باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 530 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 2030 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-03 02:10

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى
مۇسۇلمان ھاياتىدا تەۋبە مۇھىم ماۋزۇلاردىن بىرى، مۇسۇلمان داۋاملىق تەۋبىگە ئالدىرايدۇ. بىز ئاللاھتىن تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلىپ،گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
تەۋبىنىڭ لۇغەت مەنىسى:قايتىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەت ئاتالغۇسىدا بولسا سادىر قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ،تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە شۇ گۇناھلارنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئىرادە باغلاشتىن ئىبارەت.
ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى مۇنداق دەيدۇ:"تەۋبە ئىرادە ۋە قەستنى كۈچلاندۇرىدىغان پۇشايمان. پۇشايماننىڭ ئالامىتى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىش،كىلەچېكىنى ئىسلاھ قىلىش دمەكتۇر".
ساھابىلاردىن ئەمر ۋە ئەبۇ مۇئاز(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) لارمۇنداق دېگەن:"ھەقىقىي تەۋبە، سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادە بىلەن يېنىشتۇر، بۇنىڭ مىسالى خۇددى سىغىلغان سۈت ئەمچەككە قايتمىغاندەك گۇناھغا قايتماسلىقتىن ئىبارەت. ئالىملارنىڭ بىرى تەۋبىنى چۈشەندۈرۈپ: تەۋبە تىلدا ئىستىغفار ئېيتىش،دىلدا پۇشايمان قىلىش، جىسىمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت؛ دەيدۇ. تەۋبە ھەققىدە كۆپلەپ ئايەت،ھەدىسلار كەلگەن. ئىنسان گۇناھدىن خالى بولالمايدۇ، بىراق ئىنسان گۇناھ قىلىپ سالغاندا بىپەرۋالىق قىلماستىن تەۋبە قىلىشى، قىلپ سالغان گۇناھلىرىنى قايتا سادىر قىلماسلىقى لازىم، ئىسلام شۇنداق تەۋبە گە چاقىرىدۇ.
قۇرئان كەرىمدا تەۋبە ھەققىدە كەلگەن بەزى ئايەتلەر:
[
اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ. ] (بەقەرە سۈرىسى 222- ئايەت.)
[
ئى مۆمىنلەر اﷲ غا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) اﷲ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.] (تەھرىم سۈرىسى66-ئايەت)
[
ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلا اﷲ غا تەۋبە قىلىڭلار] (نۇر سۈرىسى 31-ئايەت).
[
پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، اﷲ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر]. (فۇرقان سۈرىسى 70-ئايەت)
تەۋبە ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىزگە كەلگەن ھەدىسلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ بەزىلىرىنى كەلتۈرىمىز:
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدا مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئاللاھتىن بىر كۈندە 70 قېتىمدىن كۆپ تەۋبە-ئىستىغفار تىلەيمەن" يەنەبىر رىۋايەتتە "بىركۈندە يۈز قېتىمدىن كۆپ تەۋبە-ئىستىغفار تىلەيمەن دېگەن".
يەنەبىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "قۇياش غەربتىن چىقىشتىن بورۇن كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ". ئىبنى مەسئۇد(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ھەدىسدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:"ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن، سۇ-گىياھسىز چۆل باياۋاندا توختاپ ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسا تۆگىسى يىمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن يوقاپكەتكەندىن كېيىن تۆگىسىنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالماي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆلۈمگە تەن بېرىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرسا تۇساتتىن تۆگىسى يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغاندىن كېيىن سۇ ئىچىپ، قورسىقىنى تويغۇزغان ئادەم قايسى دەرىجىدە خۇشال بولسا ئاللاھمۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ"(بۇخارى،مۇسلىم)
قېرىندىشىم بىلىڭكى، ئاللا پۇشايمان ۋە ئىستىغفار بىلەن قىلىنغان ھەقىقىي تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى ھەرقانداق گۇناھكارغا ئوچۇقتۇر. گۇنا ھەرقانچە كۆپ، ئېغىر بولسىمۇ تەۋبە قىلغۇچىغا ئاللانىڭ رەھمىتى كەڭرىدۇر. سىز ھەرگىز ئۈمىتسىز بولماڭ، ئۈمىتسىزلىككە يولمۇ قويماڭ. ئىنساننىڭ گۇناھلىرى ئاسمان-زىمىندەك كۆپ، چوڭ بولسىمۇ ئاللا ئەپۇ قىلىش، كەچۈرۈم قىلىشقا قادىر. گۇناھدىن قايتىپ، تامامەن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلغان كىشى گۇناھسىز كىشىگە ئوخشاش پاكلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر:
"
ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن(ئاللارازى بولسۇن)رىۋايىتىدە جۇھەينە ئايمىقىغا مەنسۇپ بىر ئايال رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ زىنادىن ھامىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىگە ئاللانىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئايالنىڭ كىيىمىنى جىسمىغا تېڭىپ ئاندىن رەجىم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) قىلىشقا بۇيرىغان. رەجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۇ ئايالنىڭ ناماىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇمەر(ئاللاھ رازى بولسۇن) ئى رەسۇلۇللاھ بۇ ئايال زىنا قىلغان تۇرسا نامىزىنى چۈشۈرەملا ؟! دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئايال شۇنداق تەۋبە قىلغانكى، مەدىنە ئەھلىدىن 70 كىشىگە تارقىتىلسا يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ، ئۆزجېنىنى ئاللا يولىدا سېخىلارچە قۇربان قىلغان كىشىدىن ئەۋزەل كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟" دەيدۇ (بۇخارى،مۇسلىم).
تۆۋەندە تەۋبىنىڭ شەرتىنى بايان قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇق:
1-
ئىخلاسنى ئاللاھغا قىلىش، تەۋبىنى بولسا ئاللاھدىن تىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساۋاپ ئۈمىت قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنى تىلەش.
2-
سادىر قىلغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىش بىلەن قاتتىق ئېچىنىش.
3-
گۇناھدىن تىزلىكتە قول ئۈزۈش. ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ھەققىدە بولسا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن قول ئۈزۈش.بەندە ھەققىدە بولۇپ قالسا قول ئۈزۈش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىدىن كەچۈرۈم سوراش.
4-
چوڭ-كىچىك ھەرقانداق گۇناھ قىلماسلىققا ئىرادە باغلاش.
5-
تەۋبىگە كېچىكىپ قالماسلىق ۋە ئالدىراش.
ئەجەل توشۇپ قالغان تەقدىردە، كۈن مەغرىپتىن چىقىپ قالسا تەۋبە قوبۇل قىلىنماي قالىدۇ.ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان قاتتىق زىيان تارتقۈچىلاردىن بۈلۈپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۈچار بۈلۈپ قالىدۇ. ئاللاھتائالا ھەممىمىزنى گۈناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن.
ماقالىنى تەييارلىغۇچى: سىراجىدىن ئەزىزى
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 288
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17

رەھمەت قېرىندىشىم...  اللە رەھمەت قىلسۇن ... . مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ  ھەركۈنى تەۋبە -ئىستىغپار ئېيتىمەن  اللە  قا ....  
اللە رەھمەت قىلسۇن  ...    اللە گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلسۇن ...  ھەقىقەتەن ئىبرەتلىك  ،ياخشى تېمىكەن ...   مەن مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسەم  پۈتۈن بەدىنىم ئۆزۈممۇ بىلگىمەن يۇسۇندا تىتىرەپ  ،  كۆزلىرىمگە ياش كەپ كېتىدۇ ...  
اللە گۇناھىمىزنى مەغفىرەت قىلسۇن ...   ئامىن ...
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....