ئۇچۇرلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئەھەت يۈسۈپ تۆمۈر سەكرىمە ئاياق بىلەن غۇلجىدىن ئۇرۇمچىگە يولغا چىقىپ 700 كېلومىېتىر يولنى بېسىپ پۈتۈن مۇساپىنى 15 كۇندە تاماملاپ، تۈنۈگۈن 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى دۈشەنبە كۈنى سائەت 2 دە غۇلجىغا قايتىپ كەلدى .( غۇلجىدىن ئۇرۇمچىگە بولغان ئارىلىقنى تومۇر ئاياق بىلەن باستى كېلىش مۇساپىسىنى ماشىنىدا تاملاپ، غۇلجا شەھەر باش بىكەتتىن باشلاپ تومۇر ئاياقنى كىيىپ غۇلجىغا كىردى ) بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇنلىغان مۇشكىلاتلارغا يولۇقتى، ناچار ھاۋا رايى ، سوغۇق ، تىك داۋانلارنى ئاشتى ، ئۇنى بارغانلىكى جايدىكى ئەزىز قېرىنداشلار قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالدى. مەن بۇ يەردە ئۇنى كۈتىۋالغان، ئۇنى مەدھىلىگەن ، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا سەمىمى رەھىمىتىمنى بىلدۇرىمەن ۋە ئۇنى سەپىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان، ئېلى ئوبلاستلىق دادا فا تىرانسىپورت شېركىتىگە چەكسىز تەشەككۈرىمىزنى بىلدۇرىمەن .
تۈنۈگۈن كۈتىۋىلىشقا مەنمۇ چىقتىم. ئۇ چاغدىكى ھىسىياتىم ۋە شاتلىقىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەشكە بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن . مەن بۈگۈن گەرچە ئەدەبىياتچى بولمىساممۇ ، ئومرۇمدە تۈزەك شېئرى ئەسەر يېزىپ باقمىغان بولساممۇ ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىمنى ئاددى قوشاق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، خاتىرە رەسىملەر بىلەن بىللە يوللىدىم . كۆپچىلىكنىڭ خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئۇندىن باشقا ئېلى ئوبلاستلىق دادا فا تىرانسىپورت شېركىتىگە چەكسىز تەشەككۈرىمىزنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ شىركەتنى تونۇشتۇرۇش ماتىرىيالى قوشۇپ يوللۇدۇم .
باتۇر ئۇيغۇر باللىرى
تەلكىنىڭ تاغلىرى بار،
تاغلىرىدا داۋىنى.
داۋانلاردىن ھالقىغان،
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باللىرى .
پۈتلىرىدا تۆمۇر ئاياق،
يۇرىكىدە كۆپ ئىشتىياق.
داۋان ئاشتى ئەھەت يۈسۈپ،
ئۈمىدسىزلىك ئۇندىن يىراق.
توپ ئوينىتىپ ماڭدى ئەنە،
شىنجاڭ كېزەر دىلشاتجان.
خەلقىم ئاڭا دۇئا بەردى،
يولى بولسۇن شاد ئامان.
قارشى ئالدى تاغ داۋان،
توستى يولىنى يامغۇر بوران.
سوغۇقلاردا توڭلىدى تەن،
باش ئەگمىدى باتۇر ئوغلان.
ھالقىپ ئۆتتى تەلكىدىن،
قالدى ئەنە تاغ- داۋان.
غەيرىتىدىن ئۇيغۇرنىڭ ،
ھەيران قالدى يەر جاھان.
يامغۇر، بوران، تىك چوققا،
توسالمىدى يولىنى .
مۇھەببىتى ئۇيغۇرنىڭ،
تىك رۇسلىدى بويىنى.
ئۇيغۇر ئوغلى تارىختىن،
باتۇر، قەيسەر نەسلىدىن.
مۈشكىلاتقا دۇشمەنگە،
تىز پۈكمەستۈر ئەزەلدىن.
باتۇرلۇقتا ئەرلىكتە،
جاھان ھەممە تونۇيدۇ.
نەرە تاتسا ھۇررا دەپ،
شىر يولۋاسمۇ ئۇركۈيدۇ.
ئارمان كۆپتۇر ئۇيغۇردا،
ئوخچۇپ تۇرار قانلىرى.
ئۈمۈد بىلەن ياشارمىز،
باردۇر جەسۈر باللىرى .
قوللىرىدا مەشئەل بار،
مەرىپەتكە ئاتلانغان.
ئەل ۋەتەنگە، خەلقىغە،
پۈتۈن جىسمى ئاتالغان.
كېتىپ بارار ئوغلانلار،
يۇرىكىدۇر مەشئىلى.
تونىتىشتۇر جاھانغا،
ئۇيغۇرلارنى مەقسىدى.
بېسىپ ئۆتكەن ھەر يۇرتتا،
باغاشلىدى ئەل ئاۋام.
گۈللەر چېچىپ بويىغا،
ئالقىشلىدى ھەر زامان.
ناغرا- سۇناي ساماغا،
چۆمدى بارغان يۈرتلىرى.
بايرام قىلماي چىدامدۇ،
كەلسە باتۇر باللىرى.
ئېلى ئوبلاستلىق دادا فا تىرانسىپورت شېركىتى قىسقىچە تونۇشتۇرىشى
– يىلى 6 – ئايدا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سىلىپ غۇلجا شەھەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايۇندا ‹ دادافا › تىرانسىپۇرت شىركىتىنى قۇرۇلدى.شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى تۈرلۇك ئاپتۇمۇبىللارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ، يىللىق تەكشۈرۇش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش ، يۈك ئاپتۇمۇبىللارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاسراش – رىمۇنىت قىلىش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىەتتى ، ئۇ قايتا – قايتا ئويلىنىپ شوپۇرلارغا تىخىمۇ قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت تۈرى ، تىجارەت دائىرىسىنى كىڭەيتىپ مۇنتىزىم رىمۇنتچىلىق كارخانسى قۇرۇش ئۈچۈن بىر كەسپى رېمۇنتچىنى ئىلىپ ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق سەككىز ناھىيە ، ئىككى شەھەرگە بىرىپ يۈك ئاپتۇمۇبىللىرىنى شىركەتكە ئەزا قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئىلىپ باردى ھەم شىركەتكە ئەزا بۇلغان ئاپتۇمۇبىللارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاسراش ، ئاپتۇمۇبىللارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىجىرىش ، ئاپتۇمۇبىللارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ، يۈك توشۇش رەسمىيىتىنى ۋاكالىتەن بىجىرىش ، خىرىدارلارغا ۋاكالىيەت ئاپتۇمۇبىلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ، ئاپتۇمۇبىللارنى يىللىق تەكشۈرتۇش قاتارلىق مۇلازىمەتتىن بەھىرلىنىشتەك قائىدە – تۈزۈملەرنى يولغا قويدى تىرىشقان ، جاپادىن قۇرقمايدىغانلارغا ھامان يول تىپىلىدىكەن . مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قۇللىشى بىلەن جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە شىركەت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلدى . نۆۋەتتە شىركىتىمىزگە ئەزا بۇلغان ئاپتۇمۇبىللار دەسلەپكى ئون نەچچە يىلدىن بىراقلا 100 دىن ئاشتى ، شىركىتىمىزدە بەش مىللەتىن بۇلغان 30 دىن كۆپرەك ئىشچى – خىزمەتچى بار ، ئالدى 3000 يۈەندىن كەينى 1000 يۈەندىن ئىش ھەققى ئالىدۇ . مۇقىم مۇلكىمىز 1 مىليۇن يۈەندىن ئاشتى ، شىركەتتە ھەربىرى خىزمەتچى خادىمىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئېنىق بولۇپ ، رىمۇنتىىن چىققان ھەر بىر ئاپتۇمۇبىل سۈپەت تەكشۇرگۈچى خادىمىنىڭ سۈپەت تەكشۇرشىدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا يولغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىندۇ ، چۈنكى بىخەتەرلىك ھەممدىن مۇھىم › بۇ شىركەت 2007 – يلى ئىلى ئوبلاستىلىق قاتناش تىرانسىپۇرت ئىدارىسى ، غۇلجا شەھەرلىك قاتناش تىرانسىپۇرت ئىدارىسى تەرىپىدىن كۆپ قىتىم ‹ ئىشەنچىلىك كارخانا › ‹ تىرانسىپۇرت كەسپىدىكى مەدەنىي ئۇرۇن › دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشىتى . ئابدۇكىرىم بۇ يىل 8 – ئايدا باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ ئىلى دەريا يۇلىغا ‹ ئاق كەپتەر › ئاپتۇمۇبىل بىزەش ئورنى ئاچتى ..
شىركىتىمىزنىڭ تۈپ نۇقتىسى : شوپۇرلارنىڭ بۇلۇپمۇ مىللىي شوپۇرلارنىڭ تىل ئۇقماسلىقدەك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئورۇنسىز چىقىم ۋە ۋاقىت قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنى تىخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەكتە . شىركەت قۇرغۇچىسى ئابدۇكىرىم بىر قانچە يىللىق چاپالىق تىرىشىش بەدىلىگە جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بۇلۇش بىلەن ئۆز كۈچىگە تاينىپ چىقىش يولى تاپقان ياشلارنىڭ ئۈلگىسى بۇلۇپ قالدى .
تۆۋەندىكىسى ئەھەت يۈسۈپنىڭ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىكى كۈتتىۋىلىش پائالىيىتىدىكى خاتىرە رەسىملەر
图片:_DSC0157.JPG

图片:_DSC0160.JPG

图片:_DSC0338.JPG

图片:_DSC0162.JPG

图片:_DSC0163.JPG

图片:_DSC0168.JPG

图片:_DSC0177.JPG

图片:_DSC0191.JPG

图片:_DSC0197.JPG

图片:_DSC0200.JPG

图片:_DSC0202.JPG

图片:_DSC0205.JPG

图片:_DSC0208.JPG

图片:_DSC0209.JPG

图片:_DSC0210.JPG

图片:_DSC0211.JPG

图片:_DSC0212.JPG

图片:_DSC0213.JPG

图片:_DSC0217.JPG

图片:_DSC0221.JPG

图片:_DSC0225.JPG

图片:_DSC0226.JPG

图片:_DSC0227.JPG

图片:_DSC0228.JPG

图片:_DSC0229.JPG

图片:_DSC0233.JPG

图片:_DSC0236.JPG

图片:_DSC0239.JPG

图片:_DSC0241.JPG

图片:_DSC0245.JPG

图片:_DSC0246.JPG

图片:_DSC0250.JPG

图片:_DSC0251.JPG

图片:_DSC0253.JPG

图片:_DSC0254.JPG

图片:_DSC0256.JPG

图片:_DSC0258.JPG

图片:_DSC0259.JPG

图片:_DSC0261.JPG

图片:_DSC0264.JPG

图片:_DSC0266.JPG

图片:_DSC0269.JPG

图片:_DSC0272.JPG

图片:_DSC0273.JPG

图片:_DSC0273.JPG

图片:_DSC0275.JPG

图片:_DSC0276.JPG

图片:_DSC0282.JPG

图片:_DSC0283.JPG

图片:_DSC0289.JPG

图片:_DSC0294.JPG

图片:_DSC0298.JPG

图片:_DSC0300.JPG

图片:_DSC0304.JPG

图片:_DSC0305.JPG

图片:_DSC0308.JPG

图片:_DSC0318.JPG

图片:_DSC0322.JPG

图片:_DSC0323.JPG

图片:_DSC0325.JPG

图片:_DSC0327.JPG

图片:_DSC0333.JPG

بىزىنى قۇلغان كەڭ قېرىنداشلارغا سەمىمى رەھىمتىمىزنى بىلدۇرىمىز ،شۇنىڭ بىلەن بىرىگە غۇلجا شەھەر خەلق دۇختۇرخانا ئۇدۇلىدىكى زىبانە گۇل-نەفس بۇيۇمىلرى ،دۇكىنىغا رەخمەت ئىتىمىز
مەنبە:
http://www.elqut.cn/read.php?tid=50021