شەيخ يۈسۈف ئەلقەرداۋى
دۇكتۇر يۇسۇف ئابدۇللاھ ئەلقەرداۋى پىكىر، دەۋەت ۋە فىقھىدا ئوتتۇرا ھال مىتودقا تايانغان، مۇبالىغە ياكى پەرۋاسىزلىق ئېقىمىدىن يىراق دىنى ئالىم بولۇپ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزى ئېلىپ ماڭغان شۇ ئوتتۇرا ھال مىتودى ئارقىلىق مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، قۇرئان، سۈننەتكە بولغان تايىنىشى چوڭقۇر بولغان يەتمىش پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ يازغان . بۇ كىتابلاردا بىر دەۋەتچىگە خاس قىزغىنلىق، بىر ئەدىبكە خاس بەدىئىلىك ۋە يىتىشكەن ئالىمغا خاس ئىنچىكىلىك ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ دەۋەتتىكى پائالىيىتى كىتاب يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا لىكسىيە سۆزلەش، خۇتبە ئوقۇش، دەرس ئۈگىتىش بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇ يەنە نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىنى لىكتورلۇق، دەۋەتچىلىك ۋە خاتىپلىق سۈپىتى بىلەن زىيارەت قىلغان ۋە نەچچە ئون قېتىم ئىسلامىي كونفىرىنسلارغا ئىشتراك قىلغان...
ئۇنىڭ بۇنداق تاۋلىنىپ چىقىشىدا ئىسلامىي مۇھىتتا ياشىغانلىقى، بالىلىق ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق ئالىملار ۋە تۇرمۇشىدا يولۇققان بىر قىسىم قېيىن ئۆتكەللەر ئاساسلىق رول ئوينىغان.
بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى
دۇكتۇر يۇسۇف ئابدۇللاھ ئەلقەرداۋى 1926- يىلى مىسىرنىڭ غەربى ۋىلايەتلىرىدىن بىرىدىكى سەفت تۇراب يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن، بىر دىندار ئائىلىسىنىڭ يىتىم بالىسى بولۇپ ياشىغان دۇكتۇر يۇسۇف ئابدۇللاھ ئەلقەرداۋىنىڭ ھاياتىغا ئاجايىپ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا يېزىسىدىكى بىر قۇرئان يادلاش ئورنىغا كىرىپ ئوقۇغان... كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق بىر مەدرىسىگە تىزىملىتىپ، ئون ياشقا تولۇشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ بولغان... ئۇنىڭ قىرائەتتىكى مۇكەممەللىكى يېزا ئەھلىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى قوزغىغان ۋە شەيخ يۇسۇف دەپ ئاتىشىۋالغان. ئۇ يېزىدىكى كىشىلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بىرىش، نامازلىرىغا ئىمام بولۇپ بىرىشىنى كىچىكىدىنلا باشلىغان.
ئوقۇش ھاياتى
دۇكتۇرنىڭ ئوقۇش سەپىرى داۋاملىق ئەلاچىلىق بىلەن داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇق سىنىپلاردىكى توققۇز يىللىق ھاياتىنى ئەزھەرنىڭ تەنتادىكى قىسىمىدا ئۆتكۈزدى.
ئۇنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى ئۇسۇل ئەددىن (دىن مىتىدولوگىيەسى) بولۇپ، 1952-يىلى ئۆزى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن 180 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئارقىدىنلا ئوخشاش كەسىپ بويىچە لىيسانسلىققا تىزىملىتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەزھەرنىڭ ئۈچ پاكولتىتىدىن لىيسانسلىققا ئىرىشكەن 500 ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدا بىرىنچىلىك بىلەن ئۇنى تاماملىغان.
1957-يىلى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتىپاقىغا قاراشلىق ئەرەب ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئىنستىتوتىدىن ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە يوقىرى لىيسانسلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇسۇل ئەددىن پاكولتىتىنىڭ ھەدىس – تەپسىر قىسىمىغا ماگىستىرلىققا تىزىملىتىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 1960- يىلى مۇۋەپپىقىيەت بىلەن ئۇنى تاماملىغان.
كېيىن ئۇ ”ئىسلامدا زاكات“ تىمىسى بويىچە دوكتۇرلۇق تىزىسى ياقلاپ، ئەسلىدىكى ئىككى يىلدا تاماملاشقان بىكىتىلگەن بۇ تىزىسنى، مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيتىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر سەۋەپلىك ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن تاماملاپ، 1973-يىلى يازدا، شەرەپ گۇۋانامىسى بىلەن بىرگە دۇكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن شەخىسلەر
دۇكتۇر يۇسۇف ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئۇستازلىرى، داڭلىق ئالىملار ۋە ئىلمىي ھاياتتا بىرگە تەربىيلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەردىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان.
ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى شەيخ ھەسەن ئەلبەننا، ئۇستاز ئەلخۇلى، شەيخ مۇھەممەد ئەلغەززالى، دۇكتۇر مۇھەممەد ئابدۇللاھ دراز، شەيخ مەھمۇد شەلتۇت، شەيخ ئابدۇلھەلىم مەھمۇد... قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەققىدە دۇكتۇرنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرگىدەك ئەسلىمىلىرى بار. يوقىرىقى كىشىلەر دۇكتۇرنىڭ مەدھىيە ۋە ماختاشلىرىغا سازاۋەر كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ.
ئېلىپ بارغان مۇھىم ئىشلىرى
دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئىسلامنىڭ خىزمىتىدە خەتىبلىك، ئۇستازلىق، يازغۇچىلىق، دەۋەتچىلىك... قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. ئۇ ھەقىقىي بىر مۇتەپەككۇر، يىتىشكەن تەشكىلاتچى.. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈۋەندىكى قۇرلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1- تەلىم- تەربىيە ساھەسىدە: ئۇ قاتار ئۇنۋېرسىتىتى شەرىئەت ۋە ئىسلام دىنى دەرسلىرى پاكولتىتىدا ئوقۇتقۇچى. ئۇ بۇ يەردە ئىشلەشتىن ئىلگىرى،ئون ئىككى يىل، قاتار دىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن... ئۇ ھازىر يەنە قاتار ئۇنۋېرسىتىتى سىيرەت ۋە سۈننەت ئىزدىنىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شەرىئەت پاكولتىتىنىڭ قوشۇمچە مودىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
2- خەلق ئارىسىدا: ئۇ خەلق ئارىسىدا تەبلىغ، ۋەز- نەسىھەت قىلىش، مەسجىدلەردە دەرس ئۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ قاتارنىڭ نۇرغۇن مەسجىدلىرىدە خۇتبە ئوقۇيتتى, ھازىر بولسا، ئۆمەر ئىبن خەتتاب مەسجىدىدە خۇتبە سۆزلەيدۇ....
3- ئاخبارات ساھەسىدە: رادىئو- تىلۋىزىيىلەردە پروگرامما سۇنۇش، قاتار ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا بۇ قاناللار ئارقىلىق جاراپ بىرىش، يەنە ئىقرائ، ئەلجەزىرە تىلۋىزىيە قاناللىرىدا ھەپتىلىك مەخسۇس پروگراممىلىرى بار...
4- دۇنيانىڭ ھەر قايىس جايلىرىدىكى ئۇنۋىرسىتىتلار، ئورگانلار، مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن، لىكسىيە سۆزلەيدۇ. ئۇ ئافرىقا، ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئامىرىكا، كانادا ۋە يىراق شەرق ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئۇنۋېرسىتىتلار، كونفىرىنسلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرى بار.
5- قاتناشقان ئىلمىي يىغىلىش ۋە قۇرۇلتايلار: دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئىسلام پىكىر ۋە دەۋەت ساھەسىدە يىتۈك كىشىلەرنىڭ بىرى بولغاچ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە. ئۇ قاتناشقان خەلقئارالىق قورۇلتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان قورۇلتايلار بولۇپ، تۈۋەندىكىلەرنى پەقەت مىسال ئۈچۈنلا ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن: لىۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن ” ئىسلام ھوقۇقچىلىقى“ ئىلمىي يىغىلىشى، مەككە مۇكەررەمەدە ئۆتكۈزۈلگەن ”تۈنجى قېتىملىق ئىسلام ئىقتىسادى خەلقئارا قورۇلتېيى“، رىيادتا چاقىرىلغان ”ئىسلام فىقھىچىلىقى قورۇلتىيى“، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئېچىلغان ”دەۋەت ۋە دەۋەتچىلەر“ قورۇلتېيى، ھىندىستاندا چاقىرىلغان ”ئىسلام ۋە شەرقشۇناسلار“، ھىندىستان ئۆلىمالار ئىلمىي يىغىلىش ھەيئىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ”تەلىم- تەربىيە بايرىمى “، قاھىرە، دۆۋھە ۋە باشقا جايلاردا چاقىرىلغان ”ئىسلام تەتقىقاتى“ يىغىلىشلىرى، دۇبەي، كۇۋەيت، ئىستانبۇل ۋە باشقا جايلاردا چاقىرىلغان ”ئىسلامدا پۇل مۇئامىلە“ قورۇلتايلىرى... ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە كانادالاردا مۇسۇلمانلار ئوقۇغۇچىلار بىرلىگى تەرىپىدىن چاقىرىلغان قورۇلتايلار بولۇپ.... ھەممىسىگە قاتناشتى.
6- ماقالە ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلىش ساھەسىدە: ئۇ ئۆزىنىڭ ماقالىلىرىنى ئەرەب- ئىسلام ئەللىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلغان: ئۇلاردىن مۇنۇلارنى ئەسلەپ ئۆتۈش مۇمكىن؛ ئىسلام نۇرى- ئەزھەردىن نەشىر قىلىنىدۇ. ئىسلام مۇنبىرى، دەۋەت ۋە ئىسلام بايرىقى قاتارلىق مىسىردا نەشىر قىلىنىدىغان ژورناللار، دەمەشىقتە نەشىر قىلىنىدىغان ئىسلام مەدەنىيىتى، كۇۋەيتتە نەشىر قىلىنىدىغان ئىسلامىي ئاڭ، مۇجتەمەئ ۋە ئەلئەرەبى ژورناللىرى، بىيروتتا نەشىر قىلىنىدىغان شىھاب ژورنىلى، ھىندىستاندا نەشىر قىلىنىدىغان ئىسلام گۈللىنىش ژورنىلى، رىيادتا نەشىر قىلىنىدىغان ئەددەئۋە ژورنىلى، قاتاردا نەشىر قىلىنىدىغان ئۇممەت ۋە دەۋھە ژورناللىرى، ئەبۇ زەبىدە نەشىر قىلىنىدىغان ئىسلام مۇنارى ژورنىلى، لىبناندا نەشىر قىلىنىدىغان ئەسىرداش مۇسۇلمانلار ژورنىلى... قاتارلىقلار دىن باشقا، ئۇنىڭ ئەرەب – ئىسلام ئەللىرىدە چىقىدىغان كۈندىلىك گېزىتلەردە ماقالىلىرى، پەتىۋالىرى، كۆز قاراشلىرى ئېلان قىلىنغان.
7- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى بويىچە كىتابلارنى يازغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى. ئۇ يەنە نۇرغۇن خەير ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە مۇسۇلمانلار بىرلىكلىرىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى. ئۇ يېقىندا، ياۋرۇپادا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنى قوردى...
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى
ھىجىرىيەنىڭ - 1411- يىلى ، ئىسلام ئىقتىسادى بويىچە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
- ئىسلام دىنى تەتقىقاتى بويىچە پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
- كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دۇكتۇر ئەلقەرداۋىنىڭ ئۆلىما ۋە دەۋەتچىلەرگە قىلغان قىممەتلىك نەسىھەتلىرى
دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئىسلام خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا، دەۋەتچىلەر ۋە ئۆلىمالارغا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك نەسىھەتلىرىنى سۇنغان بولۇپ، بىز ئۇلاردىن تۈۋەندىكىلەرنى سىلەرگە سۇنماقچىمىز. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
ئالىم ۋە دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمغا شۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1-ئۇلارنىڭ دوستلىقى ئاﷲ ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈنلا بولۇشى؛ مىللەت، ۋەتەن، سىياسىي تۈزۈم، پارتىيە، ۋە شەخىسلەرگە بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە، دىنغا يىراق- يېقىنلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
2-ھەرقانداق مەسىلىدە ئاﷲنىڭ كىتابىنى، پەيغەمبەرنىڭ سەھىھ سۈننىتىنى، ئىسلامنىڭ روھىنى جانلىق چۈشەنگەن، ئىسلامدىن ئەسىرلەر بويى بىدئەتلەرنى، باتىل قاراشلار ۋە نادانلارنىڭ تەئۋىللىرىدىن تازىلىغان بۇ ئۇممەتنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزلىرىنىڭ مىتودى قىلىشىلىرى لازىم.
3-تاغۇتلاتنىڭ ئالدىدا ھەق سۆزنى ئاشكارە قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئاﷲنىڭ يولىدا ھېچ نەرسىدىن، ھەتتا زالىمنىڭ زۇلمىدىن قورقماسلىقتەك روھنى يىتىلدۈرۈپ، ئاﷲ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلىگەن بەندىلىرىدەك بولىشى لازىم: [ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) اﷲ نىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، اﷲ دىن قورقىدۇ، اﷲ دىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ اﷲ دىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، اﷲ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر]
4- ئۇلارنىڭ ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئاز ۋە ئەبى مۇسانى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا قىلغان نەسىھىتىنى ئېتىبارىغا ئېلىپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن«.. ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قېيىنچىلىق تۇغدۇرماڭلار، كىشىلەرگە خۇ بىشارەتلەرنى بىرىڭلار، ئۇلارنى قاچۇرماڭلار...» دەۋرىمىزدىكى ئۆلىمالىرىمىز بۇ ۋەسىيەتكە ھەرقاچان ۋە ھەر يەردە نەقەدەر مۇھتاج ھە!
بۇنداق دېگەنلىك، ئۇلارنىڭ شۇئارى زوراۋانلىق ئەمەس، مۇلايىملىق، رادىكاللىق ئەمەس، ئەپۇچان بولىشى لازىم. ئاﷲ تائالا مۇئامىلىدىكى يۇمشاقلىقنى سۆيىدۇ، شۇڭا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: [..ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى.]
مېنىڭ ئەپۇچانلىق دېگەندە كۆزدە تۇتقىنىم، فەرئى ( شاخچە) مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇسۇل ۋە غايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ... كىشىلەر بىلەن، مانا بۇ قائىدە بويىچە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.
پەرزلەرنى ئادا قىلغان، گۇناھى كەبىرەلەر ( چوڭ گۇناھلاردىن) يىراق بولغانلارنى دوستىمىز سانىشىمىز، ئۇنىڭ بىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغىمۇ ھىس قىلدۇرىشىمىز لازىم. گەرچە ئۇنىڭدا، ئۆزلۈكسىز داۋاملاشمايدىغان بىر قىسىم مەكرۇھ ئىشلار، كىچىك گۇناھلار سادىر بولۇپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنى دوست ساناپ، ھېكمەتلىك ۋەز – نەسىھەت يولى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بولغان يۈنۈلۈشكە يىتەكلىشىمىز زۆرۈر.
بۇ قاتاردىكى كىشىلەرنى دۈشمەن ساناش، ئۇلارنى دىنغا قارشى كۈچلەر دەپ تەبىر بىرىش خاتالىق بولۇپ، ئۇلارنى دىننىڭ قارشىسىدىكى كىشىلەر تارتىپ كىتىدۇ-دە، ئۆز قوينىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەر سېپىگە كىرىپ قالىدۇ.
5- ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ مېڭىش، ئىختىلاپلىشىپ قالغان جايلاردا بىر – بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشتىن ئېبارەت بۈيۈك قائىدىنى ئۆزلىرىگە شۇئار قىلىشلىرى لازىم.
6- يېڭى پەنلەردىن ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دەرىجىدە پايدىلىنىشى لازىم. ئىمام غەززالىنىڭ فەلسەپىنى چېكىندۈرۈپ، دىنى ئېلىملەرنى جانلاندۇرىشى، ئۇنىڭ پەلسەپە ئىلمىنى ئۇبدان ھەزىم قىلىپ بولغىنىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىش.
7- بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئۆلىمالىرىمىز ئۆزلىرىنى بىرلىكسەپنىڭ ئەزالىرى، ھۈكۈمەت خىزمەتچىسى، مائارىپ ساھەلىرىدە ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا بىر نېمە دەپ سۈپەتلىمەي، بىز دېگەن دىننىڭ دەۋەتچىلىرى، پىكىر يۈرگۈزگۈچىلىرى دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن چېغىدا ئاندىن مەيدانغا چىقىدۇ ياكى ئەمىلىلىشىدۇ.
8- ئۆلىمالار ئىسلام دۇنياسى سەۋىيىسىدە ئۆز ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئالاقىلىشىپ تۇرىشى لازىم. ئىسلام ئۆلىمالىرى قوللىغۇچىلىرى بار، تەسىرى كۈچى بار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق رايۇن ياكى بىر جايدا بىرلىشىشى، ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئىنتايىن زور كۈچنى شەكىللەندۈرىدۇ.
9- ساغلام يۈنىلىشى بار ھەممە ئىسلام ھەركەتلىرىنى قوللىشى، ئىسلامنىڭ ھاياتنى يېڭىدىن قورۇپ چىقىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىسلام شەكلىدە بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىلىرى كېرەك. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ مېڭىشى، مۇناسىۋىتىنى چېڭىتىشى، گەرچە قۇربان بىرىۋاتقان، ئىش قىلىۋاتقان، كۈچ چىقىرىۋاتقان سەپلەردە بىرگە تۇرۇشقا شارائىت يار بەرمىسىمۇ، ئىمكان بار ھەر قانداق ئەھۋالدا، ئاجىز نوقىلىرىغا يارىدەم بىرىشلىرى تېخىمۇ مۇھىم. ئاﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اﷲ غا (يەنى اﷲ نىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟﴾
ئەھزاب سۈرىسى، 39- ئايەت.
ئال ئىمران سۈرىسى، 159- ئايەت.
فۇسسىلەت سۈرىسى، 33- ئايەت.
ئاللاھ ئالىمنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقيەت ئاتا قىلسۇن ! ئامىن!!!
ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم!
بىر قىسىم قېرىنداشلار بۇ ئالىمنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ،تۇنۇيالمىغانلىقتىنمۇ ، ياكى ئىلىمنىڭ كەملىكىدىنمۇ ، ئىشقىلىپ دائىم ئەيىپلەيدۇ! ئۆتكەندە بىزنىڭ ئۆيگە ئىككى قېرىندىشىمىز (دىنى سەۋىيەسى مەندىن يۇقىرى،خېلى تەقۋا بالىلار ئىدى) كەپتىكەن ، كومپىيوتىردىن شەيىخنىڭ 2009-يىلى جوڭگۇغا كەلگەندە،cctvتىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى زىيارەتىنى كۆرۈپ ، تېخى بېشىدىن 5~10 مىنۇت كۆرە-كۆرمەيلا ، بۇ (قەرداۋى) مۇرتەد ئىكەن،مۇرتەد بوپ كىتىپتۇ دەيدۇ!!!
توۋا!!! دەپ قالدىم!!!
ئۇلارغا ھەر قانچە چۈشەندۈرسەممۇ قۇبۇل قىلمايدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمىاي! بىزدە ئۇ ئالىمدىكى ئىلىمنىڭ 100 نىڭ بىرىمۇ يوق تېخى! شۇڭا بىزدىن ئاخىرەتتە ئالىملارنى باھالاپ، ئۇلارنى دەرىجىگە ئايرىش تەلەپ قىلىنمىغاندىكىن ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلمىساق دىدىم!
يەنە كىلىپ ئۇنداق چوڭ ئالىملار ھەر قانداق بىر پەتىۋانى چۇقۇم دەلىل ئارقىلىق چىقىرىدۇ، مەيلى توغرىنى تاپسۇن ياكى خاتالاشسۇن، يەنىلا ئۇلارغا ئەجىر بار ، توغرا تاپسا ئىككى ئەجىر، خاتالاشسا بىر ئەجىر، ئەمما بىزگىچۇ ! ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلىپ ، بىر مۇنچە گۇناھقا ئىرىشىمىز خالاس!
ئىسلام دىنىدا رەسۇلۇللاھتىن باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ سۆزىنى 100% توغرا دەپ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەزىدە خاتالىشىشى مۇمكىن!!
ئەمما ئۇ ئالىمنىڭ بىرەر ئىشتا خاتالاشقانلىقى سەۋەبتىن ئۇنى تامامەن قارىلىۋېتىشكە بولمايدۇ،
بىزنڭ ئۇنىڭ پىكرىگە قايىل بولمىغانلىقىمىز ئۇنى ئەيىپلەشكە ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك!
شۇڭا ھازىرقى مۇسۇلمانلارغا بىرلىك ھەممىدىن بەك مۇھىم ! ھەممىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، مۇسۇلمانلار ئارىسىنى بۈلىدىغان سۆز-ھەركەتلەردىن يىراق تۇرايلى!
ھازىر دەۋىر بىزدىن مۇسۇلمانلارغا ھەر-خىل ناملارنى قۇيۇپ،پارچىلاشنى ئەمەس! بەلكى ئامال بار ئۇلارنىڭ ئارىسنى بىرلەشتۈرۈشنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ!
ئوخشىمىغان دىندىكىلەر ، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكىلەر مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر سەپ بۇلۇپ تۇرغان يەردە،بىز نىمىشقا دىنىمىز بىر،قىبلىمىز بىر،رەببىمىز بىر،پەيغەمبىرىمىز بىر تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئاددى مەسسىللەر سەۋەبلىك ، كىچىككىنە ئىشلاردا كۆز-قاراشلىرىمىز ئوخشاش بولمىغانلىق سەۋەبلىك بىرلىشەلمەيمىز!!! بۇنداق ئاددى ئىشلار بىزنىڭ بىرلىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزەلمەسلىكى كېرەك ئىدى!
دەل دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلاردىكى مۇشۇ ئاجىزلىق تەرىپىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ!!!
ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا ئىخلاس بىلەن ئەقىل-پاراسەت تەڭ مەۋجۇد بۇلۇشى كېرەك!!!
دىنى ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللام مۇنداق دېگەن: (بىر مىللەتنىڭ خار-زەبۇن بۇلۇشىغا سەۋەب ئىككىدۇر،1-نادانلىق،2-ئىتىپاقسىزلىق) بىزدە بۇ ئىككى خىل ئىللەت خېلى ئېغىر! بۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك!
بىز ئىلىمسىز ، دەلىلسىز بىر كىشىنى ، بۇلۇپمۇ بىزدىن ئىلىملىكرەك كىشىلەرنى ئەيىپلەشتىن ئاگاھ بۇلايلى!!!
بۇ توغرىسىدا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە-ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن!-نىڭ بىر كىتابى بار،(مەشھۇر ئالىملارنى ئەيىپلىمەسلىك توغرىسىدا) قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتابنى كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن!
ئاللاھ ھەممىزگە مۇستەھكەم ئىمان ، مەنپەئەتلىك ئىلىم، سالىھ ئەمەل ئاتا قىلسۇن!!! ئامىن!
[ بۇ يازمىنىتوران 2011-11-04 01:51قايتا تەھرىرلىدى ]