باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 523 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قانداق ئىمتىيازلىرى بار؟
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5623
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3148 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-09
ئاخىرقى: 2011-12-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-04 21:37

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭلىرىنىڭ قانداق ئىمتىيازلىرى بار؟

ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ ۋەزىپىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىياز مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلىنىدۇ. كلىنتوننى مىسال ئالساق، ئۇ ۋەزىپىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، يىللىق مائاشى 200 مىڭ دوللاردىن 150مىڭ دوللارغا چۈشۈپ قالدى، شۇنداقلا باج تۆلەيدىغان بولدى. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن چۈشكەن زۇڭتۇڭى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوغدىغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ. ھۆكۈمەت يەنە ئۇلارنىڭ ئىشخانا خىزمەتچلىرىنىڭ مائاشى، كاماندىروپكا خىراجىتى، تېلېفون ھەققى ۋە ئىشخانا بۇيۇملىرى خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم پېنسىيىگە چىققان زۇڭتۇڭنىڭ بارلىق خۇسۇسىي بۇيۇملىرىنى ساقلىشى ئۈچۈن، بىر كۈتۈپخانا سېلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئارخىپ تارماقلىرى ۋەزىپىسىدىن چۈشكەن زۇڭتۇڭغا  ھەرخىل ھۆججەت  ۋە ماتېرىياللارنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بىراق، يېڭى زۇڭتۇڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سابىق زۇڭتۇڭنىڭ ئاقسارايدىكى ئىشخانىسى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، دۆلەت داچىسىدا ۋە مەخسۇس پىكاپتا ئولتۇرمايدۇ. قانۇندا، زۇڭتۇڭ ئەدلىيە جەھەتتە  تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا ،كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
         ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋەزىپىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئادەتتە كىتاب يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. مەسىلەن، رېگاننىڭ نۇتۇق سۆزلەش ھەققى 2مىليون دوللارغا يەتكەن. نېكسون كىتاب يېزىشتىن باشقا، ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پايپېتەك بولغان. كاتى ئىزچىل كىتاب يازغان ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرىگە ياردەملەشكەن. ئەمما، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، كارخانىلارغا مەسلىھەتچى بولغانلارمۇ بار. بۇ، ئامېرىكىغا خاس ئالاھىدىلىك، ئەلۋەتتە. ئامېرىكا كارخانىلىرى زۇڭتۇڭدىن نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، جاۋاب  قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىراق، ئۇلار زۇڭتۇڭ  ۋەزىپىسىدىن بوشانغاندىن كېيىن مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ. چوڭ بۇش ۋەزىپىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا «Carly »گۇرۇھىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ كەلدى. كىچىك بۇش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاندا، ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئۇرۇش قوزغىدى. شۇڭا، بەزى قورال-ياراغ كارخانىلىرى ياكى باشقا كارخانىلار ئۇنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، قورال-ياراغ چىقىمى جەھەتتىكى تۆھپىسىگە جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 855
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە855دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 9005 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-06

مەنم بىر يوقلاپ قۇياي دىگەن بوشنى!