باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2770 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوباما: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش نادانلىقتۇر دىدى.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5623
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 238
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە238دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3178 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-09
ئاخىرقى: 2012-02-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 16:04

ئوباما: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش نادانلىقتۇر دىدى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرىزىدېنتى باراك ئوباما، «قۇرئاننى ئۆزئىچىگە ئالغان مۇقەددەس كىتاپلارنىڭ ھەرقانداق بىرىنى كۆيدۈرگەنلەر جاھىل-ناداندۇر» دەپ فلورىدا ئىشتاتىدا قۇرئاننى كۆيدۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ئافغانىستاندا بۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلىپ، قۇربان بولغانلارلارغا رەھمەت تىلىدى.ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر چېركاۋدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ قاتتىق ئەيىبلىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال داۋىد پېترۇس بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارك سېدۋىل، رادىكال قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان راھىب تېررى جونېسنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈۋېىشتەك قەبىھ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
گېنېرال داۋىد پېترۇس بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ، ئادەمنىڭ تولىمۇ غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغايدىغان، قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ناھايىتى قەبىھ قىلمىش، شۇنداقلا تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ، راھىب تېررى جونېسنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈۋېىشتەك قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارك سېدۋىلمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ، تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق ھەمدە ھۆرمەتسىزلىك، ئوچۇقراقى بۇ پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغىلا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجلىدە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا رادىكال قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان راھىب تېررى جونېس، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەلۇم بىر چېركاۋدا، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، باراك ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن نىيىتىدىن يانغانىدى.
بىراق راھىب تېررى جونېس، بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، باشقا بىر راھىب بىلەن بىرلىكتە 20 – مارت كۈنى بىر دانە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانىدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9456
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2011-11-03
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-31 09:50

ئاللا ئېگەم جاجاڭنې  بەرسۇن