مەنبە: news.ifeng.com2011-11-04 06:06 لىۋىيەنى ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ئىقتىساد «تورت»ى زادى قانچىلىك چوڭ؟ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى مۆلچەرى ئوخشاش ئەمەس، ئەمما كۆلىمى ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. فىرانسىيە سودا ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا لىۋىيەنى قايتا قۇرۇشقا 200 مىليارد دوللار مەبلەغ كې−تىدۇ دەپ قارىدى، ئەنگلىيەنىڭ مۆلچەرى 200 مىليارد فوند ستېرلىڭ (تەخمىنەن 320 مىليارد دوللار)غا يېتىدۇ.
لىۋىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ئاساسلىقى نېفىت كەسپى، قاتناش، ئېلېكتىر مۇئەسسەسەلىرى ۋە قۇرۇلۇش جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن. فىرانسىيە كارخانا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر يىل ئىچىدە ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى كۈنىگە 1 مىليون 600 مىڭ تۇڭلۇق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، 2015-يىلى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 3 مىليون تۇڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەخمىنەن 303 مىليارد دوللار كېتىدىكەن. لىۋىيەنىڭ ئېلېكتىر مۇئەسسەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 12 مىليارد دوللار، قاتناش مۇئەسسەسىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 5 مىليار دوللاردىن 6 مىليارد دوللارغىچە، پۇقرالار بىناكارلىق ساھەسىگە 4 مىليارد دوللار كېتىدىكەن.
ش ئا ئە ت كازافى ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە فىرانسىيەنى يېتەكچى، ئەنگلىيەنى قوشۇمچە قىلغانىدى. ئىككى دۆلەت سوقۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 10 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك بومباردىمان قىلىشى كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش چىقىمىمۇ كۆپ بولدى. شۇڭا، ئىككى دۆلەت لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش جەھەتتە يادرولۇق رولىنى ئوخشاش جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى قىزغىنلىقى فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەگە قارىغاندا سەل تۆۋەنرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى، شۇنداقلا قايتا قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىمى 1 تىرىليون 280 مىليارد دوللارغا يەتتى، شۇڭا فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش جەھەتتىكى «تورت»نى تالىشىشتا ئامېرىكىنىڭ كۈچى سەل ئاجىز. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى بىر قانچە دۆلەت مونوپول قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى لىۋىيەدە نۇرغۇن سودا پۇرسىتى بار.
كورىيەدە چىقىدىغان «چاۋشيەن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە سودىغا مەبلەغ سېلىشنى گۈللەندۈرۈش شىركىتى يېقىندا كورىيە كارخانىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئۈستىگە ئالغان لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش تۈرلىرىنىڭ سوممىسى 40 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن. يېقىندا، لىۋىيە بىلەن مىسىرنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇپ، مىسىرنىڭ لىۋىيەنى قايتا قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشتى