باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1118 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا چاقىرىق!
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 2030 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-04 02:18

ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا چاقىرىق!

ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا چاقىرىق!

گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە بولسۇن!
ئى ئۇيغۇر مۇئمىنە، مۇسلىمە (ئسىلام قىزى) سىڭىلچىقىم!
ئى قەلبىدە ئىسلام يوشۇرۇنغان (ئورۇنلاشقان)، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ئىپپەتنى، پاكلىقنى، ئەقىلنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقان، ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىسلام قىزى قېرىندىشىم! سىز مۇسلىمە، سىز مۇئمىنە، سىز ئىسلام قىزىسىز! سىز پاك ۋە ئىپپەتلىكسىز! سىزگە رەسۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ: «ئاياللارغا ياخشى ۋەسىيەت (نەسىھەت) قىلىڭلار!» دېگەن سۆزى بىلەن نەسىھەت قىلىۋاتمەن. سىز ئەرلەر ھاياتىدا بىر نىسبەتنى ئىگەللىگەن ئىنسانسىز. گاھىدا ئەرلەر ئۈچۈن قېرىنداشسىز ياكى ئەرلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ھەمراھىسىز ۋەياكى ئۇنىڭ قىزىسىز! سىز شۇنچە قەدىرلىكسىز!
ئى پاك، جەۋھەر ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى! مېنىڭ سوئال سورىشىمغا رۇخسەت بېرىڭلار!
قانداق قىزلار پاك، ئىپپەتلىك دېگەن سۈپەتلەرگە لايىق؟
يۈز - باشلىرىنى يۆگىمەستىن، سىرتلارغا چىققاندا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ھۆسۈنلىرىنى تۈزەپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل جامالىنى يات ئەركەكلەرگە كۆرسىتىپ يۈرگەن قىز-خانىملارغىمۇ؟ ۋەياكى ئۇزۇن، ئەمما تار كۆينەكلەرنى كىيىپ، گۈزەل بەدەنلىرىنى باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلغانلارغىمۇ؟ ياكى كالتە، ئوچۇق يوپكىلارنى كىيىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاقىي بۇزۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلارغىمۇ؟ ياكى ئۆزىچە مەدىنىيلەشتۇق دەپ، غەربچە كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن، مىللىي ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشقان ھالدا بىر كۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، يەنە بىركۈن قارىسىڭىز دىن، ھازارەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، تىل... قاتارلىقلارنى مىڭ يىل باغلاپ قويسىڭىزمۇ، بىر يەرگە كەلمەيدىغانلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىنى دوراپ يۈرگەنلەرگىمۇ؟ 
قېنى دەپ بېقىڭچۇ؟ سىزنىڭچە مۇشۇلارنىڭ قايسىسىنى ئىپپەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى دەپ ئېيتالايسىز؟!
ياق، ياق! مىڭلارچە ياقكى، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئىپپەتلىك ئاياللار دېگەن سۈپەتكە لايىق ئەمەس. ئى ئىسلام ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! بىلىڭكى، ئاللاھ سىزنى ھەر زامان، ھەر ماكاندا كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىزنى سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز توسقان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ھالىتىڭىزدە كۆرسە، رازىمۇ سىز؟ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە: ]ئى پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرغا ئېيتقىنكى، پۇركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى) ئەڭ ئاسان تۇنۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[ دېمىدىمۇ؟
سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر ئايال خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالدا سىرتقا چىقسا، كىشلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال زىناخورلۇق قىلغان بولىدۇ» دېمىدىمۇ؟
ئائىلىدە ئېرىڭىز ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىڭىز ۋە ئاكا - ئۇكا، ئاياللار ئارىسىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە زىكىر قىلىپ ئۆتۈشكە لايىق بولغان مۇھىم نۇقتا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە قىز - خانىملار ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئالاھىدە گىرىملارنى قىلىپ، ئەر-ئايال بىرگە ئولتۇرىدىغان چاي - ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ، باشقىلارنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى چىقىرىۋېتىپ كېلىدۇ، ئەمما بىچارە ئەرچۇ؟ ئايالىنى ماي ۋە تەر پۇرايدىغان ۋەياكى سۈت پۇرايدىغان كىيىملەر بىلەن كۆرىدۇ. ئى سىڭىلچىقىم! بەلكىم سىز ئۇنداق بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنداقلارمۇ ئاز ساننى ئىگەللىمەيدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن چىرايلىق كېيىملىرىڭىز، گۈزەل پەردازلىرىڭىز، خۇش ھىدلىرىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنى كۈتۈۋالمايسىز؟! شۇنداق قىلىپ بېقىڭچۇ قېنى؟ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرمەي قالمايسىز. ھۆسن - جامالىڭىز، گۈزەل تۇرقىڭىزدىن زوقلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان سىزنىڭ تۇرمۇش يولدىشىڭىز، يۈرەك پارىڭىز بولغان بالىلىرىڭىزنىڭ دادىسىدۇر. سىز باشقىلارغا پۈتۈن گۈزەللىكىڭىزنى كۆرسىتىپ، ياسىنىپ يۈرىسىز. مېنىڭچە بۇ، گەرچە ھازىر نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، دىن، ئەخلاق ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئۇقۇم.
ئى ئۇيغۇر مۇسلىمە ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! شەيتاننىڭ يوللىرىدىن بىرىدە
مېڭىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە كۇپپارلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟
ئەزىز ئۇيغۇر مۇسلىمە ئسىلام قىزى سىڭىلچىقىم! رەھمان تائالاھنىڭ غەزىپىگە، دوزاخقا كىرىشىڭىزگە ۋە دىنىڭىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردا بولۇۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟
ئى مۇئمىنە ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! قەبرە ــ جەننەت بوستانلىرىدىن باغچا ياكى دوزاخ ئۆڭكۈرلىرىدىن بىر ھاڭدۇر، سىز قەبرىڭىزنىڭ قايسىسىدىن بولۇشىنى خالايسىز؟
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭىز، رەھمان تائالانىڭ جەننىتگە كىرىشتىن توسۇپ قويىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىردا كۆرۈلىۋاتقان ھەم سەل قارىلىۋاتقان مەئسىيەتلەرنىڭ تۈپ نېگىزىدا شەرئى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە كىيىنمەسلىك، ئاللاھنى تونۇماسلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، مەيدانسىزلىق، ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇش... قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بەلكىم ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمۇ رازى بولمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قىلىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھتىن ئۇلارغا ئىپپەت - ھايا ۋە بۈيۈك ئىمان تىلەيمىز.
ئى سىڭىلچىقىم! ئەمدى قاراپ بېقىڭچۇ، سىز قانداق قىلغاندا ئىپپەتلىك ئىسلام ئۇيغۇر قىزى دېگەن سۈپەتكە لايىق بولىدىكەنسىز؟! شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەككى، سىز ئىسلامغا مەنسۇپ! سىز ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ! سىز ئىسلامنىڭ ئىززىتى! مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ پەخرى!!!
ئا. ۋولقان
مەنبە: مۇنبەر تورى
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9110
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 745 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-30
ئاخىرقى: 2012-03-19

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. ئاللا  گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن.
ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىلا يالغانچىلىقتۇر!
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 250
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە250دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2739 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 00:03

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!  بەك ياخشى تېما يوللاپسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!      ھەر بىر ئەر -ئايال ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتى بىلەن مەجبۇريىتىنى تونۇپ ياشىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى-ھە!............  ھازىر نۇرغۇن كىشلەر ئۆز مەسئۇليىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەچكە نۇرغۇن ئىشلار ياخشى بولمايۋاتىدۇ.................
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 627
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە627دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 03:37

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بىزگە مۇشۇنداق ئۇللۇغ بىر ئايەم كىلىش ئالدىدا مۇشۇنىڭدەك ياخشى بىر تىمىنى سوغا قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت .ئۇللۇغ ئاللاھ مۇشۇ ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن، مۇشۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرىڭىز ئۈچۈن
رەببىم سىزگە كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن ئامىن......................................
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-03-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 13:55

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
بىرئايال خۇشپۇراق نەرسىلەنى ئىشلىـىپ بىر قەۋمىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە
ئۇ ئايال زىنا قىلغانغا باراۋەر
بۈيۈك ئاللاھدىن ھەقىقى مۇسلىمە بۇلۇپ ياشاشنى تىلەيلى قىز-ئايال قېرىنداشلار
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تـىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9019
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 910 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2012-03-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-07 17:14

مەن خوشال قىزلار بىلەن ئانچە خوشام يوق
[ بۇ يازمىنىabbas007 2011-12-03 13:55قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 288
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-07 18:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى مەرىپەت نىڭ 2011-11-05 13:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
بىرئايال خۇشپۇراق نەرسىلەنى ئىشلىـىپ بىر قەۋمىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە
ئۇ ئايال زىنا قىلغانغا باراۋەر
بۈيۈك ئاللاھدىن ھەقىقى مۇسلىمە بۇلۇپ ياشاشنى تىلەيلى قىز-ئايال قېرىنداشلار
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تـىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

سىزدەك ئويلايدىغانلار مىللىتىمىزدىن كۆپرەك چىقىپ ، بىزمۇ يىگىت بولغاندىكىن قىز - سىڭىللىرىمىزغا ئىگە بولۇپ يۈرسەك  بۇ كۈنلەرگىمۇ كۆپ قالىمدى .....       اللە شۇنداق كۈنلەرگە يەتكۈزگەي ...
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....