باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 688 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى
Just believe in allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3119 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-03 12:55

پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟
بىر جۈمە كۈنى مەدىنە يولىدا بىر جۇپ كەپتەر ۋە ئۆمۈچۈك تورى... ئۆلۈم بىلەن ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بولمىغان، دۈشمەنلىرى بىلەن بۇرنى بۇرنىغا تېگىپ قالغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغىنىدا دوستىغا «قورقما، بىز بىلەن بىللىدۇر» دەپ تەسەللى بەرگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، چۆللۈكنىڭ مۇشەققەتكە تولغان يوللىرىدا سۇراقەنىڭ تەھدىتلىرىگە، يولنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا بويۇن ئەگمەستىن 622- يىلى 24- سېنتەبىردە، ئەسھابىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشلىرى ئارقىسىدا قۇبا مەسجىدىگە كىردى. ! 
قۇبا يېزىسىدا تۆت كۈن تۇرۇپ قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ يەرگە ئىسلامنىڭ تۇنجى مەسجىدىنى، تەقۋالىق ئۈستىگە بىنا قىلىنغان قۇبا مەسجىدىنى سالدى. جۈمە كۈنى بولغاندا مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئەسھابى كىراملار قىلىچلىرىنى ئېسىۋېلىشقان ھالدا پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرلىمەكتە، مەدىنىگە بارىدىغان يولنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە توپلىشىۋالغان كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە سالام بېرىشمەكتە، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش تەشنالىقلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىدى. رانۇنە ۋادىسىغا كېلىشكىنىدە پىشىن ۋاقتى بولغان ئىدى.
يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ...
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام، سالىم ئىبنى ئەۋف ئوغۇللىرى تۇرىدىغان بۇ ۋادىدا تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. رەسۇلى ئەكرەم بۇ تۇنجى جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېدى: «ئەي ئىنسانلار! سالامەت چېغىڭلاردا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى قىيامەت كۈنىدە، ھەممە كىشى قىلغان ئىشىدىن ھېسابقا تارتىلىدۇ. سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار چوبانسىز قويۇپ بەرگەن قويلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تەرجىمانسىز ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ قېشىڭغا پەيغەمبىرىم كېلىپ، ئەمىرلىرىمنى يەتكۈزمىدىمۇ؟ مەن ساڭا مال – مۈلۈك بەردىم، ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق قىلدىم. ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاخىرەت ئۇزۇقى سۈپىتىدە نېمە ئېلىپ كەلدىڭ؟› بۇ سوئاللارغا دۈچ كەلگەن كىشى ئوڭ – سولىغا قارايدۇ، لېكىن ھېچبىر نەرسە كۆرەلمەيدۇ. ئالدىغا قارىغىنىدا بولسا، جەھەننەمنى كۆرىدۇ. شۇنداقكەن، يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ جەھەننەمدىن قورتۇلۇشقا تىرىشىڭلار، ئۇنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى بىر سۆز بىلەن بولسىمۇ ئۆزىنى قوتقۇزۇشقا تىرىشسۇن. چۈنكى بىر خەير ئۈچۈن ئون ھەسسىدىن تارتىپ يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن.»
  سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى    
ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇ بىرىنچى خۇتبىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قايتىدىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئىككىنچى خۇتبىسىنى ئوقۇدى:   
«ئاللاھقا ھەمدۇ بولسۇن. ئۇنىڭغا ھەمدۇ ئېيتىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن. نەپىسلىرىمىزنىڭ شەررىدىن ۋە يامان ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسەتكەن، ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا يېتەكلىيەلمەيدۇ. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭ تەڭ – تۈشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. ئاللاھ جەللە كىمنىڭ قەلبىنى قۇرئان بىلەن زىننەتلىسە، ئۇنى كاپىر بولسا ئىسلامغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشىمۇ قۇرئاننى باشقا بارلىق سۆزلەردىن يۇقىرى ئورۇندا قويسا قۇتۇلىدۇ. ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار   
ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ كىتابى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئۇستۇنىدۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنىڭ كالامىدىن ۋە ئۇنى ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالماڭلار. ئاللاھنىڭ كالامىدىن قەلبىڭلارغا بىر قارىلىق كەلمىسۇن.چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھ ياراتقان ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىنى ئايرىپ تاللايدۇ، ئەمەللەرنىڭ ياخشىسىنى ۋە بەندىلىرىنىڭ تاللانغىنى بولغان پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ھالال ۋە ھارامنى بىلدۈرىدۇ. سىلەر يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار. شېرىكتىن ھەقىقىي رەۋىشتە يىراق تۇرۇڭلار.   
سۆزلىرىڭلار، ئاللاھقا سۆزلەنگەن گۈزەل سۆزلەر بولسۇن ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈڭلار. ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەھدىگە رىئايە قىلمىغانلارغا، ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارغا غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن.» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، جۈمە نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەقىقەت ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇش مەقسىتىدە مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.  
مەنبە: «مىللىي گازە> 
بۇ ماقالە ئا.قارلۇقىي تەرىپىدىن  «ئۇيغۇرئونلاين.نت» تور بېتى ئۈچۈن تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىندى.

 بۇ ماقالە پايدىلىق قىممىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ مۇئەللىم  بلوگىدىن يۆتكەپ كىلىندى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://muallimman.blogbus.com/logs/152151074.html lC9S\s  
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://www.alhux.com/bbs/read.php?tid=497
مەنبە:مەرىپەت مۇنبىرى
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-03-26

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
شەرىپە سىزنىڭ تىمىللىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن بولسا ياخشى تىمىللىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭ
ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 712
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-03 21:33

ئاللاھ  قوللىرىڭىزغا دەرەت بەرمىسۇن قىرىندىشىم  رەھمەت سىزگە .
muhlis
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6758
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-27
ئاخىرقى: 2012-03-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-04 20:35

ۋىدا خۇتبىسىنڭ pdf  كىتابى قايسڭلادا بار بەكمۇ ئوقۇغۇم بارىدى
Just believe in allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3119 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 22:24

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى مەرىپەت نىڭ 2011-11-03 18:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
شەرىپە سىزنىڭ تىمىللىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن بولسا ياخشى تىمىللىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭ
ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ئىنشا اللە قېرىندىشىم.
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.