باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 536 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاللاھقا بولغان سەمىمىيىتىڭىز چىن بولسۇن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1099
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1099دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14724 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-31 00:28

ئاللاھقا بولغان سەمىمىيىتىڭىز چىن بولسۇن

ئاللاھقا بولغان سەمىمىيىتىڭىز چىن بولسۇن
 
 
مالىك ئىبن دىينار [1] مۇنداق دەيدۇ: بىر يىلى مەن ھەج قىلىش نىيىتىدە سەپەرگە چىققان ئىدىم، چۆللۈكتە كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر قاغىنىڭ ئاغزىدا نان چىشلىگەن ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە: « بۇ قاغا ئاغزىدا نان چىشلىگەن ھالدا ئۇچۇپ كېتىپ بارغىنىغا قارىغاندا چوقۇم بۇ ئىشتا بىر گەپ بار» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تاكى ئۇ قاغا ئۇچۇپ پەسلىگەنگە قەدەر ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئۇ قونغان جايغا باردىم ۋە بىردىنلا ئۇيەردە يېشىلەي دەپمۇ يېشىلەلمەيۋاتقان باغلاقلىق بىر ئادەمنى ئۇچراتتىم، قارىسام ھېلىقى <نان> باغلاقلىق كىشىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
 
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ كىشىدىن: «سىز كىم ۋە قەيەرلىك بولىسىز؟»- دەپ سورىدىم، ئۇكىشى جاۋابەن: «مەن ئەسلى ھەج قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان بىر يولوچى ئىدىم، يولدا قاراقچىلار مال-مۈلۈكلىرىمنى تارتىۋېلىپ مېنى مۇشۇ يەرگە باغلاپ، يالغۇز تاشلاپ قويۇشتى، بىر قانچە كۈننى ئاچلىقتا سەبىر قىلىپ ئۆتكۈزدۈم، كېيىن قەلبىمنى رەببىمگە يۈزلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا: ئەي ئۆزىنىڭ بۈيۈك كىتابىدا: « بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان كىم؟»[2] دەپ ئېيتقان زات! مانا مەن بېشىغا ئېغىرچىلىق چۈشكەنلەرنىڭ بىرىمەن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكىن!- دەپ دۇئا قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۇشۇ قارغىنى ماڭا يىمەكلىك بىلەن ئەۋەتتى» دېدى.
 
مالىك ئېيتىدۇ: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ كىشىنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يولىمىزنى بىرگە داۋام قىلدۇق، كېيىن ئىچىدىغان سۈيىمىزمۇ تۈگىگەچ چاڭقاشقا باشلىدۇق ۋە چۆللۈكنىڭ ئەتراپىغا قاراپ چىقتۇق، نەتىجىدە بىز ئۈستىدە كىيىك تۇرغان بىر قۇدۇقنى تاپتۇق، بىز قۇدۇق تەرەپكە يېقىنلىشاي دېگەندە، كىيىك ئۈركۈپ كېتىپ قۇدۇقتىن يىراققا بېرىۋالدى، بىز قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىغىنىمىزدا، سۇ قۇدۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئامال قىلىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىچىشتۇق، مەن ئۆز كۆڭلۈمدە كىيكنىمۇ سۇغارمىغۇچە بۇيەردىن ئايرىلمايلى دىگەننى ئويلىدىم ۋە ھەمراھىم ئىككىمىز كىچىك بىر ئورەك كولاپ، ئورەكنى سۇ بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن نېرىراق بېرىپ تۇردۇق، كىيىكمۇ سۇدىن قانغۇچە ئىچتى، شۇ ئەسنادا قۇلىقىمغا مۇنداق نىدا ئاڭلاندى: ئەي مالىك، سېنىڭ ھەمراھىڭ بىزگە دۇئا قىلىپ چىن قەلبى بىلەن بىزگە يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل كۆرۈپ ئۇنى تائاملاندۇردۇق، ۋە باغلاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردۇق، كىيىك بولسا بىزگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭمۇ ئۇسسۇزلۇقىنى بىز قاندۇردۇق».
 
............
 
ئەلقىسسە شۇكى، ئىنسان كۆپىنچە ئەھۋالدا بېشىغا كۈن چۈشكەن ياكى بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىغان ۋەياكى بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلگەن ۋەياكى بىرەر ئاۋارىچىلىققا يولۇققان پەيتلىرىدە، بېشىغا كەلگەن ئاشۇ كۈلپەتلەردىن قۇتۇلۇش ۋە چىقىش يولى ئىزدەش ئۈچۈن ھەرخىل ئويلارغا چۆكۈپ قىلمىغانلىرى قالمايدۇ، نەتىجىدە ئۇ قۇتۇلۇشنىڭ توغرا چارىسىنى تاپالماي چارە-تەدبىر ئىشلىتىشتە گاڭگىراپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن چىقىش يوللىرى تاقالغاندەك بىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ ئۆز-ئۆزىدىن نائۈمىد بولۇشقا باشلايدۇ، ئۇ ھەرقانداق چارە-ئامال ئىزدىمىسۇن نەتىجىدە ئۇ ناتوغرا بولۇپ چىقىدۇ، ئاخىردا ئۇ ئاللاھقا تەلمۈرگەن، نىيىتىنى خالىس قىلغان ۋە چىن قەلبى بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا كۈلپەتلىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى، غەم-ئەندىشىلىرىنىڭ يوق بولىشىنى ياراتقۇچىسىدىن سوراشقا باشلايدۇ، - (چۈنكى ئاللاھ تائالا ياردەم ئىستىگەنلەرنىڭ غەمگۈزارى، مەدەت تىلىگۈچىلەرنىڭ ياردەمچىسى، قورققانلارنىڭ پاناھگاھى ۋە تىلىگەنلەرنىڭ ئىلتىجاھگاھىدۇر) - شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتى بىلەن ئۇ بەندىسىگە نىجاتلىق ئاتا قىلىدۇ، مەرھەمىتى بىلەن ئۇنى قوغدايدۇ ھەمدە ھەرقانداق كۈلپەتتىن ئۇنى خالاس قىلىدۇ.
 
يەنە كېلىپ يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا ھەيران قىلىش ھاجەتسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشلار مۆجىزىمۇ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ: « بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟» [3] « مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن.» [4] دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي پاكىتىدۇر.
 
مانا ھېلىقى كىشى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس ئىتائەت كۆرسىتىش يولىدا كېتىۋاتاتتى بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ تەمىناتىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە بىرىنى تەيىنلىسە، ئارقىدىن يەنە بىرىنى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ كۈلپەتتىن خالاس قىلىشقا يەتكۈزدى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە خۇددى قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك رىزىق بېرىدۇ، قۇشلار ئەتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى توق قورساق قايتىپ كېلىدۇ.» [5]   
 
........................................
[1] مالىك ئىبن دىينار، بەسرە دە ياشىغان تابىئىنلار تەبىقىسىدىكى ئالىملاردىن بولۇپ ھىجرىيە 130- يىلى ۋاپات بولغان. 
[2] نەمل سۈرىسى 62-ئايەت
[3] نەمل سۈرىسى 62-ئايەت
[4] بەقەرە سۈرىسى 186-ئايەت
[5] تىرمىزى رىۋايىتى
 
 
مەنبە: <مۇتالەئە ۋە ئىبارىلەر> ناملىق كىتابچىدىن ئېلىندى.
 
رىدا تەرجىمىسى


مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى  تورى

پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 2003 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-01-08

ئاپتۇر (nida0998) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! تىمىڭىز مەمپەتلىك تىمىلاردىنكەن!
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 12:25

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ياخشى تېما يوللاپسىز،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! شۇنداق، بىز بەزىدە شۇنداق كارامەتلەرنىڭ ئۆزىمىزدە يۈز بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كېتىمىز، لېكىن سەمىمىيىتىمىز يىتەرلىك ئەمەس، ياكى شۈبھە ياكى ئىمانىمىزدىن شەكلىنىۋاتقان، ئىشقىلىپ خىياللار ئاجايىپ نۇرغۇن ياكى بولمىسا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرمىگەن، ئاللاھقا پۈتۈنلەي بولغان قەلب ئىتائىتى يوق دېگەندەك بىر تالاي نۇقسانلار.  ئاللاھ ھەرنەرسىگە قادىردۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئاللاھ بىزلەرگە مۇستەھكەم ئىتقاد، تەۋرەنمەس ئىمان ۋە رىيا- مىننەتسىز ئەمەل ئاتا قىلسۇن! قەلبلىرىمىزنى ھەرقاچان ئۆز دىنىدا مۇستەھكەم قىلسۇن! ئامىين! ئۇشبۇ مۇبارەك كۈنلەردە بارلىق مۇسۇلمانلارنى گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا نىسىپ ئەيلىسۇن! ئامىين!
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.