باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1070 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا
دوستلىشىش
يۈسۈپچان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 1310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-02 10:51

لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا




لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
ئازار بېرىپ ئۇلار دىلىغا.
يىگىت تۇرۇپ تاشلىغان سەنمۇ،
شۇ قىزلارنى ھىجران ئوتىغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
تىل تەككۈزۈپ ئەلنىڭ قىزىغا.
ئۇ بولمىسا نە بولسۇن ھوزۇر،
ئېغىز تېگەلمەي ئۇيغۇر ئېشىغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
مۇھەببەتنىڭ گۈلتاجىسىغا.
قىزلار بولغاچ گۈزەلدۇر ئالەم،
ھۆرمەت قىلغىن قىز غورۇرىغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
سۆيۈپ تۇرۇپ بەرگى لېۋىغا.
بېزەڭلىك قىپ سورىما ئىپپەت،
كىم ئىشىنەر يىگىتلىقىڭغا.
 
 
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،
تىل تەككۈزۈپ ئەلنىڭ قىزىغا.
سوراپ باقاي كۆيەلەمسەنكىن،
سېرىق چاچلىق چەتئەل قىزىغا.
 
 
يىگىتىنى ئەتىۋارلايدۇ،
ئۇيغۇر قىزى جېنىنى بېرىپ.
تۇتقۇزىدۇ ئالقىنىڭغا ئۇ،
ساداقەتلىك يۈرەكنى يېرىپ.
 
 
ئويلاپ كۆرگىن گۇناھ ھەممىسى،
شۇ بىچارە قىزچاقلاردىمۇ؟
سۆكۈپ -تىتىپ يازىسەن ئۇنى،
<قىزلار پاھىشە بۇلۇپ كەتتىمۇ؟>
 
 
قېنى دەپباق قىزلار ئۆز ئارا،
سېسىق پاھىش بولالايتتىمۇ؟
پاھىشخانىغا بارمىساڭ ئۆزەڭ،
پاھىشخانا تاقالمايتتىمۇ؟
 
 
سېرىق چاچلىق قىزلارغا كۆيسەڭ،
ئۇيغۇر قىزى ياغلىقنى ئالدى.
كۆيگەن بولساڭ مودىلىق قىزغا،
ئۇيغۇر قىزى ئەتلەسنى سالدى.
 
 
سۈكۈت قىلىپ تۇردىغۇ يەنە،
مەست بوپ قالساڭ قۇسۇقلىرىڭغا.
بىر جېنىڭغا قوشلاپ يارتۇتقان،
چەكتىن ئاشقان خۇلۇقلىرىڭغا.
 
 
چوڭلار ئېيتقان :<بېشى لاي سۇنىڭ،
ئاخىرىمۇ سۈزۈك بولمايدۇ.
سەن باشلىغان ئەسلى بۇ يولنى،
قىزغا لەنەت دېسەڭ بولمايدۇ.
 

مەنبە:
كىرورەن~قىزى
ئىجادىيىتى.
 
ۋەتەن
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-02 15:59

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-11-02 11:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھېچكىمگە لەنەت ئوقۇمايمەن،بىراق ئىچكى سەۋەبنىڭ ھامان بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ