
يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە پۈتۈن دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردقا يەتكەنلىكىنى قىزغىن خەۋەر قىلىشتى.مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1960-يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ، ھازىر يەتتە مىلياردقا يەتكەنلىكى دۇنيانىڭ گۈللەپ ئاۋات بولغانلىقى دىيىلسە بەزىلەر ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىشتى .
ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېرنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت دەۋرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەمەس، بەلكى كۆپىيىشىگە باغلىق. دۇنيادا نوپۇس كۆپەيمەي ئازىيىپ كەتسە، ئاندىن دۇنيا كۆپ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ھازىرقى يەتتە مىليارد نوپۇسنىڭ، مەيلى ئۇ ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، سېرىق تەنلىك ياكى قىزىل تەنلىك بولسۇن، ھېچقايسى دۇنياغا يۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيانىڭ بايلىقى، بۇ بايلىقنى مەدھىيىلەش كېرەك.
رويترس ئاگېنتلىقى ھىندىستان نوپۇسى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستان نوپۇسى يەنە يىگىرمە يىلدا جۇڭگودىن ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە 2025-يىلىغا يەتكەندە ھىندىستان دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ ياش دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، ھىندىستان نوپۇسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29 ياش بولىدۇ، ھىندىستان بۇنداق ياش نوپۇسلۇق دۆلەت ھالىتىنى 2050-يىلىغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.
ھىندىستان سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بانناجىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى ھازىر ھەر يىلى 8%دىن يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ. ھىندىستاندا ھازىر يېتىشىۋاتقان سانائەت سېپىدىكى تېخنىكا خادىملاردىن باشقا، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىرى، ھەتتا ياغاچچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلمۇ-خىل ھۈنەرۋەنلەر ھىندىستاننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا باشقا دۆلەتلەر نوپۇس قېرىپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، ھىندىستان ئۆزىنىڭ نوپۇس ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلانغان، نوپۇسنى ئەقىل بىلەن قوراللاندۇرۇشقا باشلىغان، مانا ھىندىستان ئەمدى نوپۇسنى تەرەققىي قىلدۇرغاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى
مەنبە:بەيدۇ