قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن
قىسقىچە چۈشەنچە: «قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن» ناملىق بۇ ئەسەردە، قۇرئان كەرىمنىڭ تېرمىنولوگىيىلىك ئاتالغۇلىرى ئىچىدىن مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم بولغان،” ئىلاھ، رەب، دىن، ئىبادەت“ دىن ئىبارەت ئىسلامىي دەۋەتنىڭ ئاساسى بولغان مەزكۇر ئاتالغۇلارغا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ تېرمىنلارنى چۈشۈنىشتىكى بەزى خاتالىقلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.كىتابنىڭ قانچىلىك ئېسل يېزىلغانلىقىغا ئىسلام دىنى ئۆلىماسى شەيخ سەيىد قۇتۇبنىڭ«مەن بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كىيىن قۇرئان سايىسىدا ناملىق كىتابىمغا قايتا قاراپ چىقىشنى قارار قىلدىم»دېگەن سۆزى كۇپايە بولىشى مۇمكىن.
تىلى: ئۇيغۇرچە
ئەسلى ئاپتۇرى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى
(قىسقىچە چۈشەنچە: سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى 1903-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ھىندىستاننىڭ دىھكال ئۆلكىسىنىڭ ئارانگابادا دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىسلام دىنى مۇتەپەككۇرىنىڭ بىرى. ياق، ئۇ پەقەت مۇتەپەككۇرلا بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە كۈچلۈك پائالىيەتچى، ئۇنىڭ ئىددىيسى ئىسلام دىنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلام دىنى روھىنى بۈگۈنكى زاماندىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتلاملىرىغىچە سىڭدۈرىۋەتكەن. ئۇ ئۆمۈر بويى تىرىشىپ، بوشاشماي بىر نىشان- يەنى ئىسلام ئىنقىلابى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.
1941-يىلى8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆزى ئۆخشاش يولدىكى 75 ئادەمنى تەشكىللەپ، ئىسلام جامائىتىنى قۇرغان. بىر نەچچە يىلغا يەتمىگەن قىشقا ۋاقىتتا ئۆزلىكسىز زورىيىپ، باشقا پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغان. 1953-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلىقنىڭ يۈكسەك قوللىشىغا ئىرىشكەن بۇ زات ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، قولغا ئىلىنغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى پەيدا بولغان غايەت زور بىسىملارنىڭ تەسىرىدىن ھۆكۈمەت تەرەپ ئامال يوق ئىككى يىلدىن كىيىن 1955يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى <<جىسمانىي كاپالەتنامە>> بىلەن ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
بۇنداق كىچىك ئىزاھاتلار ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرىنىڭ مىڭدىن بىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. 1979-يىلى 5-ئايدا ئۇ كىسەل سەۋەبى بىلەن ئامېرىكىغا داۋالانغىلى بارىدۇ. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي يورۇق دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ئۇ شۇ يىلى 76ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا بەش ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇ زاتنىڭ جەسىدى پاكىستانغا يۆتكەپ كىلىنگەندە ئايرۇدۇرۇمغا كۈتىۋالغىلى كەلگەن كىشىلەر يۈز مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن.)
تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى
(قىسقىچە چۈشەنچە: ياش تەرجىمان مىللەتپەرۋەر دىنى زىيالىي ئۇستاز كامىلجان ئەپەندىم ھازىر تۇركىيە دۆۋلەتلىك رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بولىمىدە دىكتورلۇق خىزمىتىنى ئوتەپ كىلىۋاتىدۇ.)
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
[ بۇ يازمىنىkepterwaz 2011-11-04 21:34قايتا تەھرىرلى ]