئېرىشمەي قالمايدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە زۇلۇم قىلىنمايدىغانلىقىنى ، ئىنسان ئەجرىنىڭ زايا بولمايدىغانلىقىنى ۋە كېمىيىپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.
دېمەك، ئىنساننىڭ ھاياتلىق سەپىرى مۇنداقلا بىر سەپەر ئەمەس، بەلكى ئاجايىپ جەزبىدار كائىناتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ھەمراھلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان سەپەر. كائىناتنىڭ سەپەر نىشانىمۇ، ھەر قانداق بىر مۆئمىن ئىخلاس ۋە دىيانەت بىلەن سېغىنىدىغان ئالەملەرنىڭ ئاشۇ بۈيۈك ياراتقۇچىسى ئاللاھ تەرەپكە ئۇدۇللانغان سىستېمىلىق سەپەر.
﴿وَلِلّھِ يَسْجُدُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالۆَرْگِ طَوْىًا وَكَرْھًا﴾
«ئاسمان، زېمىندىكى بارچە شەيئىلەر ئىختىيارلىق ۋە ئىختىيارسىز ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئىتائەت قىلىۋاتقىنى دەل ئاشۇ ئاللاھدۇر» [سۈرە رەئد : 15 - ئايەت]
﴿تُسَبِّچُ لَھُ السَّمَاوَاتُ السَّبْىُ وَالۆَرْگُ وَمَن فِيھِنَّ وَإِن مِّن شَيْءٍ إِلاَّ يُسَبِّچُ بِچَمْدَھِ﴾
«ئۇنىڭ پاكلىقىغا يەتتە قات ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى بارچە شەيئىلەر مەدھىيە ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇمايدىغان ھېچ شەيئى يوقتۇر» (سۈرە بەنى ئىسرائىل : 44 - ئايەت)
بۇ چەكسىز مەمنۇنىيەتكە، بۇ پاكلىق ھەم سۈزۈكلۈككە قارىمامدىغان! گوياكى بۇلاق سۈيىدەك ئەشۇ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ھاياتلىق تەسەۋۋۇرىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، قەلبلەرنى ئىشەنچ ھەم مۇھەببەتكە تولدۇرماقتا.
مەن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت بولمىغان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئاجايىپ يۈكسەك مەرتىۋىنى (يەنى، ئىنسانىي كىشىلىك قىممەت قارىشىنى) ئىنسانلارغا بىرلا ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. قۇرئاننىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە ئىنسانغا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ روھى پۈۋلەنگەن.
﴿وَنَفَخْتُ فِيھِ مِن رُّوچِي فَقَىُواْ لَھُ سَاجِدِينَ﴾
«مەن ئۆز روھىمدىن ئۇنىڭغا ئازغىنا پۇۋلىگەندىن كېيىن سىلەر ھەممىڭلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» (سۈرە ھىجىر : 29 - ئايەت)
ئىنسان ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى (يەنى، نائىبى)
﴿وَإِۇْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلاَېِكَەِ إِنِّي جَاىِلٌ فِي الۆَرْگِ خَلِيفَەً﴾
«ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: - مەن زېمىندا خەلىپە ياراتماقچى - دېدى » (سۈرە بەقەرە: 30 - ئايەت)
ئىنسان كائىناتنىڭ ئامانەتدارى. پۇتكۇل كائىنات ئىنسان ئۈچۈنلا يارىتىلغان.
﴿سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي الْۆَرْگِ﴾
«مەن زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرگە بوي سۇندۇرۇپ بەردىم» (سۈرە ھەج : 65 - ئايەت)
دېمەك، ئاللاھنىڭ مېھرىبانلارچە پۈۋلىگەن روھىنى ۋە ئاتا قىلغان ھىدايىتىنى ئىنسانلار ئۆز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ئاساس قىلالىغاندىلا ئاندىن ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى ھەقىقىي يۈكسەلدۈرەلىگەن بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋەت قۇرۇلۇشى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئەقىدىسى ئۇستىگە قۇرۇلغاندىلا ئاندىن ھەر قانداق بىر مۆئمىننىڭ نەزەرىيە، ئەقىدىسى دەل ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، مىللىتى ھەم ۋەتىنىگە ئايلانغان بولىدۇ. شۇ چاغدىلا دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتكەن بولىدۇ. روشەنكى، ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق مۇستەھكەم ئىجتىمائىي بىرلىكى ئەزەلدىن نەزەرىيە، ئەقىدىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىپ كەلگەن. ھەرگىزمۇ ھايۋانلار كەبى ئېغىل، يايلاقنى، يەم - خەشەك، ئوتلاقنى ئاساس قىلغان ئەمەس.
ئەمدى بىز مۆئمىنلەرنىڭ نەسەب شەجەرىسىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىككە، نەقەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىگە قېنى بىر نەزەر سېلىپ باقايلى، ئۇلار نەقەدەر ئۇلۇغ زاتلارنىڭ (يەنى، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ) ئەۋلادلىرى ، ھە!
﴿إِنَّ ھَۇِھِ ۆُمَّتُكُمْ ۆُمَّەً وَاچِدَەً وَۆَنَا رَبُّكُمْ فَاىْبُدُونِ﴾
«مانا بۇلار بىر ئۈممەتتۇر، شۇنداقلا مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (سۈرە ئەنبىيا : 92 - ئايەت)
مانا بۇ ئېسىل ئائىلە، مۆھتەرەم جامائەت ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بارلىق ئېگىز - پەس داۋانلىرى ۋە يىراق - يېقىن بۇلۇڭلىرىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلگەن. قۇرئان كەرىمنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈدىغان بولساق، بۇ جامائەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئوخشاشلا بىر خىل ۋەزىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈمىز . ھەممىلا يەردە ئوخشاشلا مەيدان، ئوخشاشلا پاجىئە، ئوخشاشلا بوھران. گەرچە زامان ۋە ماكانلار ئالمىشىپ، تارىخ سەھنىسىدىن يېڭى - يېڭى مىللەتلەر ئورۇن ئېلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلار ھەممىسى ئوخشاشلا بىر خىل رولنى ئوينىغان. بۇ ئۇلۇغۋار زاتلارنى ھەممىلا يەردە كىشىلەر جاھالەت، ئازغۇنلۇق، ھاۋايى - ھەۋەس، ئاسىيلىق، جەبىر - زۇلۇم، تەھدىت سېلىش، يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن قارشى ئالغان. ئەمما بۇ جامائەت ھەممىگە پەرۋاسىز ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ قەلب ، ۋىجدانى قانائەتكە تولغان. ئاللاھنىڭ ھىمايىسى ۋە نۇسرىتىگە بولغان ئىشەنچتىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىغان. ئۇلارنىڭ قەدەملىرى سۇباتلىق. ئۇلاردا زەررىچىمۇ ئۈمىدسىزلىك يوق. ئۇلار ھەر دائىم، ھەر لەھزىدە، ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز ھىمايىسىگە ۋە چىن ۋەدىسىگە قەتئىي ئىشەنگەن. بۇ ھەققانىيەت كارۋانلىرى ھەممىلا دەۋردە مۇنداق ئوخشاشلا بىر خىل تەھدىت ۋە قارشىلىققا دۇچ كەلگەن : -
﴿وَقَالَ الَّۇِينَ كَفَرُواْ لِرُسُلِھِمْ لَنُخْرِجَنَّكُم مِّنْ ۆَرْگِنَا ۆَوْ لَتَىُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا فَۆَوْچَۈ إِلَيْھِمْ رَبُّھُمْ لَنُھْلِكَنَّ الئَّالِمِينَ، وَلَنُسْكِنَنَّكُمُ الۆَرْگَ مِن بَىْدِھِمْ ۇَلِكَ لِمَنْ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَىِيدِ﴾
«ئاقىۋەت كۇففارلار ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە "ئەگەر بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتمايدىكەنسىلەر سىلەرنى زېمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىمىز" دېيىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا (يەنى، ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە) ۋەھى قىلىپ: - بىز بۇ زالىملارنى ھالاك قىلىپ تاشلايمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى يەرلەشتۈرىمىز، بۇ دەل مېنىڭ ھوزورۇمدىكى جاۋابكارلىقتىن ۋە مېنىڭ ئازابىمدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن قىلىنغان ئىنئامدۇر - دېدى » (سۈرە ئىبراھىم 13 - 14 - ئايەتلەر)
ھەممىلا يەردە مۇشۇ بىر تەھدىت، ئوخشاشلا ئىددىيە، ئوخشاشلا ۋەقە، شۇنداقتىمۇ بۇنىڭغا قارشى يەنىلا ئاشۇ تەۋرەنمەس ئىشەنچ ۋە بۇ جامائەتكە قىلىنغان ئاشۇ چىن ۋەدە. ئۇلار بارلىق زۇلۇم، تەھدىتلەرگە پەرۋاسىز يولىغا راۋان، ھەممەيلەن ئوخشاشلا بىر نەتىجىگە ئىنتىزار.
مەن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، كائىناتتا ئۇنداق قارىغۇلارچە تاسادىپىيلىققا زادىلا ئورۇن يوقلىقىنى، دۇنيانىڭ مۇنداقلارچە تۇيۇقسىز، پىلانسىز مەيدانغا كېلىپ قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
﴿إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاھُ بِقَدَرٍ﴾
«بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك قىلىپ ياراتتۇق» (سۈرە قەمەر 49 - ئايەت)
﴿خَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَھُ تَقْدِيرًا﴾
«ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.» (سۈرە فۇرقان: 2 - ئايەت)
شەكسىزكى، ھەممە ئىشلار مەلۇم ھېكمەتلەر ئاساسىدا داۋام قىلماقتا. ئەمما بۇ ھېكمەتلەر قويۇق غەيب پەردىسىگە ئورالغان بولغاچقا كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ تاش مايىل نەزەرلىرىمىزگە چىلىقماي قالىدۇ.
﴿فَىَسَۈ ۆَن تَكْرَھُواْ شَيْېًا وَيَجْىَلَ اللّھُ فِيھِ خَيْرًا كَڭِيراً﴾
«سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولىشى مۇمكىن .» (سۈرە نىسا : 19 - ئايەت)
﴿وَىَسَۈ ۆَن تَكْرَھُواْ شَيْېًا وَھُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ وَىَسَۈ ۆَن تُچِبُّواْ شَيْېًا وَھُوَ شَرٌّ لَّكُمْ وَاللّھُ يَىْلَمُ وَۆَنتُمْ لاَ تَىْلَمُونَ﴾
«سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرمىساڭلار كېرەك، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرساڭلار كېرەك، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولىشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ،سىلەر بىلمەيسىلەر.» (سۈرە بەقەرە : 216ـ ئايەت)
ئەمدى بىز ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ داۋامىغا ئاساس سېلىۋاتقان بۇ تونۇشلۇق سەۋەب دۇنياسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭمۇ بىر خىل ئەمەسلىكىنى كۆرۈمىز . بۇ سەۋەبلەردىن بەزىدە كۈتۈلگەن نەتىجە قولغا كەلگىنى بىلەن، يەنە بەزىدە كەلمەيدۇ. ھەتتا بارچە كىشىلەر "مۇتلەق" دەپ قارىغان ئىشەنچىلىك مەسىلىلەردىمۇ كۈتكەننىڭ ئەكسىچە نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلە ۋە سەۋەبلەر مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان نەتىجىلەرگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. بۇ پەقەت ئەشۇ نەتىجىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى شۇنداقلا سەۋەب ھەم مەسىلىلەرنىڭمۇ پەيدا قىلغۇچىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇتلەق ئىرادىسىگە باغلىق بولىدۇ.
﴿لَا تَدْرِي لَىَلَّ اللَّھَ يُچْدِڭُ بَىْدَ ۇَلِكَ ۆَمْرًا﴾
«سىلەر بىلمەيسىلەر، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن .» (سۈرە تالاق : 1 - ئايەت)
﴿"وَمَا تَشَاۋُونَ إِلَّا ۆَن يَشَاء اللَّھُ﴾
«ئاللاھ خالىماي تۇرۇپ، سىلەر ھېچ نەرسىنى خالىيالمايسىلەر» (سۈرە ئىنسان : 30 - ئايەت)
شەكسىزكى، شەرىئەتنىڭ روھى بويىچە سەۋەبنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇنى تاللاشقا ۋە سەۋەبكە ئېتىبار بېرىشكە تەيىنلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ۋە نەتىجىسىگە يەكۈن چىقىرىش پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ئىلىم، قۇدرىتىگە مەنسۇپ. ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئادىللىقىدىن ھەمدە تەڭداشسىز ئىلىم، ھېكمىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلىش ئەڭ بىخەتەر چارە. مانا بۇ ئارقىلىقلا ئازغۇنلۇق ۋەسۋەسىلىرىدىن نىجات تاپقىلى بولىدۇ.
﴿الشَّيْطَانُ يَىِدُكُمُ الْفَقْرَ وَيَۆْمُرُكُم بِالْفَچْشَاء وَاللّھُ يَىِدُكُم مَّغْفِرَەً مِّنْھُ وَفَگْلاً وَاللّھُ وَاسِىٌ ىَلِيمٌ﴾
« شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ؛ اﷲ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» (سۈرە بەقەرە 268 - ئايەت)
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن قۇرئاننىڭ سايىسىدا ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، كۆڭلۈم توق، نەپسىم خاتىرجەم، ۋىجدانىم مۇستەھكەم ئىدى. بارلىق ھادىسىلەر ماڭا ئاللاھنىڭ قۇدرەت كارامىتى بولۇپ تۇيىلىۋاتاتتى. مەن گويا ئاللاھنىڭ ئاسرىشى ۋە پاناھىدا ياشاۋاتاتتىم. ئاللاھنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىنىڭ ئىجابىلىقى ۋە ئەمەلىلىكىنى تولۇق ھېس قىلىۋاتاتتىم.
﴿ۆَمَّن يُجِيبُ الْمُگْطَرَّ إِۇَا دَىَاھُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ﴾
«ھاجەتمەنلەرنىڭ دۇئالىرىنى تىڭشايدىغان، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى دەفئىي قىلىدىغان زادى كىم؟» (سۈرە نەمەل 62 - ئايەت)
﴿وَھُوَ الْقَاھِرُ فَوْقَ ىِبَادِھِ وَھُوَ الْچَكِيمُ الْخَبِيرُ﴾
«ئۇ بەندىلىرى ئۈستىدە تولۇق كونتىروللىغى بولغان، ھەممىدىن خەۋەردار، دانادۇر.» (سۈرە ئەنئام، 18 - ئايەت)
﴿وَاللّھُ غَالِبٌ ىَلَۈ ۆَمْرِھِ وَلَكِنَّ ۆَكْڭَرَ النَّاسِ لاَ يَىْلَمُونَ﴾
«ئاللاھ خالىغان ئىشنى قىلىۋېرىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.» (سۈرە يۇسۇف، 21 - ئايەت)
﴿وَاىْلَمُواْ ۆَنَّ اللّھَ يَچُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِھِ﴾
«بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ» (سۈرە ئەنفال، 24 - ئايەت)
﴿فَىَّالٌ لِّمَا يُرِيدُ﴾
«نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ.» (سۈرە ھۇد، 108 - ئايەت)
﴿وَمَن يَتَّقِ اللَّھَ يَجْىَل لَّھُ مَخْرَجًا، وَيَرْزُقْھُ مِنْ چَيْڭُ لَا يَچْتَسِبُ وَمَن يَتَوَكَّلْ ىَلَۈ اللَّھِ فَھُوَ چَسْبُھُ إِنَّ اللَّھَ بَالِغُ ۆَمْرِھِ﴾
«كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان يەردىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.» (سۈرە تالاق، 2 - 3 - ئايەتلەر)
﴿ومَّا مِن دَابَّە إِلاَّ ھُوَ ژخِۇٌ بِنَاپِيَتِھَا﴾
«شۈبھىسىزكى ، كوكۇلىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولمايدىغان بىرمۇ جانلىق يوق.» (سۈرە ھۇد : 56 - ئايەت)
﴿ۆَلَيْسَ اللَّھُ بِكَافٍ ىَبْدَھُ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّۇِينَ مِن دُونِھِ﴾
«ئاللاھ بەندىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئۇنىڭدىن باشقىسى بىلەن قورقىتىدۇ» (سۈرە زۇمەر، 36 - ئايەت)
﴿وَمَن يُھِنِ اللَّھُ فَمَا لَھُ مِن مُّكْرِمٍ﴾
«ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچ بىر ئەزىز قىلغۇچى بولمايدۇ.» (سۈرە ھەج، 18 - ئايەت)
﴿وَمَن يُگْلِلِ اللَّھُ فَمَا لَھُ مِنْ ھَادٍ﴾
«ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچ بىر ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ» (سۈرە غافىر، 33 - ئايەت)
شۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ ھەرگىزمۇ كائىناتنى قارىغۇ مىخانىزىمغا بېقىندا قىلىپ تاشلىۋەتكەن ئەمەس. بەلكى تەبىئەت قانۇنىنىڭ ئارقىسىدا بىر ھېكمەتلىك ئىرادە ۋە بىر مۇتلەق خاھىش كۈچلۈك رول ئوينىماقتا. ئاللاھ ئۇنىڭدا خالىغىنىنى پەيدا قىلىپ، يەنە خالىغىنىنى يوقاتماقتا. پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە مېڭىۋاتقان بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە - قانۇنى بولۇپ، بىزگە نىسبەتەن قانداقتۇر ئالدىراقسانلىق قىلىش ياكى ئاللاھنىڭ ھوزورىغا مەسلىھەت، تەكلىپلەرنى سۇنۇپ يۈرۈش قەتئىي مۇناسىپ ئەمەس. چۈنكى قۇرئاننى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىقلا بىز تونۇشۇپ چىقالايدىغان بۇ ئىسلام قانۇنى زېمىندا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈنلا نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا ۋە بارلىق ئىددىيىۋى يۈكسىلىش مەيدانلىرىدا ئورتاق ئەمەلى ئىجرا قىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ تەبىئىتى، تالانت، ئىقتىدارلىرى ۋە تۈرلۈك ئاجىزلىقلىرى شۇنداقلا بارلىق ئۆزگىرىشچان ھالەتلىرى ئەستايىدىل كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ "ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدا ھېچ قانداق ئالاھىدە مەرتىۋېسى يوق" دەپ قارىمايدۇ ۋە ياكى كشىلىك ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەتلەردە ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر خىل رەڭ ۋە تەنگە ئىگە ئىنسانلارنىڭ قانداقتۇر بىرەر ئىرقىغا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ھەمدە يەنە پانتازىيىلىك غايىۋىي تەسەۋۋۇرلاردىن يېراق بۇ ئىسلام قانۇنى ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى قەدىر قىممىتى، تالانت، ئىقتىدارلىرى ۋە يارىلىشتىكى تۈپكى مەقسىدىدىنمۇ يۇقىرى مەقامغا كۆتىرۋەتمەيدۇ. ئىسلام قانۇنى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىلىرىنى قانداقتۇر بىرەر قانۇنىيەتنىڭ زورىغا تايىنىپ "ئىختىرا قىلغىلى بولىدىغان ئۇستى قۇرۇلما خاراكتىرلىك نەرسە" دەپ قارىمايدۇ ۋە ياكى قەلەمكەشلىككە تايىنىپ، "ئىنسانلارنى ئۆز تەبىئىتىدىن ئايرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ" دەپمۇ قارىمايدۇ. بەلكى "ئىنسانلار تەبىئېي تەلپۈنىشلىرى ۋە تالانت، ئىقتىدارلىرى نۇقتىسىدىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئۆزگىچە شەكىلگە ئىگە مۇتلەق ھەقىقىەت" دەپ قارايدۇ. ئىسلام قانۇنى پەقەت ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى يارىلىشىدىكى تۈپ مەقسەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىگە بىنائەن بەلگىلەنگەن يۈكسەك مەرتىۋىسىگە يەتكۈزىدۇ. بۇ قانۇن ئىنسان ۋۇجۇدىغا، تەبىئېتىگە ۋە بارلىق ئاساسى قۇرۇلمىلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئىنسانلارنى ئۇدۇل پەرۋەردىگارى تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.
قىسقىسى، ئىسلام قانۇنى تۇزىلىشىدىنلا زامان چەكسىزلىكىگە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانچە ئۇزۇن زامان داۋام ئېتىشىنى ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭمۇ نازىل قىلغۇچىسى بولغان ئاللاھۇ تائالالا ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام قانۇنى ئۆز مەنزىلىگە يېتىشتە ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ. ياكى يولسىزلىق بىلەن ئىش تۇتمايدۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز ھايات ۋە كەڭ كەتكەن پائالىيەت مەيدانى تۇرۇپتۇ. قانداقتۇر بىرەر شەخىسنىڭ چەكلىك ھاياتى ئۇنى چەكلەپ قويالمايدۇ. ياكى قانداقتۇر فەنا بولۇشنى ئىستەيدىغان بىرەر دەرۋىشنىڭ "كۆزلىگەن مۇرادىم ھاسىل بولماي تۇرۇپ ئۆلۇپ كېتەرمەنمۇ؟" دەيدىغان ئەندىشىلىرى ئۇنىڭ نورمال سۈرئىتىنى تىزلىتەلمەيدۇ.
كۆپىنچە دۇنيادىكى ئاز بولمىغان مۇتەپەككۈر، پەيلاسۇپ، دىنى پىشىۋالار ھەممە ئىشنى ئۆز ھاياتلىقىدىلا پۈتكېزىۋېلىشنىڭ كويىدا بولۇپ يۈرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەبىئەتنىڭ نورمال يولىدىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ، ئەسلىدە ئۇلاردا زور سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇزۇن يولدا ماڭالىغۇدەك تەمكىنلىك بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار تاللىغان يولدا قالايمىقانچىلىق، ناھەق قان تۆكۈش، ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىش، تۇرمۇشتىكى خاتىرجەملىكنى بۇزۇش ھادىسىلىرى دائىم كۆرىلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى تەبىئەت بىلەن قارشىلىشىش تۈپەيلى ئۆز - ئۆزىنى ھالاك قىلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزرىيەلىرىمۇ توغرا تەبىئەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، نامۇ - نىشانلىرىغا قوشۇلۇپ يەر يۈزىدىن تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنداق خام نەزىرىيەلەر ھىچ قاچان تەبىئەتكە قارشى پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. بۇلارغا سىلىشتۇرغاندا ئىسلام قانۇنى تەبىئەت بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئۆز يولىنى ناھايىتى تەمكىن ۋە ئېغىربېسىق داۋاملاشتۇرىدۇ. بەزى جايلاردا تەبىئەتنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى جايلاردا ئۆزىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەبىئەتنى كەينىدە قالدۇرىدۇ، ئەگرى - توقايلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇنى ئوڭشاشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنى بۇزۇپ - چېقىشنى ئەسلا ياقتۇرمايدۇ. ئۇ گويا يىراق كۆرەر دانىشمەندەك سەۋىر قىلىپ كۈتىدۇ. كۆزلىگەن مەنزىلىگە بىرىنچى قىتىملىق تىرىشچانلىقتا يېتەلمىسە، ئىككىنچى قىتىملىقىدا، ياكى 10 قىتىملىق، 100 قىتىملىق، 1000 قىتىملىق تىرىشچانلىقىدا بولسىمۇ ھامان يەتمەي قويمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. چۈنكى زامان بەك ئۇزۇن، مەنزىلگە يېتىپ بارىدىغان يولمۇ ھەم يىراق. بۇنى خۇددى بىر نوتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. نوتا قانچە ئۆسكەنسىرى ئۇنىڭ يىلتىزى زېمىندىن شۇنچە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ماڭىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ شاخلىرى ئاسمانغا قاراپ ئورلەش بىلەن بىرگە ھەممە ئەتراپقا كەڭ يىيىلىشقا باشلايدۇ، بىر - بىرى بىلەن مەھكەم چىرمىشىپ باھار ئۈمىدىنى كۈيلەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك ئىسلام قانۇنىنىڭ نوتىلىرى قەلىبلەردە كۆكلەپ، ئاستا - ئاستا يۇكسىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قارار قىلىنىپ بولغان ئىش ۋۇجۇتقا چىقماي قالمايدۇ.
توغرا، بەزىدە نوتا قۇم، بورانلار ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالىدىغان، قورغاقچىلىق، كەلكۈن دېگەندەك ئاپەتلەرگە يولىقىپ قالىدىغان ياكى بىرەر رەھىمسىز ئۇنىڭ شاخلىرىنى يېرىپ قويۇپ كېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كېلىپ قالىدۇ. ئەمما ھەر قانداق ئەقىللىق دىھقان نوتىنىڭ يىلتىزى سالامەت بولسىلا يەنە قايتىدىن كۆكلەپ تاكامۇللىشىدىغانلىقىنى، بىر مەزگىلدىن كېيىنلا بارلىق ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى پىششىق بىلىدۇ. شۇڭلاشقا دىھقان بېكار قايغۇرۇپ يۈرمەيدۇ، ئالدىراڭقسانلىقمۇ قىلمايدۇ، ياكى تەبىئەتنىڭ سۆيۈملۈك قانۇنىيىتىنى تاشلاپ سۈنئىي قانۇنىيەتلەرنى ئىختىرا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق نوتىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ كويىدا بولۇپمۇ يۈرمەيدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئىنقىلاۋېنىڭ كائىناتتا مەڭگۈ داۋام ئېتىدىغان ئىلاھىي قانۇنى، مانا بۇ ئاللاھنىڭ سۈننىتى.
﴿وَلَن تَجِدَ لِسُنَّەِ اللَّھِ تَبْدِيلًا﴾
«شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ سۈننىتىدە ھەرگىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ» (سۈرە فەتىھ، 23 - ئايەت)
ئىسلام قانۇنىنىڭ روھى بويىچە كائىناتنىڭ يارىتىلغانلىقى مۇتلەق بىر ھەقىقەت. ئۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا بىر ھادىسە ياكى ئۇرۇنسىز، مەقسەتسىز تاسادىپىلىقنىڭ ھوسولى ئەمەس. ئاللاھنىڭ ۋۇجۇدىلا مۇتلەق ھەق ۋۇجۇد باشقا بارلىق مەۋجۇتلۇق ئۇنىڭدىن ھاياتلىق ئىستىئارە ئالغان.
﴿ۇَلِكَ بِۆَنَّ اللَّھَ ھُوَ الْچَقُّ وَۆَنَّ مَا يَدْىُونَ مِن دُونِھِ الْبَاطِلُ وَۆَنَّ اللَّھَ ھُوَ الْىَلِيُّ الْكَبِيرُ﴾
«بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، چاقىرۋاتقانلىرى باتىلدۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، دانادۇر» (سۈرە لوقمان، 30 - ئايەت)
دېمەك، ئاللاھ كائىناتنى ھەقىقەت ئۇستىگە ياراتقان، ئۇنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشىغا ناھەق قەتئىي ئارىلىشالمايدۇ.
﴿مَا خَلَقَ اللّھُ ۇَلِكَ إِلاَّ بِالْچَقِّ﴾
«ئاللاھ بۇلارنىڭ ھەممىنى ھەقىقەت ئۈستىگە ياراتقان» (سۈرە يۇنۇس، 5 - ئايەت)
﴿رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ ھَۇا بَاطِلاً سُبْچَانَكَ﴾
«پەرۋەردىگارىمىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن بېكار، مەقسەتسىز ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن» (سۈرە ئەل ئىمران، 191 - ئايەت)
ھەقىقەت بىلەن ساداقەت كائىناتنىڭ ئاساسلىق يادروسى. ئەگەر كائىنات ھەقىقەتتىن ئادىشىپ كېتىدىكەن، ئۇچاغدا ھالاكەتنىڭ باشلىنىشىدا شەك يوق.
﴿وَلَوِ اتَّبَىَ الْچَقُّ ۆَھْوَاءھُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْۆَرْگُ وَمَن فِيھِنَّ﴾
«ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ماڭغان بولسا، ئاسمان، زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىنتىزامى ئاستىن - ئۈستىن بولۇپ كەتكەن بولاتتى» (سۈرە مۆئمىنۇن، 71 - ئايەت)
﴿بَلْ نَقْۇِفُ بِالْچَقِّ ىَلَۈ الْبَاطِلِ فَيَدْمَغُھُ فَإِۇَا ھُوَ زَاھِقٌ﴾
«ئەمما بىز ھەق بىلەن باتىلغا زەربە بېرىمىز، ئۇنىڭ بېشىنى شۇنداق يەنچىيمىزكى، ئۇ تامامەن يوقىلىدۇ.» (سۈرە ئەنبىيا، 18 - ئايەت)
شۇڭلاشقا، گەرچە ھازىرقى ئەھۋاللار باشقىچە بولسىمۇ، باتىل يوقۇلۇپ، ھەقىقەت ھامان مەيدانغا چىقىدۇ. دۇنيا مەۋجۇتلا بولىدىكەن خەيرى - ئىھسان، ياخشىلىق ھەم ساداقەتمۇ مۇتلەق ھەقىقەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : -
﴿ۆَنزَلَ مِنَ السَّمَاء مَاء فَسَالَتْ ۆَوْدِيَەٌ بِقَدَرِھَا فَاچْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَّابِيًا وَمِمَّا يُوقِدُونَ ىَلَيْھِ فِي النَّارِ ابْتِغَاء چِلْيَەٍ ۆَوْ مَتَاىٍ زَبَدٌ مِّڭْلُھُ كَۇَلِكَ يَگْرِبُ اللّھُ الْچَقَّ وَالْبَاطِلَ فَۆَمَّا الزَّبَدُ فَيَۇْھَبُ جُفَاء وَۆَمَّا مَا يَنفَىُ النَّاسَ فَيَمْكُڭُ فِي الۆَرْگِ كَۇَلِكَ يَگْرِبُ اللّھُ الۆَمْڭَالَ﴾
«ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، بارلىق ئېرىق - ئوستەڭلەر پىتىشىچە لىپمۇ لىق ئاقتى، كەلكۈن بولغاندا، كۆپۈكلەر سۇ ئۇستىگە لەيلەپ چىقتى، زىبۇ - زىننەت، ياكى ئەسۋابلارنى ياساش ئۈچۈن كىشىلەر ئوتتا ئېرىتىدىغان مىتاللاردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكلەر بولىدۇ، ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى مۇشۇنداق مىساللار بىلەن يورىتىپ بېرىدۇ، كۆپۈك ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ» (سۈرە رەئد : 17 - ئايەت)
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:-
﴿ۆَلَمْ تَرَ كَيْفَ گَرَبَ اللّھُ مَڭَلاً كَلِمَەً طَيِّبَەً كَشَجَرەٍ طَيِّبَەٍ ۆَپْلُھَا ڭَابِتٌ وَفَرْىُھَا فِي السَّمَاء ، تُۋْتِي ۆُكُلَھَا كُلَّ چِينٍ بِإِۇْنِ رَبِّھَا،وَيَگْرِبُ اللّھُ الۆَمْڭَالَ لِلنَّاسِ لَىَلَّھُمْ يَتَۇَكَّرُونَ ، وَمَڭلُ كَلِمَەٍ خَبِيڭَەٍ كَشَجَرَەٍ خَبِيڭَەٍ اجْتُڭَّتْ مِن فَوْقِ الۆَرْگِ مَا لَھَا مِن قَرَارٍ ، يُڭَبِّتُ اللّھُ الَّۇِينَ ژمَنُواْ بِالْقَوْلِ الڭَّابِتِ فِي الْچَيَاەِ الدُّنْيَا وَفِي الژخِرَەِ وَيُگِلُّ اللّھُ الئَّالِمِينَ وَيَفْىَلُ اللّھُ مَا يَشَاء﴾
«ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە (يەنى، ھەققانىيەت سۆزى) يىلتىزى يەر ئاستىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى - ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن، مۇشۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ، يامان سۆز (يەنى كۇفىر سۆزى، باتىل سۆز) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئاللاھ مۆئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ، زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» (سۈرە ئىبراھىم، 24 - 25 - 26 - 27 - ئايەتلەر)
بۇ تەسۋىرلەردىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ھەق، ساداقەت، تەقۋالىق ۋە ئىسلاھاتقا بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچكە ۋە مىسلىسىز قانائەتكە قارىمامدىغان، مۇشۇ كىچىككىنە مىسال ئارقىلىق كۈچ - قۇدرەت ۋە يۈكسەكلىكنىڭ جەۋھىرى مۆئمىنلەرنىڭ قەلبىگە قۇيۇلماقتا. مۆئمىنلەرنىڭ قەلبىگە گويا قانائەت ۋە مەمنۇنىيەتنىڭ بۇلىقى قىزىلماقتا.
داۋامى بار.....
مەنبە: مۇنبەر تورى