باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1133 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىر ئىشلىتىش توغرىسىدا
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1099
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1099دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14724 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-31 00:31

تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىر ئىشلىتىش توغرىسىدا

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
 
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
 
ئىسپىرت ماددىسىنى ئىچىش ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام، چۈنكى ئۇ مەست قىلىدۇ، ھەدىستە مەست قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن.
 
ئەمدى ئىسپىرت ماددىسى مەست قىلىدىغان ھاراق دائىرىسىگە كىرەمدۇ ياكى زەھەرلىك ۋە ياكى زىيانلىق ماددىلارغا كېرەمدۇ دېگەن جەھەتتىن ئالىملار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان.
 
ئۇنى ھاراققا ئوخشاش دېگۈچىلەر ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان، تۆت مەزھەب ئىماملىرى ھاراق نىجىس دەپ قارىغان، ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ مائىدە سۈرىسى 90- ئايىتىدىكى بۇ سۆزىنى دەلىل قىلغان:
 
(ئى مۆمىنلەر! ھاراق، قىمار، تىكىلگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى شەيتاننىڭ ئىشىدىن بولغان پاسكىنىلىقتۇر. شۇڭا نىجاتلىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن يىراق بولۇڭلار)
 
ئۇلار مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى (رىجىس) دېگەن سۆز نىجىس، پاسكىنا ۋە مەينەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شەرىئەت ھاراققا رىجىس دەپ ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەسلىككە بۇيرۇغان ئىكەن ئۇ ھارام بولۇش بىلەن بىللە نىجىس يەنى مەينەت بولىدۇ، ھاراق بۇنداق بولسا ئىسپىرت ماددىسىمۇ ھارام بولىدۇ.    
 
لېكىن بۇ دەلىلگە باشقىلار مۇنداق دەپ رەددىيە بەرگەن:    
 
بۇ ئايەتتىكى رىجىس دېگەن سۆزدىن مەنىۋى نىجىسلىك مەقسەت قىلىنىدۇ، خۇددى (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار نىجىستۇر) تەۋبە سۈرىسى 28- ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ نىجىسلىقى مەنىۋى بولغاندەكلا، ئەلۋەتتە ھەرقانداق ھارام نەرسە مەنىۋى جەھەتتىن نىجىس بولىدۇ، ئىلگىرىكى ئايەتتە ھاراق بىلەن بىللە بايان قىلىنغان قىمار، تىكىلگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى قاتارلىقلارنىڭ نىجىسلىقىنىڭ مەنىۋى ئىكەنلىكى بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، چۈنكى ھېچكىم بۇ نەرسىلەرنى ئەينەن ماددىي نىجىس دەپ قارىمىغان، شۇڭا ھاراقنىڭمۇ نىجىسلىقى مەنىۋىدۇر، ئەينىي ئەمەستۇر.
 
بۇنىڭغا ئاساسەن ھاراقنىڭ ماددىسىنىڭ ئۆزى ئەينەن نىجىس دېيىش دەلىلگە موھتاج.
 
ئەمما ئىمام مالىكنىڭ ئۇستازى ئىمام رەبىيئە، لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى ئەلمۇزەنىي ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار ھاراق پاكىز دەپ قارىغان.
 
بۇلار ھاراقنىڭ پاكىزلىقىغا دەلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھاراق چەكلەنگەندە ساھابىلەر ھاراقلارنى مەدىنە كوچىلىرىغا تۆكۈۋەتكەن، ھاراق مەينەت بولىدىغان بولسا يولغا تەرەت قىلىشنى توسقاندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى توسقان بولاتتى، ئۇلارمۇ كوچىلارغا مەينەت نەرسىنى تۆكمىگەن بولاتتى.
 
ئىلگىرىكى قاراشتىكىلەر بۇلارنىڭ بۇ دەلىلىگە مۇنداق جاۋاب بەرگەن: مەدىنىدە پاسكىنا سۇلارنى ئېقىتىۋىتىدىغان تۇرۇبىلار يوق بولغاچقا ساھابىلەر ھاراقلارنى كوچىلارغا تۆككەن، بۇ ھاراقنىڭ نىجىس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
 
دېمەك ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بۇ ھەقتە كەسكىن ئەمەس، ئىلگىرىكى ئايەتتىكى نىجىس دېگەن سۈز ماددىي ۋە مەنىۋىي نىجىسلىقنى ئېھتىمال قىلىدۇ، ھاراقنىڭ مەنىۋى نىجىسلىقى ئېنىق، ئەمما ماددىي نىجىسلىقنى بىلدۈرۈشتە ئايەتنىڭ لەۋزى كەسكىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىماللىق.
 
يۇقۇرىقى تالاش-تارتىشنىڭ ھەممىسى ئۈزۈم شەربىتىدىن ياسالغان ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە بولۇپ كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنداق ھاراقنى نىجىس دەپ قارىغان.
 
ئەمما ئارپا، ھەسەل، ئەنجۈر ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان مەست قىلغۇچى ئىچملىكلەر بولسا 3 مەزھەب ئىماملىرى نىجىس دەپ قارىغان، ھەنەپىي مەزھەبتىمۇ نىجىس دەپ پەتىۋا بېرىلگەن، لېكىن ئۇ ھەنەپىي مەزھەبتىكى باشقا بىر قاراشتا پاك دەپ قارالغان.
 
يۇقىرىقىدىن خۇلاسە: ھاراق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە نىجىس، ئۇنداق بولىدىكەن ئىسپىرتمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا نىجىس بولىدۇ. باشقىلارنىڭ قارىشىدا ھاراق پاكىز شۇڭا ئىسپىرتمۇ پاكىز بولىدۇ.
 
بۇ، ئىسپىرتنى مەست قىلغۇچى ماددا دەپ قارىغانلارنىڭ نەزىرىدە شۇنداق، ئەمما ئىسپىرتنى زەھەرلىك ياكى زىيانلىق ماددا دەپ قارىغانلار بولسا ئۇنى خەشخاش، ئەپيۈن ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلاردەك پاكىز دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ ماددىلار ھۆكۈم جەھەتتىن نىجىس دېيىلگەن بىلەن ھېچكىم ئۇنى ئەينى نىجىس دەپ قارىمايدۇ.
 
بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ يېقىنقى زامان ئالىملىرىدىن ئىمام شەۋكانىي، سۇبۇلۇسسالام مۇئەللىپى ئىمام سانئانىي، رەۋزەتۇلبەھىييە نىڭ مۇئەللىپى سىددىق ھەسەن خان قاتارلىق ئالىملار ھاراقنى پاكىز دەپ قارىغان. تەپسىرى مانار مۇئەللىپى شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا، ۋە ھازىرقى ئەسىر مۇجتەھىدلىرىدىن شەيخ يۈسۈپ ئەلقاراداۋىي ۋە كۆپلىگەن ئالىملار ئىسپىرت ماددىسىنى پاكىز دەپ قارىغان.
 
ئۇلار تۆۋەندىكىلەرگە ئاساسلانغان:
 
ئەسلىدە ئۇ پاك، ئۇنداق بولىدىكە پاكلىقتىن نىجىسلىككە يۆتكەيدىغان سەھىھ ۋە ئېنىق بىر دەلىل بولمىسا ئۇ پاكلىقىدا قالىدۇ، نىجىسلىقىغا دەلىل يوق بولىدىكەن ئۇ پاك بولىدۇ، ھاراقتىكى نىجىسلىق ھۆكمىي (مەنىۋىي نىجىسلىق)تۇر، يەنى ئۇنىڭ ھۆكمى ھارام، كۆپلىگەن ماددىلاردا ئىسپىرت ماددىسى ئازدۇر-كۆپتۇر مەۋجۇت، ئۇ تازىلاش ۋە دېزىنفىكسىيە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ يىرگىنىش پەيدا قىلىدىغان پاسكىنا نەرسە ئەمەس، ھازىر تېببىي ۋە پاكىزلىق ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن ئۇنى نىجىس ئەمەس دېيىش ھەرەج ۋە قىينىلىشنى يوقۇتۇشنى تەلەپ قىلىدىغان قۇرئان كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن.
 
شەيخ رەشىد رىزا تەپسىرىدە مۇنداق دەپ يەكۈنلەيدۇ: "ھاراقنىڭ نىجىسلىقىدا مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىچىدە ئىختىلاپ بار، چۈلە قىلىپ ئىشلەنگەن ھاراق (نەبىيز) ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نەزىرىدە پاكىز، ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىسپىرت ماددىسى بار، ئىسپىرت بولسا ھاراق ئەمەس، ياۋروپا ئەتىرلىرى ساپ ئىسپىرتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا باشقا پاكىز ماددىلاردا بار بولغاندەك ئىسپىرت ماددىسىمۇ بار، ئىسپىرتنى نىجىس دەپ قاراش ئورۇنسىز، ھەتتا ھاراق نىجىس دەپ قارىغانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئىسپىرت نىجىس دېيىشكە بولمايدۇ". (تەپسىرى مانار 4-توم 500- 821- ۋە 866- بەتلەرگە قارالسۇن).
 
خۇلاسە: ئىسپىرت ماددىسىنى پاكىز دەپ قاراش ھازىرقى شارائىتتا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ بەزىدە ھاراققا ئوخشاش ئىشلىتىلسىمۇ ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە ئالىملار بىرلىككە كەلمىگەن، بۇلۇپمۇ ئۈزۈم شەربىتىدىن باشقا نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن ھاراق بولسا تېخىمۇ شۇنداق، ئىسپىرت ھازىر تۈرلۈك ماددىلاردىن ئىشلەنمەكتە.
 
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىسپىرتلىق ئەتىرلەر بەدەنگە ۋە كىيىم- كېچەككە چېچىلسا ئۇنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن ناماز دۇرۇس بولاۋىرىدۇ. (يۇقىرىقىلار ئاساسەن شەيخ ئەتىييە سەقىر رەھمەتۇللاھى ئەليھى پەتىۋالىرىدىن ئېلىندى. 1-توم 427-430-بەتكە قارالسۇن. يەنە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىمام ئەبۇ بەكىر ئەلجەسساسنىڭ ئەھكامۇل قۇرئان دېگەن تەپسىرىگە، ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەلمەجمۇئ 2- توم 582 - بەت، راددۇل مۇھتار 6-توم 449- بەتكە قارالسۇن)
 
بۇ ئالىملار ئارا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولغاچقا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە تايانغان دەلىللىرى بايان قىلىندى، سورىغۇچى قايسى قاراشقا كۆڭلى خاتىرجەم بولسا شۇ قاراشنى ئالسا بولىدۇ .
 
ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تەرجىھ قىلىش كېرەك بولسا، ئىسپىرت نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش كۈچلۈك. چۈنكى:
 
  1. ئىسپىرتنى ئىچىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن ئەھۋالدا ئايەتتىكى ھاراق ھارام قىلىنىش ئىللىتى تېپىلمايدۇ.
 
  2. ھاراقنىڭ نىجىسلىقى مەنىۋى. ئىسپىرتنى ھارام دېگەنلەرمۇ ئىسپىرتنى نىجىس دەپ ھارام دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ھاراقنى نىجىس ئەمەس دېسەك، بۇ ھۆكۈم يوقايدۇ. چۈنكى ھۆكۈم ئىللىتى بىلەن تەڭ يوقۇلىدۇ.
 
3. كولۇنيادىن باشقا ئەتىرلەردە ئىسپىرت ماددىسى پىرسەنتى بەك يۇقىرى ئەمەس، بەلكى گۈل سۈيى بىلەن ئارىلاش.
 
4. ئىسپىرت ھاراقتىكى بىر ماددا، لېكىن ھاراق ئۆزى ئەمەس.
 
5. ئىسپىرت نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش ھازىرقى خېلى كۆپ ئالىملارنىڭ قارىشى. مەسىلەن يۇقىرىقىلاردىن سىرت: شەيخ ئۇسەيمىن، بىننى جىبرىين رەھمەتۇللاھى ئەليھىلەر، دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى قاتارلىقلار.
 
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن: ئىسپىرتنى تېببىي ساھەدە تېرە، يارا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تازىلاشتا، مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈشتە ئىشلەتسىمۇ، ئەتىر ۋە مايلاردا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاھارەتكە ياكى نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئىختىلاپ بولغان مەسىلىكەن دەپ ئىشلەتمەي دېسە ئۇمۇ ياخشى. ھازىر ئەرەب ئەللىرىدە گۈل سۈيىنى قاچىلاپ ئىسپىرت قوشماي سۈرتۈپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر پۈركۈپ چېچىش لازىم بولسىلا ئىسپىرت قاتىدۇ.
 
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
 
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

                                          مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 598
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە598دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 6185 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-09

رەھمەت  سىزگە قىرىندىشىم !  
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 297
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە297دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3392 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 09:36

ئۇنداقتا بەزى ئالىملارنىڭ قارشى بۇيىچە كىيمىمىزگە ھاراق تۈكۈلۈپ كەتسە يۇيۋەتمەستىن ناماز ئۇقۇساق دۇرۇسكەندە
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 710
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە710دانە
ئۆسۈش: 1783 %
مۇنبەر پۇلى: 8392 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 09:42

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى sad~da نىڭ 2011-11-01 09:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئۇنداقتا بەزى ئالىملارنىڭ قارشى بۇيىچە كىيمىمىزگە ھاراق تۈكۈلۈپ كەتسە يۇيۋەتمەستىن ناماز ئۇقۇساق دۇرۇسكەندە

ھاراق نىمىشقا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؟
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 360
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە360دانە
ئۆسۈش: 750 %
مۇنبەر پۇلى: 4205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2011-12-13
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 10:26

3-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

  
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2110
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2110دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25178 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 12:44

2-قەۋەت (sad~da) نىڭ يازمىسىغا

sad~da قارىم، ھاراق بار يەردىن يىراق تۇرۇڭلا ھە...  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1370
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1370دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 14540 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-01-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 15:03

سائادجاننننننننننننننننننننن   ،، ھاراق بار يەدە نىم بار دەيمە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟