باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3768 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىندىستان چىگراغا100 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىدىكەن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5623
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 238
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە238دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3178 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-09
ئاخىرقى: 2012-02-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-03 14:51

ھىندىستان چىگراغا100 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىدىكەن

ئەسكەرتىش: (general) مەنبە ئەسكەرتىلمىسە ئۆچۈرىلىدۇ! (2011-11-03 20:19)
ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 100مىڭغا يېقىن ئەسكەر قوبۇل قىلىپ جۇڭگودىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن.

خەۋەردە يەنە،جۇڭگو ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا تۇرغۇزغان ئەسكىرىنى كۆپەيتكەنلىكى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئارمىيىسى  ھىندىستان چېگرىسىغا بېسىپ كىرىشتەك ھادىسىلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن،ھىندىستان ئارمىيە تەرەپ 13مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى،بۇ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا يەنە 4دىۋىزىيىنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ ئىچىدىكى 2دىۋىزىيە تاغلىق رايوندىكى ھۇجۇم قىلىدىغان ئارمىيىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ دېيىلدى.

بۇ پىلان يەنە 2مۇستەقىل بىرىگادا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ،بۇنىڭ بىرى كەشمىردىكى دالاك رايونىغا،يەنە بىرى ئاتتاراكخاند شىتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ پىلاننى مالىيە مىنىستىرلىكىگە يوللىغان بولۇپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىكەن.دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى سۆزلەپ،بۇ قېتىملىق ئارمىيىنى كېڭەيتىش پىلانى2012-يىلدىن2017يىلغىچە بولغان 12-بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزىلىدۇ،بۇنىڭ مەقسىتى بۇ بەش يىل ئىچىدە 90مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر قوبۇل قىلىپ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ھەربىي ئايرىدىروم ياساش،ناۋادا بۇ ئىچكى كابېنتتا تەستىقلىنىپ قالسا ھىندىستاننىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىمىق ئارمىيىنى كېڭەيتىش پىلانى بولۇپ قالىدۇ،شۇنداقلا يەنە 1962-يىلدىكى جڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ئىككى دۆلەت چېگرىسىغا ئەڭ زور كۆلەمدە  ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى  بولۇپ قالىدۇ دېدى.

يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە،ھىندىستان ئارمىيە تەرەپ يېقىندىن بۇيان جۇڭگو -ھىندىستان ئىككى تەرەپ تالىشىۋاتقان زاڭنەن رايونىغا ئېتىلىش مۇساپىسى 30كىلومىتىرغا  يېتىدىغان،يادرو بومبىسى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز بولغان روموس تىپلىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ،بۇ ھىندىستاننىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا قارىتا ھۇجۇم تىپىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېساپلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا،ھىندىستان ئارمىيىسى يەنە جەڭ ئاپشاركىسى مەشقلەندۈرۈشكە تۇتۇش قىلغان بولۇپ دۈشمەن ئارمىيسىنىڭ گازارمىلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىپ بومبا پارتلىتالايدىكەن.ھىندىستان ھەربىي تەرەپنىڭ بىر خادىمى سۆزلەپ،ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگودىن خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دوسلۇقىنىڭ كۈچىيىشىدىن بولۇپ ،ناۋادا كېيىن ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا ،جۇڭگو پاكىستانغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى مۇمكىن ئىكەن.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن يېقىندا ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ،ھىندىستاننىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن