باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1411 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يىگىت دىگەن
دوستلىشىش
يۈسۈپچان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 1310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-02 10:54

يىگىت دىگەن




ئاتىسىنى قاقشاتمايدۇ يىگىت دىگەن،
ئانا كۆڭلى ئاغرىتمايدۇ يىگىت دىگەن.
ئاتا-ئانا بۇيرىسا گەر بىرەر ئىشنى،
بۇيۇن تولغاپ تۈرمەس قاپاق، يىگىت دىگەن.


 

ئاخشاملىرى ئۆيگە كىرمەي ئىچىپ ھاراق،
تار كوچىغا كىرىۋېلىپ تارتىپ قاپاق.
جىدەل قىلماس كۈندە بەشۋاخ تېرىپ چاتاق،
شەيتانلارغا بەزمە تۈزمەس، يىگىت دىگەن.

 

بار بىساتنى سېتىپ كۈندە ئويناپ قىمار،
ئوغرى بولۇپ قۇلۇپ چاقماس بولسا زاۋال.
نوچى مەن، دەپ ياۋاشلارغا قىلىپ ئۇۋال،
مىسكىن دىلنى رەنجىتمەيدۇ، يىگىت دىگەن.

 

ئەل-يۇرتىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە ھەييار،
بولۇپ قاچماس، ئۆز جېنىنى ساقلاپ ئاۋۋال.
قانخور قېلىچ باش كىسىشكە تۇرسا تەييار،
ھەقنى ھەق دەپ تۇرالايدۇ، يىگىت دىگەن.

 

پۇل بەرگىن! دەپ ئانىسىغا تەھدىت سېلىپ،
ئاق چەكمەيدۇ كۈندە كۆپلەپ پۇللار ئېلىپ.
پۇتنى تۇتار تۆرگە ئۇرۇن-كۆرپە سېلىپ،
دۇئاسىنى ئالار كۆپلەپ يىگىت دىگەن.

ئاپتور: سەنسىز 0903

 

 ئېچىنىمەن بۇئەپتىڭگە ئۇيغۇر يىگىتى
قەددى-قامەتلىك،شىرمەت ئۆزلىرى،
ئادەمنى سۈيۈندۈرەر،ھەم سۆزلىرى.
مانا ئەمدى يۈرەر،كۇلۇب،ئىچىپ ھاراق،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى.

 

يوللاردا ئۇنۇڭ-بۇنۇڭغا قاراشلىرىڭنى،
ۋاي ئىستېخى،قالايمىقان چاخ-چاقلىرىڭنى.
نۇمۇس تېخى ، يانچۇقلارنى كولاشلىرىڭنى،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى.

 

ساپ تەبىيەتنى،چىكىپ تاماكا بۇلغاشلىرىڭنى،
ئىچىپ ھاراق،جىدەللىشىپ،ئاۋارچىلىق تېپىشلىرىڭنى.
ھەي،،،كۇچىلاردا مەست-ئەلەم بۇلۇپ يۈرگەنلىرىڭنى،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى .

 

سادىر پەلۋان،ئەخمەتجان قاسىمىلار،ئىزناسى قېنى،
مەخمۇت بۇۋام،خاس يۈسۈپلەر دۇئاسى قېنى.
كۆرمىدىڭمۇ ،ئاتا-ئاناڭ كۆز ياشلىرىنى،
ئېچىنىمەن بۇ ئەپتىڭگە، ئۇيغۇر يىگىتى.]


2011-يىلى3-ئاينىڭ17-كۈنى
مەنبە: ئۆز قەلمى{ ئىسىل شاھزادە } 
ۋەتەن
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-02 12:19

ياخشى مەزمۇن،بىراق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ھېچ بىر تۈرىگە تەۋە ئەمەس،شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!