مەنبە: wb.sznews.com2011-11-04 05:47جۇڭگو گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فوربېس 2011-يىللىق دۇنيادىكى ھوقۇقدارلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەڭ ھوقۇقدار ئادەم بولغان، رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن ئىككىنچى،جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ئۈچىنچى بولغان .«فوربېس»ژورنىلى ھەر يىلى دۇنيادىكى ھوقۇقدارلارتىزىملىكى ئىشلەيدۇ ، بۇ يىل دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردتىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، تىزىملىكتە پەقەت 70 ئادەم ئېلان قىلىنىپ ، بۇ 70 ئادەمنىڭ ھەر بىرى 100 مىليون ئادەمگە ۋەكىللىك قىلدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
«فوربېس» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوبامانىڭ ئەڭ ھوقۇقدار ئادەم بولۇپ باھالىنىشىنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ، ئەڭ چوڭ ۋە ئەك ئىجادچان ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىقتىسادى ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى بار ئىكەن . ئوباما ھۆكۈمىتى 2011-يىلىدىكى ئىككى چوڭ ئىشتا بىرىنچى بولۇشقا لايىق سەۋەبنى ھازىرلىغان ،بۇلار ئايرىم-ئايرىمھالدا: 10 يىلغىچە مۆكۈنىۋالغان «ئەلقائىدە» نىڭ رەھبىرى بېن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرىلىشى ۋە ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەدىكى ھەرىكىتى ، شۇنداقلا كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغۇرىۋېتىش بولغان .
رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن ئۆتكەن يىلقى تۆتىنچىلىكتىن ئىككىنچىلىككە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ 2012-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن ، ئۇنىڭ رۇسىيەدىكى يۇقىرى قوللاش نىسبىتىدىن قارىغاندا كرېملىن سارىيىنى قايتىدىن قولغا ئېلىشى ئېنىق .ئۆتكەن يىلىدا 12-بولغان مېدۋېدېۋ قايتا سايلىنىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېدېدېۋ پۇتىن ھوقۇقنى قايتىدىن قولىغا ئېلىشتىكى «ئۆتكۈنچى شەخس» دەپ سانالغاچقا بۇ يىلدىكى ئورنى 59-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان .
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ،ئۇ يەنە بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن ئايال ھوقۇقدار ئىكەن . ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ياۋروپادىكى بىرىنچى ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ياۋروپا ۋە خەلقئارالىق ئىشلاردىكى تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيگەن .
مىكرو سوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىس بەشىنچى بولغان . ئۇ مىكرو سوفتتىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ، ئۆزىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ، ئۇ قۇرغان «گايتىس مېللىندا فوندى» نىڭ ئافرىقىدا قانات يايدۇرغان بەزگەك ۋاكسىنىسى ھەرىكىتى پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .
Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاگىربورك بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ ياش شەخس بولغان ، ئۇئەمدىلا 27ياشقا كىرگەن بولۇپ ، بۇ تىزىملىكتە ئۆرلەش نىسبىتى ئەڭ چوڭ ئىكەن . ئۇ ئۆتكەن يىلقى 40-ئورۇندىن توققۇزىنچى ئورۇنغا ئۆرلەپ ، ئامېرىكا فېدراتسېيە زاپاس ساقلاش ئىدارسىنىڭ رەئىسى بىلەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشقان .
بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسىلى يەنخۇڭ بىلەن چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى مۇدىرىيەترەئىسى لى جياچىڭ بۇتىزىملىككە كىرگەن جۇڭگولۇق كارخانچىلار،ئۇلار ئايرم-ئايرىم ھالدا 42-ۋە 44-بولغان.