شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلىگراممىسى:ئامېرىكىلىق جوي بىلىكىر ئىسىملىك 79ياشلىق ياشانغان ئايال 2001-يىلدىن تارتىپ بىر ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ بۇ مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقىلى 10يىلدىن ياشقان. شۇنداق قىلىپ بۇ دۇنيا بويىچە زەنجىرسىمان بۇ مېھمانخانىدا ئۇدا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئادەم بولۇپ قالغان.
بېلىكىر 2001-يىلى8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتون فاللۇس چۇرچقا جايلاشقان بىر ھەشەمەتلك مېھمانخانىنىڭ 202-ئۆيىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ بۇ يىل 10-ئاينىڭ26-كۈنى سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن بۇ مېھمانخانىدىن كۆچۈپ چىقىپ قىزى بىلەن تۇرۇشنى قارار قىلغان.بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ 202-نومۇرلۇق ئۆيدە 10يىلدىن ئارتۇق تۇرغان.
2001-يىلى شۇچاغدىكى 69ياشلىق بېلىكر ،ئېرى راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىلگىرى ئىزچىل تۇرۇۋاتقان يېڭى بۇشىر شىتاتىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ ۋاشىنگتونغا كېلىپ يېڭى خىزمەت ئىزدىگەن.ئۇ خىزمەت ئىزدىگەن ئارلىقتا مۇشۇ مېھمانخانىغا كىرگەن بولۇپ ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرلىكىدىن ئىش تاپقاندىن كېيىن مۇشۇ مېھمانخانىدا تۇرۇشنى قارار قىلغان.
بېلىكىرنىڭ بۇ مېھمانخانىنى تاللىشىدىكلى سەۋەپ ناھايىتى ئاددىي :ئۇ بۇ مېھمانخانىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن بېلىكىر باھادا ئېتىبار قىلىشقا ئېرىشكەن يەنى كۈنلۈكى 139ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن ئىككى ياتىقى بار بىر ئۆيگە ئورۇنلاشقان.مېمانخانا يەنە ئۇنىڭ كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆيىنى تازلاپ بېرىش مۇلازىمىتى ۋە ياۋروپاچە ئەتىگەنلىك تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ،ئۇ يەنە ياتىقىدىكى سىمسىز تور بىلەن سىملىق تېلىۋىزورنى ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ.
بېلىكىرنىڭ قارىشىچە،ۋاشىنگتون شەھەر رايونىدىكى ئايلىقى 1700ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىجارە ئۆيلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ مېھمانخانا ئەرزانراق توختايدىكەن.
بېلىكىر دائىم بۇ مېھمانخانىنى كۈندىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە پىكىر بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ ئۇ بۇ مېھمانخانىدا تۇرغان مەزگىلدە بۇ مېھمانخانا ئالتە قېتىم دېرىكتور ئالماشتۇرغان.
بېلىكىر بۇ مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى CNNبېلىكىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە:<<مەن بۇ رايوننى مەھەللە پىلانى دەپ ئاتايمەن،مەن بۇ مېھمانخانىنى مەھەللىگە ئايلاندۇردۇم>>دېگەن،بېلىكىرنىڭ قىزى كىرىستىن ۋېدون تولۇقلاپ:ئۇ بۇ يەرنى ئائىلىگە ئايلاندۇردى،ئەمما ئۇلارمۇ بۇنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى>>دېدى.
بۇ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىنىڭ باش دىرېكتورى كارا بوبىرىك سۆزلەپ:<<مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىز ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ،ئۆتكەن يىلى ئۇ كېچىدە يېقىلىپ چۈشۈپ يانپىشىنى زەخمىلەندۈرۈۋالغان بولۇپ ،دوختۇرخانىدا ئويغانغان ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ بىزنىڭ بىر دىرېكتورىمىز بوبىي بېھرىنگىرنى كۆرگەن>>دېدى.
مەنبە:news.ifeng.com