28 - ئىيۇن ، ئۇيغۇر يىگىت مەمەتتۇرسۇن دادىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىغان ياغاچتىن ياسالغان ئاككۇمۇلياتور سەپلەنگەن ماشىنا بىلەن خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىگە ھەيدەپ كەلدى . ئىگىلىنىشچە ، بۇ ياغاچ پىكاپنى قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزا 13-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئاتا-بالا ياغاچچى ئابابەكرى ئېلى ۋە مەمەتتۇرسۇن ئابابەكرىلەر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 15 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ياساپ چىققان . پىكاپنىڭ ياسىلىشى سىپتا ۋە كۆركەم بولۇپلا قالماي ، ئۇنىڭغا ئاككۇمۇلياتور سەپلەنگەن بولۇپ ، ئادەتتىكى يول يۈرۈش سۈرئىتى ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ سۈرئىتىدىن قېلىشمايدىكەن . ئاتا - بالا ئىككەيلەن ئۆزلىرى ياسىغان ماشىنىنى ھەيدەپ كىلىپ يەرمەنكىگە قاتناشقان ۋە بۇ ياغاچ پىكابىغا 150 مىڭ يۈەن باھا قويغان .
28 - ئىيۇن ، بۇ ياغاچ پىكاب نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .